تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 197|ئىنكاس: 5

QQدىمۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولامدۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
837
تۆھپە
546
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 04:09:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    بۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش ، تورداشلارنىڭ سەمىمىي پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچىمەن....
    مەن ئېچكېرى ئۆلكىدە ئوقۇۋاتقىلى بىر يىلچە بوپ قالدى،نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم چوڭقۇر مۇھەببەت قايناملىرىغا چۆكۈشكە باشلىدى.... نىمىشقىكىن ماڭا ھىچ بىر زىتىمغا ياققۇدەك بىرەر يىگىت ئۇچرىمايۋاتاتتى....
   بۇ مەۋسۈمنىڭ بېشىدا مەكتەپكە كەلگۈچە پويىزدا ئۆزۈمدىن 5ياش چوڭ <ئاكاش>قا ئاشىق بولدۇم.ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىم ئاران پويىزدىكى ئۈچ كۈن بولسىمۇ ....بىلمىدىم نېمىشقا ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالغانىدىم...ئۇمۇ ئوقۇغۇچى بولۇپ باشقا بىرشەھەر دە ئوقۇيتى ...پويىزدىن چۈشكەن چاغدا ئۇ مېنى چاقىرىپ QQنۇمۇرۇمنى يېزىۋالدى.
  بىز مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنمۇ ئالاقىلاشتۇق....ئۇ مېنى سىڭلىم دەيتى،مەن ئۇنى ئېزچىل مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم،ئەپسۇس ،ئۇ مەن بىلەن بىللە كەلگەن يېقىن دوستۇمنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ چىقتى....ھەي، ئەمدى قانداق قىلاي؟! ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بولدى كىلىشنى لايىق تاپتىم....مېنى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ يