تەكشۈرۈشنامە
مەن بىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشكىنىمگە ئۇزۇن بولمىغان بىر مەمۇر خادىم ، خىزمەت تەجرىبەمنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولدۇم ، مەن ھازىر ئۆز -ئۆزۈمنى تەكشۈرمەكچى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشتىن ئۈلگە ئېلىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە تەربىيەگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق : نەچچە كۈن ئىلگىرى ، بىزنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىمىزنىڭ سېكرىتارى ماڭا ئۇقتۇرۇپ ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى شەھىرىمىزگە كېلىپ پاكلىق خىزمىتىدىكى ئىلغار تىپلارنى زىيارەت قىلماقچى، شەھەر رەھبەرلىرى ئويلىشىپ ، شەھىرىمىزدىكى بىر قانچە پاكلىق قۇرۇلىشى جەھەتتە خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەن بىر قانچە ئىدارىنىڭ رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ بىرلىكتە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى ، بۇ ئىشنى باشقىلارغا ماڭا خەۋەر قىلىشنى بۇيرىدى،شۇ چاغدا ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى، شۇڭا مەن ھەر قايسى ئىدارىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلغاندا تېلېغوندا قىسقىلا قىلىپ: «سىلەرنىڭ ئىدارىنىڭ باشلىقى ئەتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە بىر كېلىپ كەتسۇن » دېدىم .
كىم بىلسۇن ، يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىدىلا ئالدى – كەينىنى تۇتالماپتۇ ، نەق مەيداندىلا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ھوشىغا كەلمەپتۇ ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە خەتەردىن قۇتۇلالماپتۇ.
تېخىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ كۈنى ئاخشىمىلا شەھەرلىك خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپتۇ.
شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق ، تاماقمۇ يېمەي شەھەردىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەردىكى مائارىپ سېپىدىكى تايانچ كۈچلەردىن بىر نەچچىنى ، شەھەرلىك 8- مارت بايراقدارى بولغان بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنى ئېلىپ يوقاپ كېتىپتۇ ، ئىككى كۈندىن كېيىن كانادالىقى ئېنىقلىنىپتۇ.
سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ ئاخشىمى ئۆزىنىڭ ئاشنىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ . ئۇنىڭ پەرىزىچە ، مۇشۇ پاسكىنا بۇنى چېقىپ قويغان گەپ.
سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دارا يەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ ، يەنە بىر پاش قىلىش تىزىملىكىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ.
ھەممىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ كېچىسى ئۆز ئىشخانىسىدا ئۆزىنى ئېتىۋاپتۇ، ئۇ ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ ، مەن بىر ئادەم بىر مۇنچە ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىم ، ئۇلارنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. دەپتۇ.
بۇ بىر مەزگىل شەھەرگە تەۋە ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلارنىڭ خىزمىتى پالەچ ھالغا چۇشۇپ ، قالايمىقانلىشپ كەتتى، بۇ ئېچىنىشلىك ئىشلارغا مېنىڭ خىزمەتتىكى تەجرىبەمنىڭ يوقلىقى ، ئىشلارنى ئاددىي بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنىڭ ئاقىۋىتى ، مەن ھازىر بەك ئازاپلىنىۋاتىمەن، بىئارام بولىۋاتىمەن ، شۇڭا ئالاھىدە بۇ تەكشۈرۈشنامىنى يازدىم، ئۈمىد قىلدىغىنىم رەھبەرلەرنىڭ ماڭا بىر پۇرسەت بېرىشىنى ، كېيىنكى ئىپادەمگە قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .......