تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 9945|ئىنكاس: 11

‏شىنجاڭ كوماندىسى مەن يىغلايمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
2
UID
18226
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 14:05:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          رېپىرنىڭ ياڭراق ئەمما يېقىمسىز پۈشتەك ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ نىمىشقىكىن كۆزۈمنى ياش ئەگىدى.گەرچە بۇنداق بىر كۈننىڭ ھامان بېشىمىزغا كىلىدىغىننى ھېس قىلساممۇ لىكىن  بېشىمغا كەلگەندە يۈرىكىمنىڭ بۇنچىلىك ئېچىشىپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم  ,بۇرۇندىنلا ئۆزۈمنى بىر ھەقىقي پۇتبول مەستانىسى دەپ ئويلايتتىم   ،بىر كوماندىنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلانىڭ كۈلكە-چاقچىقىغا  يىغا-قايغۇسىغا تەڭ ھەمرا بولدۇم، ئۇلانى ئىچىمدىن چىقىرىپ ياخشى كۆرگەندەك ھىس قىلاتتىم . لىكىن ئۇلار بىرەر مەيدان ئۇتتۇرۋەتسە ماڭا ئىنتايىن نورمال ئىشتەك تۇيۇلاتتى . بىراق بۇ قېتىم شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرۋەتكەندە مەن پەقەت چىدىمىدىم ،ئەسلىدە  بۇ مىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگىنىم ئەمەس بەلكى شىنجاڭ كوماندىسىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمكەن ‏‏.  
         بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن بولدى  ئەزىمەتلىرىمىزمۇ بۇرۇنقىدەكلا جېنىنى تىكىپ كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشتى ،لىكىن مۇشۇنداق «قاغا بالام ئاپپاق ،كىرپە بالام يۇمشاق» دەپ ئۆتۈپ كىتىمىزمۇ ياكى ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىزنى بىر يەكۈنلەپ قايتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىمىزمۇ.  ئەمدى مەن ئۆزۈم يەكۈنلىگەن سەۋەنلىكلەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي.   
      1. ئىتتىپاقلىق   
  بىر كوماندا كوماندا بولۇپ  تەشكىللىنىپ ئۇزاق داۋام قىلىش دەۋىر سۈرۈش ئۈچۈن قانداق شەرت ھازارلاش كىرەك .  چوقۇم ئىتتىپاقلىشىش ئۈملىشىش كىرەك ، پۇتبول مۇسابىقىسىنى 11ئادەم  ئوينايدۇ، بىرەر ئىككى ئادەمگە تايىنىپ يىڭىش مۇمكىن ئەمەس . تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە بۇ ئەھۋالنى ھەمىمىز كۆردۇق ،ئەزالىرىمىز قېنى قىززىقلىقتىنمۇ ياكى كەينىدە قېلىپ جىددىيلىكتىنمۇ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى، بۇ بىزنىڭ كۈتكىنىمىزمىدى ؟  ھەم تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىنى كۆرگىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى بېرىپتۇ ،بۇنداق ئىتتىپاقسىز ئەھۋالنى كۆرۈپ بەلكىم كوماندىغا تەسىرى بولىدىغان بەزى بىر سۆزلەنى ئېيتىپ يوليورۇقلانى بەرمىدى دىگىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن  ئۆم خەق، ئەنە ئاتىلشىمىزدىنلا  چىقىپ تۇرۇدۇ . شۇڭا ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلسا.
‏       2. ئورۇن  ئالىدىغان  ھۇجۇمچىنىڭ  بولماسلىقى  ،  ئىككى ياندىن  بۆسۈش  ئاساسەن مۇۋاپىقىيەتلىك ، لىكىن  چىقارغاندىن  كىيىن  ئورۇن  ئالىدىغان ھۇجۇمچى  يوق،مەيلى  كاپىتانىمىز  بولسۇن  ياكى  ئۇنىڭ  كەينىدىكى  بوشلۇققا  كىرگەن  سايىلىرى  بولسۇن تازا ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس .   
           ‏3.سەپ قالايمىقان
‏  سەپ بىر قەدەر چېچىلاڭغۇ  دەل ۋاقتىدا ئۆز ئورنىغا قايتالمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ،ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى كىم ؟ بۇنى قايسىڭلار بىلىسىلەر ،ئەزالىرىمىزنىڭ تېخنىكىسىنىڭ چىدامچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى  ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ ،لىكىن پاس ياخشى ئەمەس ئۆز ئالدىغا توپ ھەيدەش ئەھۋالى كۆپ . ئەگەر مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتسە كۆپ پاسلىشىپ ئەنە شۇ تېخنىكىلىرىنى يەنە نامايەن قىلالايتتى دەپ ئويلايمەن .
‏    ئىشىنىمەنكى شىنجاڭ كوماندىسى چوقوم كۈتكەن يىرىمىزدىن چىقىدۇ  .
‏    يەكۈنلىشىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئازۇيۇم بۇ ئەرزىمەس تىمامغا كوماندا ‏ئەزالىرىنىڭ  نەزىرى يىتىپ قېلىپ ئازراق پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس

يەنە بىر گەپ ، مەن كەسپى يازغۇچى شائىر ئەمەس خاتالىقتىن خالىي ئەمەسمەن نۇقسانلار بولسا سەمىمي پىكىر-تەكلىپلىرىڭلانى ئايىمىغايسىلەر...      

