تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2669|ئىنكاس: 5

«قىشلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۇلىنى تۇتۇۋالدى»غا ئىزاھات[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
922
تۆھپە
618
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 20:36:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«قىشلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۇلىنى تۇتۇۋالدى» غا ئىزاھات



      تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئابلىكىم ئىسىملىك تورداش «تەتىلدە ئۇسسۇل مەشىق قىلىشقا قاتناشمىغان ئوقۇتقۇچى 500 يۈەن جەرىمانە تۆلىدى» دېگەن نامدا كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى، ھېسداشلىقىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان ماقالە ئېلان قىلغان، ئۇ پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، پاكىتنى بۇرمىلىغان، بىر مەكتەپنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ماقالە بولۇپ، «سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك ئىش قىلغان. تۆۋەندە مەن ۋەقەنىڭ جەريانىنى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى، ئاندىن مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇددىئاسىنى، بىزنىڭ مۇددىئايمىزنى شەرھلەپ ئۆتىمەن.
      1. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىلدە ئۇسسۇل ئوينىشىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
      بۇ يىل 1 - ئايدا ناھىيەلىك پارتكوم ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەت چۈشۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يىزا - بازارلار تەلەپ بويىچە 100كىشىلىكتىن چاسا ئەترەپ بولۇپ تەشكىللىنىپ، يۈەنشىياۋ بايرىمىدا ناھىيە بازىرىدا كۆرەككە قاتنىشش تەييارلىقى قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىرىنچىدىن يۇقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرلغان، ئىككىنچىدىن نوقۇل ئوقۇتقۇچىلارلا بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغان، بۇ پائالىيەتكە ھەرقايسى يىزا - بازاردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسدىكى بىرقەدەر ياش ئوقۇتقۇچىلار، باشقا ئىدارە - جەمئىيەتتىكلەر، دېھقان –سەنئەتكارلار قاتناشقان بولۇپ، يىللىق مول - ھوسۇلنى تەبرىكلەش مەقسەت قىلىنغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھۆكۈمەت پائالىيىتى. يۇقىرىنىڭ ھۆججىتىمۇ بار، تەلىپىمۇ بار، ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ بار ئىش ئىدى. نوقۇل خانئېرىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەن ئىش ئەمەس.
      بۇ قېتىمقى ئۇسسۇل پائالىيىتىگە تەشكىللەشتە كۆپچلىكنىڭ ۋاقتىنى ئالماسلىق، ئىمكانقەدەر ھەم ۋاقىتنى تېجەش، ھەم پائالىيەت مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىنى ئويلىشىپ پانۇس بايرىمىغا 15 كۈن قالغاندا يىغىلىپ مەشىق قىلىش، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلار تولۇق تەتىل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
      بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھىيە خاراكتېرلىك ئاممىۋى پائالىيەت بولغاچقا ھۆكۈمەت ئىشىچى - خىزمەتچىسى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 10 - 15 كۈن ۋاقىت چىقىرىپ پائالىيەتكە قاتنىششى يوللۇق ئىش بولۇپ (شەرتكە چۈشكەن بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقاندىن سىرت، %70 كە يېقىن ئوقۇتقۇچى ئارام ئالغان)، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئەكسىچە بولغان بولسىمۇ، ئومۇمىي قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىقى بىلەن پائالىيەت ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ناھىيەنىڭ يىللىق مول - ھوسۇلنى تەبرىكلەش بايرام پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان.
      2. ئۇسسۇل مەشىق قىلىشقا قاتنىشالمىغانلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى
      ئۇسسۇل مەشىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئادەملەر بېكىتىلگەندە مەزكۇر ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار بولۇپ، يېڭى خىزمەتكە چىققان ياش ئوقۇتقۇچىلار كۆرەككە قاتنىششقا بېكىتىلگەن (ئۇسسۇل ئويناش ئەمەلىيىتى ئاساس قىلىنىپ، پىشقەدەم، قېرى، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلار قاتناشتۇرۇلمىغان)، بېكىتىلگەن چاغدا مەكتەپتە بار بولۇپ، ھېچقانداق داۋالىنىش ياكى سەۋەب كۆرسىتىش، رۇخسەت سوراش بولمىغان. ئۇسسۇل مەشىقى باشلانغاندىن كېيىن ئومۇمىي مەشىققە قاتنىششقا تېگىشلىك 100 ئادەمنىڭ 94 نەپىرى بۇ ئىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ياخشى كۈچ چىقىرىپ، بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلغان، لېكىن يۇقىرىقى ماقالىنى يازغان يولداشنىڭ ئايالى قاتارلىق 6 نەپەر ياش ئوقۇتقۇچىدا ۋەزىيەت ئېڭى، ئومۇمىيلىق ئېڭى، ئىتتپاقلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاچقا، ئۇلار مەكتەپتە بار تۇرۇپ، ئالدى بىلەن يوللۇق سەۋەبى بولسا رۇخسەت سوراشنى بىلمىگەن. ئەكسىچە مۇناسىۋەتكە تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، شۇ 10 نەچچە كۈنلۈك مەشىق ۋاقتىدىمۇ ئارام ئېلىۋېلىشىنى ئويلىغان. مۇناسىۋەت بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلى يار بەرمىگەندىن كېيىن، ئۇلار دوختۇرخانىنى ئىزلەپ تېپىپ، كېسەللىك ئىسپىراپكىسى ھەل قىلىپ (6 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 4 نەپىرى كېسەللىك ئىسپىراپكىسى تەييارلىغان بولۇپ، ئىسپىراپكىدا 3 كۈن دەم ئالىدۇ دەپ يېزىلغان)، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان ھەم مەكتەپكە ئىزچىل كەلمىگەن. ئىسپىراپكىنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش پائالىيەتنىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەي، ئىسپىراپكىنى باشقىلار ئارقىلىق مەكتەپكە يوللاپ، 3 كۈنلۈك ئىسپىراپكا ئارقىلىق پۈتۈن مەزگىلدىن ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلىغان (ئەمەلىيەتتە مەكتەپ تەشكىلىي ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇخسەت سوراش تۈزۈمى، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن سوراش، ئېتىبار بېرىشكە ئالاقىدار ناھىيە بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن قېلىپلاشقان قائىدە بار، ئەجىبا ئۇلار بۇنى بىلمەمدۇ؟).
