تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 10319|ئىنكاس: 11

ئاچ قورساق ۋاقىتتا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
365
تۆھپە
230
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 13:47:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاچ قورساق ۋاقىتتا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر



      ئاچ قورساق ۋاقىتتا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر. قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە، ئادەم تاماق تاللىماي قالىدۇ، ئەمما قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە نېمىلا بولسا يەپ قورساق تويغۇزۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق،  شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندىمۇ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
      1. سۈت، پۇرچاق سۈتى
      بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىل ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ خوراپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بولسا پىچىنە، بولكا قاتارلىق ئۇن يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك ياكى تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئىچىشكە بولىدۇ ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچسىمۇ بولىدۇ.
      2. قېتىق
      ئاچ قورساق قېتىق ئىستېمال قىلغاندا، قېتىقنىڭ سالامەتلىكنى ئاسراش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكنى ئاسىراش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ھەزىم قىلىش رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
      3. چاي
      چاينى ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق، مەزمۇت تۇرالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
      4. كەمپۈت
      كەمپۈت بولسا بىر خىل ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىك، ئاچ قورساققا كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋالغاندا، ئادەم بەدىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان شېكىرىنىڭ نورمال قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالماي، قان سۇيۇقلۇقىدىكى قان شېكىرى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال ئوڭايلا كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ كەمپۈت كېسلاتالىق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، ئاچ قورساق كەمپۈت يىگەندە يەنە ئوڭايلا تەندىكى كىسلاتا - ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى ۋە تۈرلۈك مىكرو جانلىقلار تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، سالامەتلىكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
      5. ئەبنوس، پەمىدۇر
      بىر قەدەر كۆپ ژېلاتىن، تاننىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماددا ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىدا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ تەستە ئېرىيدىغان كوللوئىد پارچىسى ھاسىل بولۇپ، ئوڭايلا ئاشقازاندا تاش پەيدا بولۇۋالىدۇ.
      6. بانان
      بانان تەركىبىدە بىرقەدەر كۆپ بولغان ماگنىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا بانان يىگەندە تەندىكى ماگنىي تۇيۇقسىزلا ئۆرلەپ بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقىدىكى ماگنىي-كالتىسىي تەڭپۇڭسىزلىشىپ، يۈرەك-قان تومۇرغا بېسىم چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بۇمۇ سالامەتلىككە ياخشى ئەمەس.
      7. دولانا، ئاپلېسىن
      كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە كىسلاتاسى، دولانا كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىپ، يېپىشقاق پەردىگە نىسبەتەن ياخشى بولمىغان غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈپ، كېكىرىك پەيدا قىلىپ، ئاشقازاندىن سۇ يېنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      8. سامساق
      سامساق تەركىبىدە كۈچلۈك ئاچچىق تەملىك سامساق ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسى ۋە ئۈچەي دىۋارىغا نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازان - ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش، مۇجۇپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
      9. تاتلىقياڭيۇ
      تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە تاننىن ۋە كوللوئىد بار بولۇپ، ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
      10. سوغۇق ئىچىملىك
      ئاچ قورساق ھالەتتە تۈرلۈك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يىگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە: news.xinhuanet.com



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
165
تۆھپە
120
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 18:32:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوقمان ھېكىم ئۆز ئوغلىغا نەسىھەت تەرىقىسىدە تۆۋەندىكىلەرنى بۇيرىدى :ئاز گەپ قىلىش،ئاز ئۇخلاش ۋە ئاز تاماق يېيىشنى ئۆزۈڭەە ئادەت قىلغىنكى،بۇنۇڭدىن سالامەتلىكىڭ ھەمىشە ياخشى بولىدۇ!!!!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
228
تۆھپە
90
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 22:44:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 3Rank: 3

تىللا
228
تۆھپە
90
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 22:44:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

تىللا
325
تۆھپە
106
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 00:31:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىقىمىزنى ئاسراش ئۈچۈن بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
187
تۆھپە
84
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:12:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا كۆپ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن ، تېما ئىگىىسىگە رەخمەت ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز . ھارمىغايسىز .......


Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:27:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قۇرسىقىم ئاچقاندا قېتىققا نان چىلاپ ئىچەتتىم، ئەمدى دىققەت قىلسام بولغىدەك.


Rank: 4

تىللا
202
تۆھپە
108
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 14:29:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆپۈنچە  قورساق  ئاچقاندا  تاتلىق  ياڭيو  يەيتىم  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 19:23:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىشتىھايىم يوق مۇشۇ كۈنلەردە،   


Rank: 2

تىللا
32
تۆھپە
23
UID
18845
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاچ قۇرساققا سۇغۇق ئىچىملىك ئىچەتتتىم ئەمدى دىققەت قىلسام بولغۇدەك ،،   رەھمەت سىزگە؛


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:37, Processed in 0.078253 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991