چۈشەنمىسىڭىز سوراڭ
بىر ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالدى ، بۇنى كۆرگەن مۇئەللىم تېرىكىپ ئۇنى مۇنبەرگە
چىقىرىپ سوئال ئىشلەتكۈزۈپ تازا تىللىماقچى بولدى .
ئۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشىغا ، مۇئەللىم سۆزلەپ كەتتى :
- نەتىجىسى ناچار تۇرۇپ ،دەرس ۋاقتىدا خىجىل بولماي ئۇخلاپ كەتكىنىنى .....
ئۇ ئوقۇغۇچى گەپمۇ قىلماي مۇنبەرگە چىقىپ مەسىلىنى ئىشلىۋېتىپ ، ئورنىغا قايتىپ كەلدى - دە ،
مۇنداق دېدى :
- مەن ئۇخلىۋالاي چۈشەنمىسىڭىز يەنە سوراڭ .
قۇلىقى يۇمشاق بالا
ئۈچ ياشلىق مىخائېل كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغان ئاپىسى بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە كەلدى .
سېستىرا ئاپىسىنى دىياگنۇز ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى ، ئاپىسى ئۇنىڭغا :
- ماۋۇئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرغىن ،ھەرگىز ئۇياق - بۇياققا كېتىپ قالما ، - دەپ تاپىلىدى .ئۇ
ماقۇل بولۇپ بېشىنى لىڭشىتتى . مىخائېل يېنىدا ئولتۇرغان ھامىلدار ئايالغا تازا ئۇزاق
قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سورىدى :
سىزنىڭ قورسىقىڭىز نېمىشقا بۇنچىۋالا چوڭ ؟
-چۈنكى ، مېنىڭ قورسىقىمدا بىر بالام بار، - دېدى ھامىلدار ئايال .
- قورسىقىمدا بىر بالا بار دەمسىز ؟ - دېدى مىخائېل كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە .
_ ھە ئە ،ساڭا ئوخشاش ئوماق بىر بالام بار .
مىخائېل بىردەم جىمىپ كەتتى ، ئاندىن ھامىلدار ئايالغا تېڭىرقاش نەزىرىدە قارىۋەتكەندىن
كېيىن يەنە سورىدى:
- ئەمىسە كەپسىز بالا ئىكەن - دە ئۇ؟
- ياق ، دېدى ھامىلدار ئايال بۇ گەپتىن كۈلگىنىچە ، - ئۇ بەك گەپ ئاڭلايدىغان بالا ، نېمىشقا
بۇنداق ئويلاپ قالدىڭ ساقام ؟
بۇ چاغدا مىخائېل تولىمۇ ھەيران قالدى ۋە چۆچۈپ كەتكىنىدىن يىغلاپ تاشلىدى :
- ئەمىسە ئۇنى نېمىشقا يەۋەتتىڭىز ؟
ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدە
ئېرىدىن نارازى بولغان خوتۇنى مۇنداق دېدى :
- قاراڭ ، ئىككىمىز يۈرگەن چاغلاردا سىز ماڭا :<<ئەگەر ماڭا تەگسىڭىز ، ئاسماندىكى ئاينىمۇ
ئېلىپ بېرىمەن >> دېگەنىدىڭىز ، مانا سىزگىمۇ تەگدىم ، قېنى ماڭا ئۈزۈپ بەرمەكچى بولغان ئاي ؟
- ماڭا قارا ،خوتۇن ، ئايدېگەن كەچتە چىقىدۇ ، لېكىن سەن مېنى كېچىدە تالاغا چىققىلى
قويمىساڭ ، - دېدى ئېرى .
