تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 41225|ئىنكاس: 30

ئالتە خىل كۆكتاتنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
356
تۆھپە
245
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 22:26:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالتە خىل كۆكتاتنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماڭ



      يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى كۆپچىلىكنىڭ كۆكتات سېتىۋالغاندا، ئامال بار پەسىللىك كۆكتاتلارنى تاللاش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى ئالتە خىل كۆكتاتنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ:
      بەك قاتتىق شوخلا: شوخلا قانچە قاتتىق بولسا، ئىشلەتكەن ئۆسۈملۈك ھورمۇنى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بۇنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىق لازىم ياكى سېتىۋېلىپلا دەرھال يىمەي، ئىككى – ئۈچ كۈن قويۇپ پىشقاندا ئۆزلۈكىدىن يۇمشىشىنى ساقلاش. بۇ ۋاقىتتا سالامەتلىككە زىيانلىق قىزارتقۇچى ھورمۇننىڭ رولىمۇ ئاجىزلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېشى قىزىل، ئىچى يېشىل شوخلا بالدۇر پىشۇرۇش دورىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
      يېرىقى بار تۇرۇپ: يېرىلىپ كەتكەن تۇرۇپ ياكى پىلەكلىك زىرائەتلەرنى ئەڭ ياخشىسى يىمەسلىك كېرەك، بۇلار ئېغىر دەرىجىدە ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بولۇشى ياكى نورمال بولمىغان تېرىش جەريانىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
      چوڭۇپ قالىدىغان تەرخەمەك: سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن تەرخەمەكنى بىر كېچە قويۇپ قويسىلا، ئىككىنچى كۈنى يەنە ئۇزىراپ قالىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم ھورمۇنلۇق چوڭايتىش دورىسى ئىشلەتكەن.
      رەڭگى بەك سۇس يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار: پارنىكتىكى كۆكتاتلار بىۋاسىتە كۈن نۇرىدا تەبىئىي ئۆسكەن كۆكتاتلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆركەم، يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى سۇس، لېكىن ئوزۇقلۇق تەركىبى تەبىئىي ئۆسكەن پەسىللىك كۆكتاتلارغا يەتمەيدۇ، شۇڭا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات سېتىۋالغاندا رەڭگى قېنىقنى تاللاش لازىم.
      غەيرىي پۇراق بارلار: يۇمغاقسۈت، ئارپىبەدىيان قاتارلىق ئەسلىدىلا پۇراقلىق كۆكتاتلارغا ئوخشىمىغان ھالدا، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى كۆپ ياكى ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەن كۆكتاتلاردا بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان غەيرىي پۇراق بولىدۇ، سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال قولغا ئېلىپ پۇراپ بېقىش كېرەك.
      يۇيۇپ بولغان كۆكتات: ھازىر بازاردا لاي، توپا بار تۇرۇپ، نىلوپەر يىلتىزى قاتارلىقلارنى ناھايىتى تەستە كۆرگىلى بولىدۇ، سېتىقچىلار ئوچۇقلا «پاكىز ئەمەس كۆكتاتلارغا قىزىقىدىغان ئادەم يوق» دەيدۇ، يۇيۇپ بولغان كۆكتاتلاردا دېھقانچىلىق دورىسى ئەمەس، باكتېرىيە بولىدۇ، باكتېرىيەنى تۇز سۈيىگە چىلىسىمۇ ياكى سۇدا چايقىسىمۇ چىقىرىۋېتىش بەك قىيىن.
      خەنزۇچە «ھەمراھ»‍‍ ژۇرنىلىدىن ئىپارگۈل ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-12 12:00  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 13:19:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالغىنىمىز ياخشى بولدى، رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
950
تۆھپە
636
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 14:26:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ قۇيۇشقا  ئەرزىيدىكەن .چۇقۇم بىر خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1236
تۆھپە
891
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:24:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن . ئەمدى كۆكتات سىتىۋالغاندا دېققەت قىلساق بولغۇدەك  مەن  قاتتىقراق كەلگەن پەمىدۇرنى سىتىۋىلىشنى  ياختۇراتتىم بۇنىڭمۇ زىيانلىق تەرىپى  باركەن ئەمەسمۇ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1236
تۆھپە
891
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:25:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راس ئۇنتۇپ قىلىپ ئىنكاس  يوللىۋىتىپتىمەن . ئىپار ئەجىرىڭىزگە رەخمەت .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
8
UID
18232
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:40:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
8
UID
18232
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:43:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ قويسا بۇلىدىكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
490
تۆھپە
184
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 18:31:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ساۋاتلاركەن ،ھەيرانمەن ! نىمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر پۇل ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇيدىغاندۇ -ھە!؟
تېما ئىگىسىگە رەھمەت .


Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تىللا
394
تۆھپە
57
UID
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 00:55:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا پىشقان بىر چوكان بوپسىز ھە ؟ ئىپارىم  ، مۇشۇنداق  تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ ماقما


Rank: 4

تىللا
325
تۆھپە
106
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 01:04:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى ساۋات ئىكەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:27, Processed in 0.076147 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991