تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 26061|ئىنكاس: 32

تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنى ئىت بىر كېچە قوغدىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
365
تۆھپە
230
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 13:17:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنى ئىت بىر كېچە قوغدىدى



20120610113917816.jpg



      جۇڭگو ئاخبارات تورى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گانادىكى بىر جۈپ باغرى تاش ئاتا - ئانا تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى ھەپتە بولغان قىز بوۋاقنى بورجاتانجا رايونى ئەتراپىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا تاشلىۋەتكەن. بىر ئىت بۇ قىز بوۋاقنى بايقاپ قېلىپ، بىر كېچە قوغدىغان، تاكى قىز بوۋاق قۇتقۇزۇلغىچە يېنىدىن ئايرىلمىغان.
      ئىزدەش ئەترىتىنى ئىتنىڭ ئىگىسى ئىتىنى ئىزدەش ئۈچۈن چاقىرغان ئىكەن، چۈنكى ئۇ كەچتە ئۆيگە قايتىپ ئۆزىنىڭ ئەرمىكىنىڭ يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەنسىرىگەن. ئاندىن ئىزدەش ئەترىتى بۇ ئىت بىلەن بۇ قىز بوۋاقنى تاپقان ھەم قىز بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاقنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەن. پەقەت كېسىۋېتىلمىگەن كىندىك بېغى ياللۇغلىنىپ كېتىپتۇ.
      ئىزدەش ئەترىتى بىر كېچە ئەتراپتىكى ئېتىز، ئورمانلارنى ئىزدەپ ئاخىرى بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا بۇ ئىتنىڭ بىر قىز بوۋاقنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.
      نۆۋەتتە، ساقچىلار بۇ بوۋاقنى تاشلىۋېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
      مەنبە: www.chinanews.com

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
619
تۆھپە
318
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 17:23:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاشۇ ئىتچىلىكمۇ بولالماپتۇ-دە! ھەي!!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 17:27:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈركۈم ئچىشىپ كەتتى ،شۇنداقمۇ رەھىمسىز ئاتا- ئانا بولامدۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1236
تۆھپە
891
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 18:29:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمان  يوق يەردە ھەر ئىشلار بولىدۇ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1912
تۆھپە
1148
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 18:31:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈركۈم ئچىشىپ كەتتى ،شۇنداقمۇ رەھىمسىز ئاتا- ئانا بولامدۇ؟


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
166
تۆھپە
121
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 18:49:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھىر - مۇھەببەتنىڭ زامانىسى ئۆتۈپ كىتەي دىدى !!خۇدايىم توۋا !!نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ بۇ جاھاندا !!!!بىچارە بالىدا نىمە گۇناھ !~بالىسىنى تاشلاپ كەتكەن  ئىنسان مىنىڭچە ھەرگىز ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ !!!!!!


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
187
تۆھپە
84
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 18:57:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە تاشلىۋەتمەكچى بولسىمۇ ئادەم بار يەرگە تاشلىسا بولمامدۇ ، بۇنداقلارنى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالسا بولىدۇ .  ئادەم رەھىمسىز بولسىمۇ ئۆز پۇشتىدىن بولغان پەرزەتىنى ئۆز قولى بىلەن قانداقمۇ ئۆلتۇرگىسى كېلەر - ھە . تور داشلىرىم دىگەندەك ھەممىسى ئىمانسىزلىقنىڭ كاساپىتى- دە


Rank: 3Rank: 3

تىللا
190
تۆھپە
97
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 21:10:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋان چېغىدا  ھاياتنىڭ قەدىرىنى بىلىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
752
تۆھپە
585
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 23:30:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.  بىچارە نارسىدىنىڭ ئاۋۇ ئىتچىلىكمۇ ئەتىۋارى بولماپتۇ توۋا.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 1

تىللا
28
تۆھپە
21
UID
17314
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 23:50:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئاتا ئانا ئىتچىلىكمۇ بولالماپتۇ دېسە ، ئۇنداق ئاتا ئانىلارنى قانۇن ئارقىلىق جازالىسا بولىدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:41, Processed in 0.082236 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991