پىشقەدەم شائىرغا
بىلقىز سۇلايمان

شائىرسەن لىرىكاڭ مەن ئۈچۈن ئىلھام،
سۆزلەرنىڭ كانىدىن گۆھەر قازىسەن.
ھەر مىسراقەلبىڭنىڭ كۆركەم ئۈنچىسى،
ئىلھامىڭ تەپتىدىن نۇرلار چاچىسەن.

قەلپلەر ئەينىكى سېنىڭ قەسىدەڭ،
ئىلھامىڭ بۇلىقى خەلقىم ئىستىكى.
سەن گويا دەۋرىمنىڭ كۈيچى بۇلبۇلى،
نەزمەڭگە مەزمۇندۇر زامان تىلىكى.

شېئىرىيەت گۈلبېغى ئىچرە رەڭمۇ رەڭ،
ئېچىلغان گۈللەردە سېنىڭ مېھرىڭ بار.
سەن گويا شۇ باغنىڭ بىر پەرۋىشكارى،
ھەر نوتا گۈللەرگە تۆككەن تەرىڭ بار.

ئىزىڭدىن كېلىمىز بىر ئەۋلات شۇ تاپ،
ئىقبالغا كۆز سېلىپ زور ئۈمۈد بىلەن.
ئۈزۈلمەس بۇ تارىخ قۇچار شان -شەرەپ،
ئىجادىڭ سۇلماس بىر كۆركەم گۈلچىمەن.
1982-يىل 24-ئاپرىل.
