تورداش ‹ Y.n.elqut ›قا ئوچۇق خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك Y.n.elqut ئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ،مىنىڭ مۇنبەردىكى كىچىككىنە ئىنكاسىمغا، ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ئىنكاس يېزىپسىز.ئىنىڭىز ئابلەتتىن،سىزگە كۆپ تەشەككۈر!
ھۆرمەتلىك ئاكا،قارسام خېلى سەۋىيىلىك، بىلىملىك ئادەمدەك تۇرىسىز،چۈنكى يازمىڭىزدىكى سۆز ئىبارىلەر،جۈملىلەر ناھايىتى راۋان چىقىپتۇ.سۆزلەرنىمۇ دەل جايىغا ئىشلىتىپسىز.بۇ جەھەتتە مەن سىزگە يېتەلمەيمەن! خۇددى سىز دگەندەك!
ئاكا! ئەسلى بىز مۇنبەردە ،مۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى دەتالاش قىلىپ ئولتۇرمىساق بولاتتى.لىكىن قىلىدىغان چوڭ ئىش بولمىغاندىن كىيىن،ئازىراق سۆزلىشىپ قويايلى!
ئاكا، سىز مېنىڭ ئىككى ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا مۇشۇ مۇنبەردىكى(قوش خوتۇنلۇق ئەرلەرگە ئىككى كەلىمە)دېگەن تېمىغايېزىپ قويغان(ئىپلاس ئەرەپ مىللىتىنىڭ....)دىگەن ئىنكاسىمنى كۆرۇپ بىر ئاز چىچىلىپ قاپسىز.سىزدىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ،سىز ئەرەپمۇ؟ ئەگەر ئەرەپ بولسىڭىز،سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن!مېنى كەچۈرۇڭ!چۈنكى مەن مىللىتىڭىزگە تىل تەككۈزدىم!ھەرقانداق بىر ئەركەك،ئۆز مىللىتىگە تىل تەككۈزگەنلەرگە ،سىزدەك مەرتلەرچە قارشى چىقىشى كىرەك! غورۇرىڭىزغا قايىلمەن!
ئەگەر سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز،كەچۈرۈڭ! خاتا چۈشىنىپ قاپسىز! مىنىڭ ئەرەپ مىللىتىنى :‹ئىپلاس›دىگىنىم راس! لېكىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆپ خوتۇن ئېلىشى خاتا دېمىدىم! سىزنىڭ ،مېنىڭ ،كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىمىز خاتا! دېدىم!بۇنىڭدىن كېيىن يازمىلارنى ئوقۇغاندا چۈشىنىپرەك ئوقارسىز!
ئاكا! يازمىڭىزدىكى مەزمۇندىن قارىغاندا،دىنىي سەۋىيىڭىزمۇ خېلى يۇقىرىدەك قىلىدۇئۇنداق بولسا مەن سىزدىن بىر سۇئال سوراپ باقاي: مۇقەددەس كالامىمىزنىڭ قايسى سۈرە،قانچىنجى ئايىتىدە ،اللاھ تابارەك ۋەتەالا بىزگە كۆپ خوتۇنلۇق بولوڭلار دىگەن؟ راست گەپنى قىلغاندا مەنمۇ بۇنى بىلمەيمەن! جانابى ئاكامدىم سوراپ بىلىۋالاي دەيمەن!
