كۆرۈش: 4267|ئىنكاس: 3

بالىلار قوشاقلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قوشماق ئاداش
تىللا
170
تۆھپە
58
UID
9724
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 17:10:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلار قوشاقلىرى

چىگىچى بۇغدايچى

چىگىچى بۇغدايچى ،
ھەمگىچى دۇغدايچى.
كېچىلەپ سۈرمەنى قوي،
سۈرمىنىڭ قايسى قىزىل
ئەڭلىكى ئۇپا قىزىل.
ئۇپىنى نەدىن ئالارمەن،
باغچەمنىڭ باغىدىن.
ئىشكىدە قۇلۇپ تۇرادۇر،
شورا ئاچتىم ئارقىدىن.
**** **** ****
باغچەم كىمگە تېگەدۇر
ئۇستا قۇۋان تازغا تېگەر
ئۇستا قۇۋان تازنىڭ نېمىسى بار؟
ئالتۇن-ئالتۇن قۇشلىرى بار
قۇشلارنى قۇشلايلى
تاز باشىغا مۇشلايلى
تاز باشى قاناپ كەتسە
ئالتە پۇڭغا رەڭ ئىلىپ
تاز باشىنى بويايلى .

   ئاداش -ئاداش بولايلى

ئاداش -ئاداش بولايلى
ئالما قېقى شورايلى
تالىشىپ يىگەچ بىر ناننى
دەريا بويى بويلايلى
**************
ئاداش -ئاداش بولايلى
ئالما قېقى شورايلى
ئۇلۇغ سۇنىڭ بويىدا
بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى
*******************
ئاداش-ئاداش بولايلى
نېمە تاپساق تەڭ يەيلى
ئورتاق بولۇپ ھەر ئىشتا
گەپ سۆز بولسا تەڭ دەيلى
******************
كېلىڭ دوستلار ئوينايلى
ئاداش-ئاداش بولايلى
بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى
ئايرىماس دوست بولايلى .


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2085
تۆھپە
738
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 16:24:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلىڭ دوستلار ئوينايلى
ئاداش-ئاداش بولايلى
بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى
ئايرىماس دوست بولايلى .

مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللەمدىكى بالىلار بىلەن مۇشۇنداق ئوينايتىم.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
592
تۆھپە
331
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 22:18:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش-ئاداش بولايلى
بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى
بۇ مىسرالار ئارقىلىق بالىلىقمنى ئەسلىدىم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2181
تۆھپە
1044
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 16:33:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي !ھازىرقى بالىلارغا ئاشۇنداق قوشاقلارنى توۋلاپ ،شوقلۇق بىلەن سەكرەپ ئوينايدىغان ۋاقىتلار  قانچىلىك ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 11:33, Processed in 0.070165 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991