كۆرۈش: 4454|ئىنكاس: 3

قىممىتىنى يوقىتىۋاتقان قۇتلۇق كۈنلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
18167
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 21:24:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىممتىنى يوقىتىۋاتقان قۇتلۇق كۈنلەر ۋە زەئىپلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تەبرىكلەشلەر


ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش



    كالىندارنى ۋاراقلايدىغان بولساق ،ھەر بىر ئايدا بىر ئىككىدىن بايرام ،خاتىرە كۈن بار ئىكەن.بايرام ،خاتىرە كۈن، ھېيت دېگەندەك قۇتلۇق كۈنلەرنى تەبرىكلەش ئەجدادلاردىن بىزگە قالغان ئېسىل ئەنئەنىدۇر.بۇ خىل ئەنئەنە پەقەت بىزدىلا بولۇپ قالماستىن دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان روھىي ھالەت بولسا كېرەك.
بىزدە ھۆكۈمەت بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرام ،خاتىرە كۇنلەردىن باشقا باشقىلاردىن سىڭىپ كىرگەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى،ئانىلار بايرىمى،ئاتىلار بايرىمى دېگەندەك بايراملار تەبرىكلەنگەندىن سىرت توي خاتىرە كۈنى ،تۇغۇلغان كۈنلەرمۇ ھېچبىر ئۇنتۇلماي تەبرىكلىنىدۇ.ھازىر ھېيت، بايرامدەك قۇتلۇق كۈنلەر تەبرىكسىز ئۆتمەيدىغان بولۇپ كەتتى.قۇتلۇق كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشى رېستۇرانلار ئۈچۈن ئورما پەسلى بولىدۇ.نۇرغۇن كىشلىرىمىز ئۈچۈن  قۇتلۇق كۈنلەرنى رېستۇرانلاردا تەبرىكلىمىسە ،ئەشۇ قۇتلۇق كۈننىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغاندەك تۇيىلىدىغان بولۇپ قالدى.بىزدىكى تەبرىكلەشنڭ ئاساسلىق شەكلى قىممەت باھالىق قورىمىلار بىلەن ئۈستەلنى لىق توشقۇزۇش ،رومكا سوقۇشتۇرۇش،ئالا تاغىل ۋارقىراپ ئۇسسۇل-تانسىغا چۈشۈش،ئاخىرىدا مەسىت بولۇپ قېلىپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ سورۇندىن ئايرىلىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. قۇتلۇق كۈنلەر يىتىپ كېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئۇرۇن زاكاس قىلىپ قويمايدىغانلار شۇ كۈنى ئارماندا قالىدۇ.چۈنكى شۇ كۈنى قېرى-ياش ،شەھەرلىك،يېزىلىق بولۇپ رېستۇراندا پۇت سىققۇدەك يەر قالمايدۇ.راستۇران خوجايىنلىرى قۇتلۇق كۈنلەردە باھانى ئۆرلىتىپ،قورۇما-تاماقلارنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىپ مۇلازىمەت قىلسىمۇ ،بۇنى سۈرۈشتۈرىدىغانغا ئادەم يوق بولۇپ چىقىدۇ.رېستۇرانغا كەلگۈچىلەر ئىچىۋالغانغا،ئوينىۋالغانغا خۇش بولسا،رېستۇران خوجايىنلىرى ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى سۇغۇرۋالغانغا خوش بولىدۇ.قۇتلۇق كۈنلەردە ئايالىنى رېستۇرانغا ئېلىپ بارمىغان،بايرىمىنى تەبىرىكلەپ بەرمىگەن ئەر پىخسىق،كۆڭۈل چۈشەنمەيدىغان ،دىتى يوق سانىلىدۇ بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە.
    مەن بەزىدە ئىسپانىيلىكلەرنىڭ بۇقا قويۇپ بىرىش بايرىمى،بۇقا بىلەن ئېلىشىش بايرىمى، ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ئاپىلىسىن ئېتىشىش بايرىمىنى تەبرىكلىشىگە قاراپ بىزنىڭ قۇتلۇق كۈنلەرنى تەبرىكلىشىمىزنىڭ تولىمۇ ئۆلۈك ،تولىمۇ مەنىسىز ئۆتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىمەن.
