تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1717|ئىنكاس: 3

يېڭىچە مەدەنىيەت ئېڭى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
275
تۆھپە
95
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 01:00:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭىچە مەدەنىيەت ئېڭى


(تور يازمىلىرىدىن تەسىراتىم)


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



    يەرشارىلىشىشنىڭ ئىچىدە كۆپ قۇتۇپلار تەڭپۇڭلۇقى،كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى،دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى يېڭىچە مەزمۇن بولۇپ،ئىناق دۇنيا ئىدىيسى ئاساسى تېما.
كۆپ خىللىقى ساقلانغان يەرشارى مەدەنىيتى،مەدەنىيەت ئېكىلوگىيسى يارىتىپ،مەدەنىيەت زومىگەرلىكى ۋە مەدەنىيەتتىكى يەككىلەشتۈرۈشكە قانداق تاقابىل تۇرۇشتا ھالقىلىق مەسىلە — مەدەنىيەت ئېڭى مەسلىسى.چۈنكى،سىياسى،ئىقتىساد،ئىلىم-پەن،تېخنىكا دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئادەم قاتنىشىدۇ.ئادەم مەلۇم مەدەنىيەتكە تەۋە.
    مەدەنىيەت ئېڭى بولمىسا ئوخشىمىغان مىللەتلەر مەدەنىيتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. «مەدەنىيەتنىڭ تۇغۇلۇشى ھەم ئۆلۈشى جانلىقلارنىڭ تۇغۇلۇش،ئۆلۈشىگە ئوخشىمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆز قانۇنىيتى،ئۆز گېنى بولىدۇ». مەدەنىيەت ئەگەر مۇشۇ ھاياتلىق گېنىدىن ئايرىلسا،تارىخ ۋە ئەنئەنىدىن ئايرىلسا تەرەققىيات دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىخ ھەم ئەنئەنە بۇ ئىككىسى مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشىدىكى يىلتىز ۋە ئۇرۇق.
    مەدەنىيەت ئېڭى كەم دېگەندە مۇنداق ئۈچ قاتلام مەنىگە ئىگە:
    بىرى،ئاكتىپ ھەم ئاڭلىق ھالدا بىرخىل مەدەنىيەتنىڭ تارىخى ۋە ئەنئەنىسىنى قوغداش،ئۇنى داۋاملىشىشقا،تېخىمۇ جۇلالىنىشقا ئېرىشتۈرۈش.
    ئىككىنچىسى،ئەنئەنە ۋە بەرپاچىلىقنىڭ بىرلىكىدىن چىقىش قىلىپ، كېلەچەككە يۈزلىنىش.دوگمىچىلىق ۋە ئۆلۈك تەقلىدچىلىكتىن ساقلىنىپ،ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىش.
    ئۈچىنچىسى،سىرتقى مۇھىتقا دېققەت قىلىپ،ئۆزنى چۈشىنىشكە سىرتنى چۈشىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ،يېڭى دۇنيا تەرتىۋى ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنى تەھلىل قىلىپ يېتىش. مىللى ئۆزلۈككە ئېتىبار بېرىپ،مىللى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەھمىيتى ۋە دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشالايدىغان تۆھپىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىش.
    ئومۇمەن، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى توغرا بىلىپ يېتىش ۋە توغرا ئىزاھلاش ھەم ئۇنى رېئاللىققا باغلاش،باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى،ئىلغارلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىش، دۇنيا مىللەتلىرى بىلەن بىرگە يېڭىچە مەدەنىيەت مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىش— مانا بۇ يېڭىچە مەدەنىيەت ئېڭىدۇر.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:08:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ مۇنۇ سۆزى :ئومۇمەن، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى توغرا بىلىپ يېتىش ۋە توغرا ئىزاھلاش ھەم ئۇنى رېئاللىققا باغلاش،باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى،ئىلغارلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىش، دۇنيا مىللەتلىرى بىلەن بىرگە يېڭىچە مەدەنىيەت مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىش— مانا بۇ يېڭىچە مەدەنىيەت ئېڭىدۇر. مانا بۇ مەدەنىيەت ئىڭىغا يىتىش ئۇچۇن بىزگە تارىخنى ئەينەن سۆزلەيدىغان ، ئالىم ۋە ئۇستازلار بولىشى كىرەك . شۇنداق بولغاندىلا جۇڭخۇا مىللەتلىىرى دۇنيا مىللەتلىرى بىلەن يىڭى مەدەنىيەت مۇھىيتىنى ياراتقىلى بولىدۇ .


Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
37
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:23:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تىيمىڭىزغا رەھمەت.................................


Rank: 4

تىللا
213
تۆھپە
183
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئېلىم پەن تەرەقى قىلىپ يەر شارى . بۇرۇنقىدەكسىرلىق ھەم چوڭ بىلىنمەيدىغان  شۇنداقلا .
بىرخىل ئۇقۇم ..يەر شارى كەنتى..تىلغا  ئىلىندىغان بولوپ قالدى.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا.بىزلەردە .
يەنىلا مەدىنيەت ئىڭى سۇس بولسا . باشقا تىمىلاردىن سۇز ئېچىش تىخمۇ قىيىن .ۋاقىت تارىخنى يارتىدۇ.
تارىخ .ېنسانلارنى ئۇزنى بىلىشكە ھەيدەكچىلىق قىلدۇ.سىزگە رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:28, Processed in 0.071301 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991