تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1377|ئىنكاس: 3

مەنپەئەت ۋە ئۆلۈم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
275
تۆھپە
95
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 23:05:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنپەئەت ۋە ئۆلۈم

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

مەنپەئەتكام «ئارام» ئالسا ئەجەلدە،
ھوقۇق خانىم يالغۇزسىراپ ھازىدار.
بۇ ئالەمنىڭ بانكىسىدا ۋاپا يوق،
تاتلىق مەنپەئەت ئىشلىتىدۇ،بىز چاكار.

مەنپەئەتكام ئارام ئالار ئاخىرى،
خوتۇن-بالا قالار ھامان بىپەرۋا.
مەنپەئەتنىڭ زەنجىرلىرى جاراقلار،
نېمىمۇ دەي ئىنسانلىققا،ۋاي توۋا...

مەنپەئەتكام نامىزىدا ئادەم كۆپ،
تاھارەتتەك بىر ھەقىقەت ئاشكارا.
نېمە بىلەن بىھۇشلاندۇق ئاقىۋەت،
مەنپەئەتسىز كۆزئالدىمىز قاپقارا!

شەھەرنىڭ چۈشى

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



شەھەر چۈشى ئالدىراڭغۇ چۈش،
جەريانى بار، يەكۈن بولمايدۇ.
يۈرىكىگە يېقىقلىق سائەت،
ئاسمىنىدا يا كۈن بولمايدۇ!

چۈش ئىچىدە نۇرلۇق سەھرالار،
بەلكىم يەنە ۋۇجۇت توڭلايدۇ.
شاۋقۇندىكى تەنھالىق ئارا،
قارا بېسىپ شەھەر توۋلايدۇ...


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:10:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالەمنىڭ بانكىسىدا ۋاپا يوق،
تاتلىق مەنپەئەت ئىشلىتىدۇ،بىز چاكار.
مانا بۇ ھەقىقى سۆز ئىكەن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1540
تۆھپە
1242
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:14:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە ،،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،،،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
37
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:40:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە بىلەن بىھۇشلاندۇق ئاقىۋەت،
مەنپەئەتسىز كۆزئالدىمىز قاپقارا!

شۇنداق ياخشى يىزىپسىز. بۇلۇپمۇ مۇنۇ مىسىرالىرىڭىز ،

يۈرمەيلى مۈگدەپ ھىچ ئىش يوقتەك،
كىلەر بىر كۈن بىششىمىزغا ئەجەل قۇشى.
قالىمىز ئۈلگۈرەلمەي ئادا قىلىشقا پەرىزنى،
غەمسىز كارۋاندەك مىڭىپ بۇ كۈننىڭ ئۈتىشى.

قۇشۇنچە يىزىپ قويدۇم مىنى كەچۈەرۈڭ . رەھمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:30, Processed in 0.070936 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991