    ئىسپانىيىلىك ئەر-ئايال بۇقا بىلەن ئېلىشىشىنىڭ قانچلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.ئەمما ئۇلار ئەجدادلىرىدىن قالغان باتۇرلۇق،شىجائەتلىك،تەۋەككۈلچىلىقنى نامايەن قىلىدىغان ،ئادەملەرنىڭ كۈچتۈڭگۈر ھايۋانلاردىن ئۈستىن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئادىتىنى بۇقا بىلەن ئېلىشش ئارقىلىق ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بايرامنى بۇ خىل شەكىلدە تەبرىكلەش ئادەملەر بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى  مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. ئىسپانىيلىكلەر بۇخىل خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان خۇشاللىقلارغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە،ئاز بولمىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇ خىل ئەمەلىيەتچانلىقلىقى كۈچلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن ھېلغىچە مېھرىنى ئۈزگىنى يوق.
    ئاپېلىسىن ئېتىشىش بايرىمى قارىماققا ئادەملەرگە تولىمۇ غەلىتە تۇيىلىدۇ.چۈنكى بۇ بايرامدا نۇرغۇنلىغان ئاپىلىسىن دەسسىلىپ ئىسىراپ بولىدۇ.ئەمما بۇ مول-ھوسۇللۇقنى تەبرىكلەپ ،بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ،تېخىمۇ كۆپ مول-ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىپ ،ئۆملۇك،خۇشاللىق ئىچىدە ئىشلەشكە  بىر-بىرىنى چاقىرىق قىلىپ ،بايرامنى تەبرىكلەشتە مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى تالىغان بولسا كېرەك.
بىز ئادەتتە «1-ماي»خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى بىرەر ئەمگەك پائالىيىتى ئاقىلىق تەبكلەيمىز.بايرامنى ئىش ئۇرندا تەبىركلەيدىغانلاردىن راستۇرندا،قاۋاقخانىدا تەبىركلەيدىغانلار ساماندەك.
بۇرۇن قۇتلۇق كۇنلەرنى تەبىكلىگەندە ئائىلە ئەزالىرى ياكى دوست بۇرادەرلەر بىرەر ئۆيگە جەم بولۇپ ئىسىل تاماقلار بىلەن غىزالانغاچ شۇ بىر يىل جەرياندا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلەرنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە،بىر-بىرىگە ئەقىل كۆرسىتىپ ،بەخىت ئىچىدە ياشاشقا دالالەت قىلاركەن.
بۇرۇن ئاتا-بوۋۇللىرىمىز ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۇزمىسىمۇ غېرىپ-سەنەم،تاھىر-زۆھرەدەك ئاشىق- مەشۇقلار مەيدانغا چىققان.چىن سۆيگۈ بىلەن بەخىتلىك بولۇشقا ئىنتلىگەن ھەم كۆرەش قىلغان.ھازىر توي قىلىپ بولغانلارمۇ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى تەبىرىكلىسىمۇ،ئۇلار بىر-بىرىگە مۇھەببەتلىك قەلب ئاتا قىلالماي،جىدەل-ماجىرا قىلىشىپ ئۆتۇشمەكتە.
   بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز تۇغۇلغان كۇنىنى تەبىركلىمىسىمۇ كۇنلىرىنى شۇنچە  مەنلىك ئۆتكۇزۇپ ،ئۆمۈر چولپانلىرىغا ئايلىنپتىكەن.ھازىر كىچىكلەردىن-چوڭلارغا قەدەر توغۇلغان كۇننىڭ ۋاقتى قەرەلىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي تەبىرىكلىسىمۇ ،كېسەل –ئاغىرىقتىن، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن خالىي بۇلالماي تىلىگەن تىلەكلىرىنىڭ ئۇنىمى يۇقالماقتا.ئۇلار قەلبىنى پاك،ئىش-ھەركىتنى دۇرۇسلۇققا ئىگە قىلالمىغاچقا نىيەت- ئىقبالىغا يىتەلمەي پۇچىلانماقتا.
