تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 18445|ئىنكاس: 11

جۇڭگودىكى بېسىمى ئەڭ ئېغىر ئون خىل كىشىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
178
تۆھپە
121
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 20:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جوڭگودىكى بېسىمى ئەڭ ئېغىر ئون خىل كىشىلەر




1-ئوقۇغۇچىلار
روھىي بېسىمى ئەڭ ئېغىر بولغىنى جوڭگودىكى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ توختىماي تەكرار قىلىشى، ئائىلە باشلىغىنىڭ بېسىمى ئوقۇغۇچىلارنى بىردەممۇ ئارامدا قويمايدۇ،  ھەرخىل نامدىكى ئېنتىھان، ئايغى ئۈزۈلمەيدىغان مانىۋېر ئىتىھان،دەرىس تولۇقلاش،پۇل تۆلەش، سىنىپ قالدۇرۇش،تەبىي پەن،ئىجتىمائىي پەن، ئىشلىسە تۈگىمەيدىغان تاپشۇرۇق،سىنىپتىكى يۇقۇرى-تۆۋەن دەرىجە تۈزۈش.............
2-ئوقۇتقۇچىلار
جەمىيەت بېسىمى ئەڭ ئېغىر بولغىنى جوڭگودىكى ئوقۇتقۇچىلار.
يۇقۇرىنىڭ يول-يۇرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ساپا مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆمۈدى بويىچە باللىرىنى ھەرقايسى ئېنتىھانلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىش تۈرىشى،ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى باشقۇرۇشى ھەمدە ئىختىساسلىق خادىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشى لازىم............
3-ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغانلار
تورمۇش بېسىمى ئەڭ ئېغىر بولغىنى جوڭگودىكى ئىش ئورنىدن قالغان ئىشچىلار.  تاماق يىسىمۇ پۇل،كېيىم كېيسىمۇ پۇل،بالىسىنى ئوقۇتسىمۇ پۇل. بىراق قانداق پۇل تاپىدۇ؟ ھۆكۈمەت ئاز بولمىغان سىياسەتلەرنى قوللاندى، لىكىن ئەملىيلەشكىنى قانچىلىك؟
4-ئۆيى تۇرۇپ تالادا ئاشنا تۇتقانلار
مۇھەببەت بېسىمى ئەڭ ئېغىرلار جوڭگودىكى تالادا ئاشنا تۇتقانلاردۇر. ئاجرىشايمۇ ياكى ئاجراشمايمۇ، سىرتتىكى ئاشنام بىلەن داۋاملىق يەنە مۇھەببەتلىشەيمۇ، ھەقىقەتەن ئاخىرى يوق يول. ئاشنىسى بىلەن بىللە تۇراي دىسە ئۆيىگە چىدىمايدۇ، تېنىچ تۇرمۇش كەچۈرەي دېسە ئاشنىسغا چىدىمايدۇ. تاللاش ھەقىقەتەن قىيىن مەسىلە...........
5-تور خۇمارلار
جوڭگودىكى سالامەتلىك بېسىمى ئەڭ ئېغىرلار تور خۇمارلار. بىر ئولتۇرسا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرىدۇ،كۆزى ئاغراۋاتقان، ئومۇرۇتقىسى تېخى،بېشى ئاغراۋاتقان،بىلى تېخى،ئىسسىق ھاۋادا كاسەكلىرى ئاغرىپ تەلەپ پىشىپ كەتكەن،كۈندۈزدە ئىشلىگەن،ئۇخلاش ۋاختىنى قۇربان قىلغان، شۇنۇڭ بىلەن سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكەن. بىراق تورغا چىقمىسا تېخى كۆڭلى قويمىغان.
6-ئوتتۇرا ياشلىقلار
جوڭگودىكى ئائىلە بېسىمى ئەڭ ئېغىرلار ئوتتۇرا ياشلىقلار. كۈن ئۆتسە قېرىپ كەتكەن، كىچىك بولۋالاي دەپ بولالماي، ئىدارىدا تېخى باشلىق بولالماي، قىلىدىغان ئشى ئارقا-ئارقىدىن، ئاران بىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنى كەلگەندە، باللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چوڭلارنى يوقلىمىسا بولمىغان.
7-كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى
جوڭگودىكى ئۈگۈنۈش بېسىمى ئەڭ ئېغىرلار كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى
ئوقۇش تارىخنى ئۆستۈرۈش، ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن، شەنبە-يەكشەنبە،كۆڭۈل ئېچىش پائاليىتىنى تاشلاپ كەسىپى بىلىم ئۈگۈنىشى،ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۈگۈنىشى،دائىملىق تەربىيگە قاتنىششى،چەتئەل تىلى ئىنتىھانىغا قاتنىششى،ماقالە يېزىشى،خۇلاسە يېزىشى لازىم، ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۇ چىقىملارنى شەخسى تۆلىشى، خىزمەتكىمۇ تەسىر يەتكۈزمەسلىكى لازىم. ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئۆيدىكى بالىسنىڭ مومىسىنى يوقلىمىسا تېخى، ئالدى بىلەن قايسى ئۆيگە  بۇرۇن بېرىشنى دىيىشۋالمىسا خوتۇن بىلەن جىدەل.
8-رېستۇران خوجايىنى
جوڭگودىكى ئىقتىسادى بېسىمى ئەڭ ئېغىر بولغىنى رېستۇران خوجايىنى. رېستۇران خوجايىنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پۇل تاپىدۇ، ئەمما سودىسى ياخشىللىرى ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ ئىچىدىغانلار، ئىدارە ئورگاننىڭ تامىغىنى كۆتۈرە ئالغانلار. ھەممىسى نىسىگە تاماق يەپ، ئاخىردا ھىساپ قىلىدۇ. پەقەت پۇل خەجىلەپ رېستۇرۇن بىزەپ،ئالى دەرىجىلىك قىلۋالغانغىلا ئىش پۈتمەيدۇ، چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە ئايلانما مەبلەغ بولۇش لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ سودىنى قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئىدار ئورگانلار تاماق يەپ پۇلىنى بەرمەي ۋەيران بولغان رېستۇرانلار ئاز ئەمەس.
9-خىيانەتچى ئەمەلدار
جوڭگودىكى روھىي بېسىمى ئەڭ ئېغىرلار خىيانەتچى ئەمەلدارلار. ھوقۇق ياخىشى نەرسە، پۇل تاپقىلى بولىدۇ،پۇلمۇ ياخشى نەرسە،ھوقۇق سېتۋالغىلى بولىدۇ. ھوقۇق چوڭ بولسا، پۇلمۇ كۆپ بولىدۇ، ئىنتىزامدىن كېلىپ تەكشۈرۈشتىن قورقۇپ، داۋاملىق كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. ئاخشىمى پارە ئالىدۇ،كۈندۈزى پارە خورلىققا قارشى سۆزلەيدۇ.
10-بەڭگىلەر
جوڭگودىكى ئونۋېرسال بېسىمى ئەڭ ئېغىرلار بەڭگىلەر. سالامەتلىك بېسىمى:«تاماكۈ چىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق»كۈندە كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئىقتىساد بېسىمى: ھەركۈنى چىقىم قىلىدۇ. ئائىلە بېسىمى: ئايالى،باللىرى قارشى تۇرىدۇ. جەمىيەت بېسىمى: ئاممىۋىي سورۇندا تاماكۇ چەكسە،تۈكۈرسە،پوسكاپ تاشلىسا كىشلەرنىڭ قارشى تۇرشىغا ئۇچرايدۇ ھەتتا جەرىمانە تۆلەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.  روھىي بېسىم: بەنگە ئاغىنلىرى بىلەن بىللە بولغاندا، ئىقتىسادىنى تىجەش ئۈچۈن، ئەرزان تاماكۇ چىكىدۇ ياكى بىرتال تاماكۈنى ئىككىسى چىكىدۇ، چوڭ سورۇنلارغا بارغاندا بولسا قىممەت تاماكا چىكىدۇ
مەنبە:مەنبە: http://obul21c.spot.com/

