تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 27200|ئىنكاس: 20

ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5647
تۆھپە
2494
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:28:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى



    ئىلاۋە: تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى قىزغىن تەبرىكلىنىپ، ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكى مەدھىيەلىنىۋاتقان، شىنجاڭدىكى چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ ئېچىۋېتىش، چوڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى نامايان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش، يېڭىلىقلار كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتقان مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزىدكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.   

IMG_5500.JPG


    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ئېھسان خەۋىرى، فوتوسى: 12-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى شىنجاڭ كوئىنلۇن مېھمانخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ ناماياندىسى بولغان مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى رەسمىي روياپقا چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رىزۋان ئەبەي قاتارلىق رەھبەرلەر مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

IMG_5578.JPG


    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن يىغىندا مۇنداق دېدى: كارخانىچىلار، دوستلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن شۇنداقلا سىلەرنىڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

IMG_5524.JPG


    يىغىندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسى» ، 1-نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ سايلام چارىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ۋە ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى، 1-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ تەشكىل قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىپ، دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى، ئۇيۇشما باشلىقى، باش نازارەتچى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، مۇئاۋىن باش نازارەتچى ۋە باش كاتىپلار سايلاپ چىقىلدى. شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گېرۇھى كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى رادىل ئابلا ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، بۆرتالا ئوبلاستى << شۆكې>> تېرىچىلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، باش لېدىرشەۋكەت ئابلەت ئۇيۇشمىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە سايلاندى.

IMG_5545.JPG


    ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: 2012-يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئاساس سالىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا -سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاستىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. بۇ يىللىق كونكېرت خىزمەتلەر تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى: ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىدىغان سودا ئۇيۇشمىسى دائىمىي ئاپپاراتى قۇرىمىز؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ئەزالارنى داۋاملىق قوبۇل قىلىمىز؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي سودا سارىيىنىڭ ئورنىنى تېزلىكتە بېكىتىمىز؛ مۇلازىمەت ئېڭىنى تىكلەپ، ئەزالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمىز؛ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ جۇغلاپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشما تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىمىز؛ كۆپ خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق، تەشۋىقات تەربىيە ۋە ئىدىيىۋىي خىزمەتنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمىز؛ مىللىي سودا ئىنىستېتۇتى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى قارارلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى پۇتبول كۇلۇبى ۋە مىللىي پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ چىقىمىز.

IMG_5516.JPG


    يىغىن ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. مەيداندا گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

IMG_5509.JPG


    2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر دەۋردىكى تەرەققىيات خەرىتىسى سىزىپ چىقىلدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى. 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، قېرىنداش ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن شىنجاڭدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2010-يىلى 3-ئىيۇل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللىي كارخانچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ، كارخفانىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، مىللىي كارخانىچىلارغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىلدى.

IMG_5512.JPG


    ئۈزلۈكسىز بېرىلگەن ئىلھام ۋە مەدەت، ياخشى سىياسەت ۋە تەدبىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخفانىچىلاردا غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

IMG_5550.JPG


    ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللىي كارخانىلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەرەققىيات تەكشىسىز، كۆلىمى كىچىك، تارقاق بولۇشتەك ھالەت شەكىللىنىپ قالغانىدى. مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەزا كارخانىلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇپ، زور بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، سان ۋە سۈپەتتە ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭچە روھ، شىنجاڭچە ئۈنۈم بىلەن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا تۆھپە قوشۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

IMG_5541.JPG


IMG_5466.JPG


IMG_5490.JPG


IMG_5474.JPG


ئەھمىيەتلىك مىنۇتلاردىن خاتىرە قالدۇرۇلدى


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
387
تۆھپە
74
UID
489
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 13:02:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەر مەن ئۇزۇندىن بىرى كۆرگەن ئەڭ ياخشى بىر خەۋەر بولدى، ئەسىلى بۇنداق ئۇيۇشما بۇرۇنلا قۇرۇلۇشى كىرەك ئىدى، ھىلىمۇ كېچىكىمىدى، ھازىر ئۇيغۇرلاردا زور مەبلەغ سىلىپ چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارمۇ خىلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ئەمما ھەممىسى ئۆز ئالدىغا، ھەمكارلىق ئاساسەن يوق، بىر - بىرسى بىلەن خۇددى دۇشمەندەك رىقابەتلىشىدۇ، بىرسى بىر مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالسا، كەيىنىدىن ھەممىسى شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ بازارغا سالىدۇ، دورامچىلىق، ساختىپەزلىك ئەۋجىگە چىققان. ئەمدى سودا ئۇيۇشمىسى رولنى تولۇق جارى قىلدۇرالىسا، نۇرغۇن ئىشلار تىخمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. ئەسلى ھەر قايسى رايۇنلاردا ئۇخشاش تىجارەت قىلىۋاتقانلار، چوڭراق ئىش قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلا ھەمكارلىشىپ قۇرسىمۇ بولىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5822
تۆھپە
2960
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 14:27:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
6836
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 15:39:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى بىر مۇساپىنىڭ بېسىلغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز!


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
187
تۆھپە
84
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 17:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ، كونىلاردا ‹  يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس › دىگەن گېپى بار ،  نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلار چىققان بولسىمۇ، ئۈزۈپ چىققانلىرى بەك ئاز شۇنداقلا يوق دىيەرلىك ، ئەمدى ھەممەيلەن بىرنىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيۇشىدىغانلا بولسا نۇغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرىشىدە گەپ يوق ، ئۇيۇشماڭلا مەڭگۇ ئۇيۇشۇپ ئۇيۇلتاشتەك مۈستەھكەم ئالغا ئىلگىرلەشكە تىلەكتاشمىز . تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،  تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى ئۇچۇر يوللاپسىز .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
701
تۆھپە
373
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 22:59:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتكەندە رادىل ئابلا بىلەن سۇھبەت ئۇتكۇزگەندە دىيىلگەن گەپ ئەمەللىشىپتىدە ،،،       ئۇزئارا ئىشىنىپ ،ئىلمىي رىقابەتلىشىپ ،بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتە ئۇرتاق ھەركەت قىلىپ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى رۇھىنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلكىگە تەدبىقلاپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاللىق سەۋيىگە يىتىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك ھەسسە قۇشۇشىڭلارنى تىلەيمىز .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kargay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 23:02  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 00:36:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس !!


Rank: 2

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
108
تۆھپە
38
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 12:02:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندىلا ياخشى خەۋەردىن بىرنى كۆردۈم مانا .سودا ئۇيۇشمىسنىڭ ئۇيۇشچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا تىلەكتاشمەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 13:31:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىقتىسادې يەنىمۇ تەرەققى قىلسۇن


Rank: 2

تىللا
105
تۆھپە
17
UID
3988
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 14:24:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى خەۋەرلىرىنى نەدىن بىلىمىز،مەسلەن:قايسى شىركەتلەر،قانداق شەكىلدە قاتناشتى،بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسى مەخسىدى،ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى دىگەندەكلەرنى بىلىشكە تەشنا بىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:30, Processed in 0.088534 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991