شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن چىڭخەي سېنكې كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى مۇخبىرىمىز زاھىدە، نىجات نىياز، ئالىمجان خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئىيۇن ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 9 - ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە سارىيىدا چىڭخەي سېنكې كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن ئېلىشىش نەتىجىسىدە چىڭخەي سېنكې كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە 11 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە باشلانغان بولۇپ، نەق مەيدانغا كەلگەن پۇتبول ھەۋاسكارلىرى 50 مىڭدىن ئاشقان. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، گەرچە شىنجاڭ كوماندىسى مەغلۇب بولغان بولسىمۇ تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاخىرغىچە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن چاۋاك چېلىپ، ئۇلارغا مەدەت تىلىگەن. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. 
تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرمەكتە.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ، دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلمەكتە.




تاماشىبىنلارنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق بىلەن مۇسابىقە كۆرمەكتە.




ئىككى تەرەپ تەنھەرىكەتچىلەر جىددىي مۇسابىقىلەشمەكتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-12 11:10
|