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
40
تۆھپە
13
UID
15442
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 01:06:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ پىكىرنى قوللايمەن. گەرچە مىنىڭ پۇتبولدا ئانچە ساۋادىم بولمىسىمۇ ، ئۆزىمنىڭ قارىشىنى يوللىغىم كىلىپ قالدى. بىرىنچى قىتىملىق توپ كىرگەندىن كىيىنلا بىزنىڭ ماھىرلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتتى. يىڭىش-يىڭىلىش ئەلۋەتتە بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ سالماقلىق بىلەن سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىپ دۈشمەننىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن قايتا  ھۇجۇمغا ئۆتۈشۈڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەڭ مۇھىمى ئىتتىپاقلىق . ئىتتىپاقلىق بولمىسا  غەلبە بولمايدۇ. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنى بەكمۇ ياخشى ئوينىدىڭلار ،گەرچە يىڭىلىپ قالغان بولساڭلارمۇ سىلەرنىڭ شۇنداق جان تىكىپ ئوينىغىنىڭلارنى كۆرۈپ مۇسابىقە ئاخىرىدا ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم. مەيلى بۇ مەغلۇبىيەتنى ئالغا ئىلگىرلەش  يولىڭلاردىكى بىر تەجرىبە دەپ بىلىڭلار . سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن . 6-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇسابىقە مەيدانىدا كۆرشەيلى.


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
18419
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 12:04:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دائىم غەلبە قىلىۋىرىدىغان سەركەردە بولمايدۇ، كەلگۈسىدە ئەزىمەتلىرىمىزگە يارىتىلىدىغان شارائىتلار تېخىمۇ ياخشىلانسا غەلبە چوقۇم ئەزىمەتلىرىمىزگە مەنسۇپ بولغۇسى!
تالانىت+شارائىت(كۆڭۈل بۆلۈش...................)=غەلبە


Rank: 2

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
108
تۆھپە
38
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 12:28:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ قاراشتا توپچىللىرمىزدا پاسلاش يوق دىيەرلىك


Rank: 1

ئىسىمى
ئابدىسادىق
تىللا
19
تۆھپە
8
UID
18350
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 13:24:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك يالغۇز ئويناۋاتىدۇ بىزنىڭ باللا پاس ياخشى ئەمەس، چوڭ پاسنى ئاز ئوينىسا ياخشى بولىتتى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
487
تۆھپە
183
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 21:08:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹دوس يىغلىتىپ ئېيتار ،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ › دىگەن شۇدە .
توپچىلىرىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى زەپەر قۇچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!
تاش ئەپەندى،سىز ،شۇنداقلا ھەممىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان ،پۇتبولچىلىرىمىز بىلەن بىللە غەلبە خۇشاللىقىدىن ھەممىمىز شاتلىققا چۆمۈۋاتقان ئاشۇ مىنۇتلار پات ئارىدا  يېتىپ كەلگۈسى !


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
18465
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 23:38:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ  پۇتبۇل دېگەننى چورتلا  چۈشەنمەيمەن،  توپ كىرسە، ھە كىرىپتۇ دەيمەن، لېكىن شۇ كۈنى كەينىمدە ئولتۇرغان ئىككى  بوۋاينىڭ «پاس بېرە، ھەي، ئۆزۈڭ ئېپ ماڭما»« ما باللا، نىمانداق قىلىدىغاندۇ دەيمەن، »«ھەي  ، بۇيۇڭ يەتمىگەندىكىن، كاللا توپ ئوينىما»دېگەندەك ۋارقىراشلىرىدىن  ۋەكۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەلىيەتتىن شۇنى ھېس قىلدىم. شۇكۈنى ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك، قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ بويى ئېگىزكەن، شۇڭا بىزنىڭكىلەر  ئېگىز ئوينالغان توپتا بەكرەك كەتكۈزۈپ قويدىغۇ دەيمەن.
   ئەلۋەتتە،مەنمۇ  مۇنداقلا جۆيلۈپ قويدۇم ھە.


Rank: 1

ئىسىمى
بۇغرا
تىللا
20
تۆھپە
7
UID
17832
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 03:14:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەنلىكلەر توغرا ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ،مەن ماھىرلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ساۋاق ئىلىپ ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى بالدۇراق تۈزىتىپ بىزدەك توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۆمۈدىنى يەردە قويماسلىقىنى، توغرا پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.مەن توردىن بارسىلونا كوماندىسىنىڭ پاسلىشىپ مەشىق قىلغان بىر كۆرنۈشىنى كۆرگەن ،بولسا سىلەرمۇ توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقاسىلەر،كۆرسەڭلار ئىشەنگىڭلار كەلمىگۈدەك دەرجىدە ،لىكىن نەچچە قىتىم كۆرسەم ھىچ بىر ساختا يىرىنى بايقىمىدىم. ماھىرلىرىمىز شۇنداق مەشىقلەرنى كۆپرەك قىلغان بولسا بۇ ب دەرجىدىكى رەقىپلىرى ھەرگىز رەقىپ بولالمىغان بولاتتى. غەيرەت قىلىڭلار.ھۇررا ...................    ھۇررا..................


Rank: 1

تىللا
21
تۆھپە
4
UID
14576
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 01:33:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ پىكىرنى قوللايمەن، ئەزمەتلېرىمىزنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلېرىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر گە، پاس بەرگەندە ، ھۇجۇم قىلغاندا ماسلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھۇررا ئەزمەتلېرىمىز، ئەجداتلېرىمىزنىڭ مەرتلەرچە جاسارىتى سىلەرگە ياربولسۇن.  


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
1
UID
15394
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بۇيرۇقمۇ ياكى پىكىر -تەلەپمۇ؟ياخشى ئوينىسا ماختاپ ئۇتۇرۇپ قويسا كۆرسەتمىلىكنى ئاز قىلايلى...ياكى سىز كىرىپ ئويناڭ....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:41, Processed in 0.075232 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991