چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى ھەققىدە يېڭى بايقاش
جۇڭگو رادىيو تورى خەۋىرى : چىڭگىزخان پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر ئىستېلاچى ، ئۇ پۈتۈن موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان .ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىرغا قەدەر بىر سىر ئىدى . نىڭشيالىق پېنسىيەگە چىققان ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىسى ۋاڭ جىڭۋۇ ئەپەندى 40 نەچچە يىلدىن بۇيان يۈەن سۇلالىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، يېقىندا ، زور ئىشەنچ بىلەن ‹‹چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى ۋە يۈەن سۇلالىسى خانلار قەبرىستانلىقى نىڭشيانىڭ خېلەنشەن تېغىدا ›› دېگەن يەكۈننى چىقاردى . چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنىنىڭ بايقىلىشى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ۋاڭ جىڭۋۇ ئەپەندى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن جۇڭگو رادىيو تورىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا خېلەنشەن تېغىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئاخبارات ۋاستىسىدا بۇ بايقاشنى ئېلان قىلىپ ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەزكۇر قەبرىستانلىقنى قوغداش بىلەن بىرگە ، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى قانات يايدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى .
يۈەن سۇلالىسى مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى بىردىنبىر خانلار قەبرىستانلىقى يوق سۇلالە بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ھازىرغىچە بارلىق موڭغۇل خانلىرى بىلەن خان جەمەتى قەبرىستانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى يوق ئىدى ، شۇنداقلا كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەڭگۈلۈك بىر سىر بولۇپ قالغانىدى . بولۇپمۇ، بىر ئەۋلاد جاھان ئەركىسى چىڭگىزخاننىڭ دەپنە قىلىنغان ئورننى ئېنىقلاش تولىمۇ مۈشكۈل بولغان بىر سىر ئىدى .