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1083
تۆھپە
687
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 13:37:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نـــــــــــــــــــــــــىمە دېگـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەن جـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــىق بېسىملار بــــــــــــــــــــــــــــــۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1069
تۆھپە
486
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 16:10:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىسىملار جانغا ئىكەك سالىدۇ ئەمەسمۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 16:22:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ كاللام ساراڭ بولاي دەپ قالدى،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
512
تۆھپە
296
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 22:13:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ توغرا يەكۈنلەنگەن بېسىملاركەنغۇ بۇلار  


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
18234
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:41:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى بېسىمى ئەڭ ئېغىرلار1-ئىشسىز ياشلار


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1236
تۆھپە
891
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:50:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىزدە يەتكۈچە با بۇ بىسىلانىڭ كۆپ قسمى ..........


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
268
تۆھپە
162
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 17:09:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بىسىملاردىن   خۇيمۇ  زىرىكتىگۇ   كىشى  قىلمىسا   تىخى  بۇلمىغان  ......ھەي  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
490
تۆھپە
184
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 16:28:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ھەممىدىن بەكرەك  ئوقۇغۇچىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ ،چۈنكى ئاشۇ بېسىملار ئۇلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنى بوغۇپ ،ھاياتى كۈچىنى خورىتۋاتىدۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1912
تۆھپە
1148
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 18:40:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ كاللام ساراڭ بولاي دەپ قالدى،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:32, Processed in 0.078074 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991