   ئەسىلىدە ئادەملەر قوتلۇق كۇنلەردە قوتلۇق ئىشلارنى قىلسا،ئاندىن قوتلۇق كۇنلەرنى ھەقىقىي تەبىركلىگەن بولۇپ ھېساپلىناتتى.ئاۋال سوۋغا تەقدىم قىلىپ ئاندىن ھاراق ئىچىپ ،شۇ سورۇنغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئونتۇشقا ئۇخشاش تەبىكلەشنىڭ ئۆزى شۇ قوتلۇق كۇننىڭ ئەھمىيىتىنى،بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھېس قىلىپ يىتەلمىگەنلىك  خۇشھاللىقنى ئىزدەشكە بىرلىپ چىن مەزمۇننىڭ نېمىلىكىگە سەل قارىغانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
  ئادەتتە بىزدە تۇغۇلغان كۇن ئۆتكۈزگەندە مەن نېمە ئۈچۈن بۇ كۇننى ئۆتكۈزىمەن،بۇ كۇندە قانداق پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇشۇم كېرەك،ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە مەن نېمە ئىشلارنى قىلىدىم،نېمىلەرگە ئېرىشتىم،نېمىلەردىن مەھرۇم قالدىم،بۈگۈنكىدەك قوتلۇق كۇندە مەن كېيىنكى ھاياتىمغا ئۆزگۈرۇش پەيدا قىلدىغان قانداق پىلانلارنى تۈزۈشۇم كېرەك دەيدىغانلارنى ئويلايدىغانلار يۇق دىيەرلىك .ئۇلار رىستۇراندا يەپ –ئىچىپ قوپۇپ كەتىسلا تۇغۇلغان كۇننى تولىمۇ مەنلىك ئۆتكۇزگەن بولىدۇ.
   ھېيىت-بايرام ،خاتىرە كۇنلەرنىڭ خاسىيىتى شۇ يەردىكى ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى،ئەھمىيىتى،كىشلىك ھاياتتا ئۇينايدىغان رولىنىڭ ،قىممىتىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىدە گەۋدىلىنىدۇ.ھەر بىر قۇتۇق كۇننىڭ بارىلىققا كېلىش ئارقا كۆرىنىشى بار.ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە،ئىلھام ئېلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇنلىغان روھلار بار.قوتلۇق كۇنلەرنىڭ قوتلۇقلىقى ئۆز نوۋىتىدە ئەڭ كۆپ ئەسكە ئېلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش،قانداق ئېلھاملىنىش شۇ كۇننى تەتقىق قىلغۇچىغا نىسبىتەن ئەڭ زور تەرەقىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.ھەر بىر كۇننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى بولسىمۇ،قۇتلۇق كۇنلەرنىڭ ئىنسانىيەت ،شۇ قەۋىم ئۇچۇن ئېلىپ كېلىدىغان خۇشھاللىقى ئادەتتىكى كۇنلەردىن نەچچە ھەسسە ئۇستۇن تۇرۇشى كېرەك ئىدى.ئەمما قوتلۇق كۇننىڭ ئادەتتىكى كۇندىن پەرقى ئۇپچە يەپ-ئىچىشتە،ئويۇن- تاماششەدە بولىۋاتىدۇ.بۇنى ھەرگىزمۇ ھەققىي خۇشھاللىق دېگىلى بولمايدۇ.قۇتلق كۇندە بەزىلەر ئەڭ زور دەرىجىدە ئىسىراپچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە،ئىش –ھەركىتىنى قوتلۇق كۇنگە لايىقلاشتۇرمىغاچقا قوتلۇق كۇننىڭ ئەھمىيىتى يۇقىماقتا.