ئەرەپلەرنى ئىپلاس ،دېگىنىمگە كەلسەك،ئۇنىڭغىمۇ ئۆزەمگە تۇشلۇق ئاساسىم بار. پەيغەمبىرىمىز جانابى رەسۇلىللاھەمىمىزگە ئوخشاش بولغان بىر ئېتىقادنى ئۈگەتكەن، ئۆزىگە نازىل بولغان مۇقەددەس كىتابنى قالدۇرۇپ كەتكەن! جانابى رەسۇلىللا ۋاپات بولغاندىن كىيىن ،سىز كۆككە كۆتىرىۋاتقان ئاشۇ ‹بۈيۈك مىللەت›تەرىپىدىن،دىنىمىز:(شىئە ۋە سۈنئى)دىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپكە بۆلىۋىتىلگەن! بۇنى ئىپلاسلىق ئەمەس، دېيەلەمسىز؟شۇ سەۋەپتىن،تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلىۋاتقان ،ئۇرۇش ئۇتىدا بىگۇناھ بالىلارنىڭ،ئاجىزەلەرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسسىق قېنىنىڭ ئېقىشىقا سەۋەپچى بولىۋاتقان مىللەتنى ،ئىپلاس ئەمەس! دىيەلەمسىز؟موشۇ مۇنبەردىكى،خوتۇن قىزلىرىمىزنى پۇلىغا تايىنىپ،ئاياغ ئاستى قىلغان، شۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي (ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس!) دېگەن ئەرەپنى ئىپلاس ئەمەس دىيەلەمسىز! ئۇلارنى ئىپلاس دېسەم نېمە بوپتۇ،ئۇلار سىزنىڭ نېمىڭىز ئىدى؟ سىز ئاۋال ئەرەپلەرگە چاپان ياپماي،ئۆز مىللىتىڭىز،ئۇيغۇرىڭىز ئۈچۈن ئازراق ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز بولاتتى! دېمەكچى بولغىنىم:ھازىر مىللىتىمىز ئىچىدە بىر قىسىم كىشلەر،ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى،مەدەنىيىتىنى تاشلاپ ئەرەپلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ھەدەپ قوبۇل قىلغىلى تۇردى،ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارالغىنىغا،(ئەرەپ بولمىغىنىغا)نارازى بولغىلى تۇردى!ئەرەپچە كىيىنىش،ئەرەپچە تاماقلىنىش،قىز -ئاياللارغا ئەرەپچە مۇئامىلە قىلىش...... ئەلۋەتتە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش كىرەك! ئەپسۇسكى مىللىتىمىز باشقىلارنىڭ ناچار ،يارىماس ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بەك ئامراق بولۇپ كەتتى! ئۇنداق ئادەتلەرنى ئەرەپلەر ئاستا-ئاستا شاللىغىلى تۇردى،بىز بولساق تاپقا ئولاشقان چىۋىندەك ،كونا،ناچار ئىللەتلەرنى تەشۋىق قىلغىلى تۇردۇق! شۇنىڭغا ئېچىنىپ ،ئازىراق گەپ قىلىپ قويسام، ئويلىماپتىمەن ئاكامنىڭ بۇنچە خاپابولۇپ كېتىدىغىنىنى!
ئەمدى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك ،مەن بۇنىڭغا مەڭگۈ قارشى!چۈنكى اللا بىر بەندىسىنىڭ ،يەنە بىر بەندىسىنى خارلىشىغا يول قويمايدۇ!شۇڭا اللا ئادەم ئاتىمىزغا بىرلا! پەقەت بىرلا ھەۋۋا ئانىمىزنى يارىتىپ بەرگەن! كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەيلى دىنىىي نۇقتىدىن،مەيلى قانۇنى نۇقتىدىن،مەيلى ئەخلاق نۇقتىسىدىن مەيلى ھەقىقەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قارساق بىزگە راۋا ئەمەس!قەلبىمدىكى سۆزنى دىسەم،بىر ئەركەك بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭمۇ بىر قانچە خوتۇن ئېلىپ ،كۈندە بىرسى بىلەن يېتىپ ،تازا پەيزى سۈرگۈم بار! بارلىق ئەركەك مەندەك بولىدۇ!لېكىن بۇنى دىنىي قائىدە قىلىۋالىدىغانغا ھىچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس!بۇ ئۆزىنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن،خۇدادىن قورقماي دىننى قائىدە قىلىۋالغان،ئىپلاس ئەرەپ ئەرلىرىنىڭ ئىجادىيىتى خالاس!
ھە راست ئاكا ،مەن ئەۋلىيا ئەمەس!مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ كۆز قارشىنى دەپ باققان ئىدىم ،ھېچقانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ھەممىنى بىلىپ تۇغۇلمايدۇ،ئاستا ئاستا ئۆگىنىدىغان گەپ !مېنىڭ مۇنبەرگە چىقىپ ئۆزەمنىڭ كۆز قارشىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىش ھوقۇقۇم بار دەپ قارايمەن،بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزەمنىڭ ساددا ھېسسىياتىمنى، ئۇلۇغۋار ئىدىيە قىلىپ، بازارغا سالغىنىم ئەمەس!چۈنكى مەندە سىزدىكىدەك بىلىم،قابىلىيەت،قەلەم قۇۋۋىتى يوق!مەن ئىنتايىن ئاددى،ئاران تولۇقسىزغىچە ئوقۇغان،قارا كۈچىمگە تايىنىپ جان بېقىۋاتقان بىر دېھقان! شۇنچىلىك سەۋىيەم بىلەن سىزنىڭ سەپسەتىڭىزگە خاتىرجەم بولۇڭكى ئەگەشمەيمەن!ئىشىنىمەنكى باشقا بارلىق قېرىنداشلىرىممۇ ئەگەشمەيدۇ! مىڭىسىنىڭ سۈيى بارلاردىن باشقا!
ماقۇل ئاكا، گېپىمىز موشۇ يەرگىچە بولسۇن،داۋاملىق تەلىم بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!