زەيتۇن مېيىدىن پايدىلىنىشنى بىلەمسىز؟
كالپۇك ئاسراش
كالپۇك يېرىلىپ كەتسە، پاختا پەلكۈچنى زەيتۇن مېيىغا تەككۈزگەندىن كېيىن كالپۇكقا سۈركىسە ھەمدە بارماق بىلەن بىرنەچچە مىنۇت يەڭگىل ئۇۋىلاپ بەرسە، مۇشۇنداق قىلىشنى 2 - 3 كۈن داۋاملاشتۇرسا، يېرىلغان كالپۇك ئەسلىگە كېلىدۇ.
تەگ گىرىمىنى ياخشىلاش
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا يۈزگە گىرىم ئوڭايلىقچە سىڭمەيدۇ، بۇنداق چاغدا ئاساسىي گىرىم بۇيۇمىغا 1 - 2 تېمىم زەيتۇن مېيى تېمىتىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن يۈزگە تەكشى سۈركىسە، تېرە شۇئان بۆلەكچىلا جانلىق كۆرۈنىدۇ.
چاچ ئاسراش
چاچ يۇغاندا چاچقە ئازراق زەيتۇن مېيى سۈركەپ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن چايقىۋەتسە، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم مۇشۇنداق قىلىپ بەرسە، قۇرغاقلىشىپ كەتكەن چاچنى نورماللاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
پۇت ئاسراش
دېڭىز تۇزى بىلەن زەيتۇن مېيىنى 1:2 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، پۇتقا سۈركەپ ئۇۋىلىغاندىن كېيىن، يەنە لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ ئۇۋىلاپ بەرسە، روشەن ئۈنۈمى بولىدۇ.
تىرناق ئاسراش
تىرناققا زەيتۇن مېيى سۈركەپ ئۇۋىلاپ بەرسە، تىرناق ئۈنچىدەك پاقىراپ، تەبىئىي ساغلام پاقىراقلىققا ئىگە بولىدۇ.
ئاپتاپتىن ساقلىنىش
قۇياش ئوتتەك قىزىتىپ تۇرغان شارائىتتا مەشغۇلات ئىشلەشكە توغرا كەلسە ،يۈزگە زەيتۇن مېيى سۈركىۋالسا، تېرىنى ئاپتاپتىن ساقلاش بىلەن بىللە، تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى نەملىكنىڭمۇ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قورۇق يوقىتىش
يۈزگە ھەر كۈنى يېتىشتىن بۇرۇن زەيتۇن مېيى سۈركىۋالسا، قورۇقنى يوقىتىپ، يۈز تېرىسىنى يۇمرانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
زەيتۇن مېيىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى
1. كۆزىتىش: ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە ساپ زەيتۇن مېيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، سارغۇچ يېشىل رەڭدە كېلىدۇ، رەڭگى قانچىكى قېنىق بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
2. پۇراش: زەيتۇن مېيى سۇس مېۋە خۇشپۇرىقىغا ئىگە، ئەڭ ياخشىسى ئۆرۈك مېغىزى پۇرىقىغا ئىگە بولىدۇ.
3. تېتىپ كۆرۈش: ئېغىز سېزىمى سىلىق بولۇپ، بەزىدە دەقىقە ئىچىدە زەيتۇن مېۋىسىنىڭ ئېغىزنى قورۇيدىغان قىرتاق تەمى بىلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 10:32