   بۈگۈنكى كۇندە بەزىلەر ئۈچۈن قوتلۇق كۇنلەرنى تەبىكلەش رەسمىيەتكە،بېسىمغا ئايلىنىپ قالماقتا.ئۇلار قۇتلۇق كۇنلەر يىتىپ كىلىشىگە:« يەنە   كۇن كىلەي دەپ قاپتۇ،ئادەم يېڭى كىيىم كەيمىسە تېخى تۇرغان.مېھمان چاقىرمىسا تېخى تۇرغان.سوۋغا-سالام تەييارلىمىسا تېخى»دەپ تەبرىكلەشنى بىرخىل روھى بېسىم ھېس قىلماقتا.
  بىرسى  بىزدىن :«سىلەر قوتلۇق كۇنلەرنى تەبىركلەپ نېمىلەرگە ئىرىشىۋاتىسىلەر»دەپ سۇراپ قالسا،تىڭىرقاپ  تۇرۇپ قالىدىغانلىمىز نۇرغۇن.مانا بۇ بىزدىكى قوتلۇق كۇنلەرنىڭ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.
قوتلۇق كۇنلەر مۇئاييەن تارىخى دەۋىرنىڭ مەھسۇلى. ئۇلارنىڭ ھوجۇقا كېلىشىدە ئەجدادلارنىڭ قانلىق كۇرەشلىرى،ئىسىل ئۆرپە-ئادەتلىرى،گۇزەل ئىستەكلىرى، ھاياتقا بولغان ئىزدىنىشلىرى مۇجەسسەملەنگەن.ھەر قوتلۇق كۇنگە ئەجدادلارنىڭ روھى يۇغۇرۇلغان.بۈگۈنكى كۇندە قوتلۇق كۇنلەرنىڭ ئۆز قىممىتىنى تاپالماسلىقى بىزدىكى روھى زەيىپلىكنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك.بىزدە نېمىنىڭ قىممەتلىك،نېمىنىڭ قىممىتى يۇقلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان ،ئۇلۇغلايدىغانلىرىنى   ئۇلۇغلاپ ،    رەت     قىلىشقا تىگىشلىكلىرىنى  رەت قىلىدىغان قەلب كەم بولغاچقا،روھى ساغلاملىقىمىزنى بارغانسىرى يوقىتىۋاتىمىز.روھىمىز زەيىپلەشكەچكە قوتلۇق كۇنلەردە ئەڭ مەينەت،ئەڭ پاسكىنا،ئەڭ چىرىك،ئەڭ مەنىسىز ،ئەڭ قىممەتىسىز ئىشلارنى قىلىپ ،ئۆزىمىزنى بولغاۋاتىمىز.ئۆزىمىزنى يۇقىتىۋاتىمىز.شۇڭىلاشقا قوتلۇق كۇنلەر بىزگە سۇيۇملۇك تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالدى.
بۇگۇنكى كۇندە قوتلۇق كۇنلەرنىڭ كۆپ قىسمى  كالىندارلاشتى.ھۆكۈمەت كالىندارىدا يۇقلارنى بىز ئۆزىمىزنىڭ كالىندارىغا ئالىقاچان كىرگۈزۇپ بولدۇق.شۇڭا بىزدە قوتلۇق كۇنلەرنى تەبىركلەش بىر ئۇمۇمىي ئېقىمغا ئايلاندى.ئەمما قۇتلۇق كۇندە پايدا ئالماستىن «زىيان»تارتىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمىزغا ھەيرانمەن.