      ئۇلار يازغان ماقالىسىدە مەزكۈر ئوقۇتقۇچىلارنى پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى قوللانغان دېگەن. ئەمەلىيەتتە 3 كۈنلۈك ئىسپىراپكىنى توغرا يول بىلەن دوختۇرخانىدىن ئالدى دېگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ 1 نەپىرى ئەر ئوقۇتقۇچى، 3 نەپىرى يېڭى توي قىلغان ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، تۇغۇت چەكلەش مەزگىلىدە ئەمەس (ئادەم بولغاندىكىن داۋالىنىش مەزگىلىدە بولۇشى مۇمكىن). يەنە بىر نەپىرى تېخى توي قىلمىغان قىز ئوقۇتقۇچى. ئىسپىراپكىدىمۇ بۇنداق مەزمۇن يېزىلمىغان.
      پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئومۇمىي ئىشلار خۇلاسە قىلىنىپ، يۇقىرىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 3 كۈنلۈك رۇخسەت ۋاقتى ئومۇمىي مەشغۇلىيەت ۋاقىتىدىن چىقىرىپ تاشلىنىپ، خۇلاسە قىلىنغان. قالغان سەۋەبسىز ئىش تاشلىغان كۈنىگە تەتىل مەزگىلى بولغاچقا ھەر كۈنىگە 50 يۈەندىن، 10 كۈنگە 500 يۈەندىن جەرىمانە تۇتۇلغان. بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك جەرىمانىسى يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇلار باشقىچە ئىپادىدە بولمىغان، لېكىن پۇل تۇتۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، توردا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
      3. مەزكۇر ماقالىنى يوللىغۇچىنىڭ مۇددىئاسى ۋە بىزنىڭ مۇددىئايمىز.
      مەزكۈر ماقالىنى يوللىغۇچى ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغۇچى 3 - 4 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھى يوق، ئۆزىنى بېغىشلاش ئېڭىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بىر - ئىككى يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئىشنىڭ ئاسىنىغا، ناننىڭ يۇمشىقىغا يۈگۈرەيدىغانلاردىن بولۇپ، مەيلى سىنىپ باشقۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش ياكى باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بولسۇن، قەدەمدە بىر ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپ ئەخلاقىغا مۇخالىب ئەھۋاللارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلار ئىدى.
      ئەمەلىيەتتە ھازىرقى دۇنيا ئۇچۇر دەۋرى بولۇپ، مەلۇم مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئۆز ئالدىغا تۇزۇم بېكىتىىۋېلىپ شۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئۇنداق قېلىپلاشمىغان ئىش نەدە تۇرۇپتۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە ناھىيە - ۋىلايەت بىرلىكىدە قائىدە - تۈزۈملەر بىرلىككە كەلتۈرۈگەن بولۇپ، تۈزۈم ئىچىدە بولساق ئۇنىڭچە ئەكسىچە بولسا شۇنىڭچە بولىدىغان گەپ.
      مەزكۇر ماقالىنى يازغانلار 500 يۈەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلىنى ئېغىر كۆرۇپ شۇنداق قاخشىغان، بىراق ئۇلار شۇنى ئويلىمىغانكى ھازىر مەيلى ئوقۇتقۇچى، مەيلى باشقا ئىشچى - خىزمەتچى بولسۇن ياكى پۇقرا ياكى كارخانىچى بولسۇن ئىقتسادىي قۇرۇلۇش مەركەز قىلىنىۋاتقان جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئىش ھەققى ئارقىلىق ئۆلچەش، مۇكاپاتلاش، ئىش ھەققى ئارقىلىق كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىدۇ.
      ئەجىبا سەۋەبسىز خىزمەت تاشلىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنىڭ «ھەققىنى» تۇتۇپ قېلىپ ياخشى ئىشلىگەنلەرگە بەرمەستىن، ئۇلارغىمۇ خوش - خوش ئېيتىپ، مەكتەپكە كەلمەي ئېغىر تۈزۈمسزلىك قىلسىمۇ پۇلىنى تولۇق بېرىش كېرەكمۇ؟ ئۇنداقتا خىزمەت ئادىللىقى نەگە كېتىدۇ؟ ئىشچانلار بىلەن ھورۇنلارنىڭ پەرقىچۇ؟
      مەكتەپ بىر قانۇنىي ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيەردە تەشكىل بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بولىدۇ، ئاتا - ئانىلار بولىدۇ. تەشكىل كۆرمىگەن ھالەتتمۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى شۇ خىل ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلارمۇ؟ كەلسمۇ ماقۇل، كەلمىسمۇ ماقۇلغا ھازىرقى جەمئىيەت، ئەمەلىيەت، تەلەپ ماس كېلەمدۇ؟
      ئەجىبا تورغا ماقالە ئېلان قىلسىلا  كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ توغرا ئىش خاتاغا، خاتا ئىش توغرىغا ئايلىنىپ قالارمۇ؟
      بىزدە «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دېگەن گەپ بار. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلىدۇرۇش شۇئارىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مائارىپقا بولغان تەلەپ ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. بىز مائارىپچىلارمۇ پارتىيە - ھۆكۈمەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاساسلىق تارماققا ئايلاندۇق ھەم تەسىرىمىز ئېشىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان بولۇپ، بىز ئوقۇتقۇچىلىقنى باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش جان باقىدىغان تۇرمۇشچىلىق يولى دەپ قارىۋالساق بولمايدۇ. ئازراق قۇربان بېرىش روھى، پىداكارلىق روھى، ئىتتىپاقلىق روھى، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھى بولمىغان كىشىلەر بۇ كەسىپنى «مائاشى بار» دەپلا تاللىسا خاتالاشقان بولىدۇ. قىسقىسى شەخسىيەتچىرەك، پۇلغا ئامراقراق كىشى بىزنىڭچە مائارىپنى كەسىپ قىلىپ تۇتمىغىنى ياخشى، بولمىسا يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
      بىزنىڭ بۇ ئىشقا تۇتىدىغان پوزىتسىيىمىز شۇكى، نۇقتىئىينەزەر تور يۈزىدە بولغانكەن بىزمۇ تور يۈزىنى تاللىدۇق. يەنە باشقا ئۇسۇل - چارىلەر بىلەن باشقىلارنى (جۈملىدىن شۇ 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى خىجىل قىلمايمىز) گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە.
       مائارىپ كەڭ بىر سەينا! ئۇنىڭدا ئۆزىنى بىغىشلايدىغانلارغا، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغانلارغا تامامەن پۇرسەت بار. ياشلار جاھاننىڭ مەنزىلىنى تولۇق باسقىچە نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ھاجەتمەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ «كىتاب ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 11:49  


