قىز چىقتى
قەلەمىي
ئىشىك ئېچىلىپ شىپپىدە يۈزىنى ياپقان قىز چىقتى .
بويى زىلۋا زەپ ئوماق چىۋەر چاققان قىز چىقتى .
كەتتى ئېلىپ روھىمنى قالدى جىسمىم تاش بولۇپ ،
جاننى ئېلىپ روجەكتىن قىيا باققان قىز چىقتى .
ھەيرا نۇ ھەس مەجنۇنتال تەڭلىشەلمەس ساچىغا ،
ئۇزۇن كۆڭلەك ياغلىقتا ئۆزىنى تاپقان قىز چىقتى .
مېھرى دەريا قەلبى سۈت لالە -رەيھان گۈل ئىپار ،
ئىككى مەڭزى ئالمىدەك يۈرەك ئاتقان قىز چىقتى .
ناز لاتاپەت ئەخلاقنى جاندىن ئۇلۇغ چوڭ بىلەر ،
ھۆر پەرىلەر ھەسەتتە قانات قاققان قىز چىقتى .
خىيالىمدا نەچچە رەت مەھەللىسنى چۆرگىلەپ ،
كېتەلمەستىن مەسىت بولۇپ ئىشكىن قاققان قىز چىقتى .