قاراپ باقىدىغان بولساق،دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ قوتلۇق كۇنلەر ئۆز ئەھمىيىتنى يۇقىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.ئەسلىدە قۇتلۇق كۇنلەر ئۆز رولىنى،قىممىتىنى يۇقاتقىنى يۇق.ئۇلار ھەر قانداق دەۋر كىشىلىرىگە قىممىتىنى تەقدىم قىلالايدۇ.گەپ شۇ كۇننى قانداق قۇتلۇقلاش،ئۇنىڭدىن قانداق روھى مەدەت ئېلىشتا.بىزدە قوتلۇق كۇننىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار كۆپ بولسىمۇ،تەبىرىكلەش ئېقىمىغا ئەگىشىدىغانلار كۆپ.بۇ ئۇلارنىڭ قوتلۇق كۇندە خۇشھاللىققا ئىرىشىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ.خۇشھاللىققا قانداق ئېرىشىش ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق. قۇتلۇق كۇن ئەجدادلار قان كىچىپ كۆرەش قىلغان كۇن. قوتلۇق كۇن ئەجدادلار مۇجىزە ياراتقان كۇن.قۇتلۇق كۇن ئەجدادلارنىڭ ئار-نۇمۇسنى ئاقلىغان كۇن.قۇتلۇق كۇن مېھرى- مۇھەببەت ،بەخىت –سائادەت ئۇلۇغلانغان كۇن.قۇتلۇق كۇن  ئەجدادلار روھى ئۇلۇغلانغان كۇن .ئۇ مىللەتنىڭ روھى نۇرلانغان كۇن.
قۇتلۇق كۇنلەر ھەر ۋاقىت  بىزنى قوتلۇق ئىشلارغا چاقىرىدۇ.قوتلۇق كۇنلەر بىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان مۇقەددەس ئەينەك بولۇپ ،ھەر ۋاقىت بىزنى شۇ مۇقەددەس ئەينەككە قاراپ يولىمىزنى تېپىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.   قوتلۇق كۇنلەر بىزنىڭ روھى ساغلاملىققا ئىرىشىشمىزدىكى «دۇختۇرخانا».ھەر بىر كۇنىمىزنىڭ پۇشايمانسىز ئۆتىشىدە قوتلۇق كۇنلەرنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنغان پىنھان «سىر»لار كۆپ.بىز ئۇچۇن قوتلۇق كۇن جانلىق دەرسلىكتۇر.
  قۇتلۇق كۇن ئەجدادلارنىڭ بىز ئۈچۈن بەرگەن «ھېتلىقى».بىز بۇ ھېيىتلىقنى جايىدا ئىشلىتىشنى بىلسەك ،چۇقۇم نۇسىرەت قۇچالايمىز.قوتلۇق كۇنلەرنىڭ قەدىرىگە يىتىش ئۇچۇن ئۆزىمىزدىكى روھى زەيىپلىكنى تۇگىتىشىمىز زۆرۇر.روھى زەيىپلىكتىن خالىي ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى قۇتلۇق كۇندەك ئۆتىدىغانلىقى ئېنىق.ئىشەنمىسىڭىز ئەمىلىيىڭىزدىن سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ.
  (ئاپتور :ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
ماقالە مەنبەسى : «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى»ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 5-سان
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
578
تۆھپە
208
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 12:00:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزگە نىسبەتەن مۇئەييەن تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بولغان ياخشى تېما ئىكەن .

Rank: 4

تىللا
213
تۆھپە
110
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 21:30:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بىزگە نىسبەتەن نېمىنىڭ قىممەتلىك،نېمىنىڭ قىممىتى يۇقلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان ،ئۇلۇغلايدىغانلىرىنى   ئۇلۇغلاپ ،    رەت     قىلىشقا تىگىشلىكلىرىنى  رەت قىلىدىغان قەلب كەم بولغاچقا،روھى ساغلاملىقىمىزنى بارغانسىرى يوقىتىۋاتىمىز.روھىمىز زەيىپلەشكەچكە قوتلۇق كۇنلەردە ئەڭ مەينەت،ئەڭ پاسكىنا،ئەڭ چىرىك،ئەڭ مەنىسىز ،ئەڭ قىممەتىسىز ئىشلارنى قىلىپ ،ئۆزىمىزنى بولغاۋاتىمىز.ئۆزىمىزنى يۇقىتىۋاتىمىز.شۇڭىلاشقا قوتلۇق كۇنلەر بىزگە سۇيۇملۇك تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالدى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 04:50, Processed in 0.074831 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991