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
باتۇرجان مەمەت
تىللا
82
تۆھپە
23
UID
13718
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنى ئوقۇپ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ خېلى چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلدىم،دىگەنلىرىڭىز توغرا،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شىتات تولۇقلاش» سەۋەپلىك مائارىپ سېستىمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋاتقانلار  يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپ باشقۇرۇشمۇ قىيىنلىشىپ بېرىۋاتىدۇ،سەۋەبى يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ«مۇناسىۋەت تورى» بار،شۇڭا يۇۋاشلار ئىشلەۋېرىدىغان،«مۇناسىۋەت»ى بارلار بىر ئامال قىلىپ ئوقۇشقا ماڭىدىغان لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپمۇ يەنىلا ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئەھۋاللار خېلى گەۋدىلىك بولىۋاتىدۇ،بىزلەرنىڭمۇ يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلارنىڭ ئىچىدىكى ياخشى ئىشلەيدىغان(يۇۋاش)لارنى ھەرگىز ئوقۇشقا ئىبەرتكىمىز كەلمەيدۇ،يامان«مۇناسىۋەت تورى بار»لاردىن قورقىمىز،شۇڭا مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن قانۇن بويىچە تۈزۈپ  ۋە ئۆگەرتىپ،قاتتىق ئىجرا قىلساڭلار باشقا گەپ چىقمايدۇ.ئەمما سىلەر(مەكتەپ رەھبەرلىرى)شەنبە كۈندە ئىشلەيدىغان ئىشلارنى چوقۇم يۇقۇرىغا ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق تۈگۈتۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭلار كېرەك بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baturjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 17:57  



