تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 3162|ئىنكاس: 6

ئەلۋىدا ئۇستاز ( مەرسىيە )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:42:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلۋىدا ئۇستاز


(چەرچەن تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ پىشقەدەم مۇخبىرى مەمتىمىن سەيدىگە مەرسىيە)


ئارىمىزدىن كەتتىڭىز بالدۇر،

شاگىرتلارنى قۇيۇپ ھەسرەتتە.

ئەسەر يېزىپ كۆرسەتسەك سىزگە،

رىغبەت بەرگەن كۈچلۈك مەدەتتە.


قەلىمىڭىز توختىماس ئىدى،

شىئېر بىلەن ئاخبارات يېزىپ.

يېزا قىشلاق ئېتىز بېشىدا ،

دېھقانلاردىن ماتېرىيال قېزىپ.


كوئىنلۇن يىغلار، دەريا تولغۇنار،

چەرچەن خەلقى ماتەمدە بۈگۈن.

شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەر باشتىن،

ئەلەم بىلەن چىقماقتا تۈتۈن.


مول-ھۇسۇللۇق ئەجىرلىك ئۇستاز،

يەرلىكىڭىز بولغىدى جەننەت.

يىغلاپ قاخشاپ ئۇزاتتۇق سىزنى،

يۈرەكلەردە قالدى نادامەت.


چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:01:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ، داڭلىق  كىشىلەر ھامان ئۇنتۇلمايدۇ . ياش مۇخبىرلارنىڭ بۇ مەرھۇم ئۇستازنىڭ ئىزىنى بىسىشىنى ئۇمىد قىلىمز !!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
512
تۆھپە
296
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:06:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
490
تۆھپە
184
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 23:07:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەرسىيىنى ئوقۇپ مېنىڭمۇ مەرھۇم ئۇستازىم يادىمغا يېتىپ قالدى .
قەلبىمىزنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتقان ئۇستازلار ئىككىلا ئالەمدە ئىللىق  نۇرلارغا چۆمۈلگەي !
پولات ئەپەندى ،ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1100
تۆھپە
627
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 18:44:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، قايتىدىغان يېرىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. ئۇستازىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن.

Rank: 1

تىللا
48
تۆھپە
20
UID
4099
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 15:23:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوئىنلۇن يىغلار، دەريا تولغۇنار،

چەرچەن خەلقى ماتەمدە بۈگۈن.

شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەر باشتىن،

ئەلەم بىلەن چىقماقتا تۈتۈن
سز نىمە ئۇچۇن شۇم خەۋەر دەيسىز ئەگەر ئۇستازىڭىز سىز دىگەندەك ياخشى ئىش قىلغان كىشى بۇلسا مامات ئۇ كىشى ئۇچۇن ھاياتتىن ياخشى ئەگەر ( بۇ بىر پەرەز) ناچار ئادەم بولسا بۇ ئادەمنىڭ ھايات ياشغىنىدىن ئولگىنى تۇزۇك ئۇ چاغدا بۇ خوشخەۋەر بۇلىدو

Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
37
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:19:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىگەم ئامانەتنى ئالغۇسى كەلسە ۋاقىتسىز ئىپ كىتىدۇ ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:30, Processed in 0.073074 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991