Rank: 2

ئىسىمى
باتۇرجان مەمەت
تىللا
82
تۆھپە
23
UID
13718
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇندىن باشقا سىلەر سەۋەپسىز قاتناشمىغانلاردىن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى تۇتقاندىكىن تولۇق قاتناشقانلارغا ئارام ئېلىش ۋاقتىدا ئىشلىگەنلىگى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پۇلى بەردىڭلارمۇ قانداق،ئەگەر يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىلدۇق ،پۇل بېرىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ دىسەڭلار قولۇڭلاردىن كېلىدىغان-دەرسىنى ئۆتۈپ بولۇپ ئارام ئېلىش شەكلى ئارقىلىق تەتىلدە ئۇسۇل ئويناشقا قاتناشقان ئارام ئېلىش ۋاىتىنى تولۇڭلاپ بەرسەڭلەرمۇ مۇۋاپىق بولىدىغۇ دەيمەن ئەلۋەتتە ھەممە ئادەمنى كۈندە قويۇپ بەر دىگەنلىك ئەمەس، گورۇپپىغا ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرساڭلار دىمەكچى ،مۇشۇنداق بولغاندا تۈزۈمگە بويسۇنمىغانلارنى جازالاش،بويسۇنغانلارنى مۇكاپاتلاشتەك مۇكاپات-جازا ئېنىق ئايرىلغان باشقۇرۇش شەكلىنى قوللانغان بولىسىلەر،قېنى ئويلۇشۇپ كۆرۈڭلار،ساخاۋەتنىڭ قازاسى يوق.


Rank: 2

ئىسىمى
باتۇرجان مەمەت
تىللا
82
تۆھپە
23
UID
13718
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنەدەيدىغىنىم  مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىرىگە قايتا-قايتا ئىنكاس قىلىپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ئارام ئېلىش كۈنىدە نورمال ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭلار،بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى،ئۇندىن باشقا ھەپتىلىك خىزمەتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ،بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ 5 كۈندە تۈگۈتۈشكە كاپالەتلىك قىلساڭلار


Rank: 2

تىللا
176
تۆھپە
30
UID
671
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت بىر تەرەپلىمىلك چۈشەندۇرۇش بوپتۇ خالاس.ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىدىغانلار ۋە خالىغانچە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتكە تەشكىللەش قىلمىشى بۇ مائارىپىمىزدىكى تىخىچە ھەل قىلىنماي كىلۋاتقان مەسلە ،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:38, Processed in 0.076676 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991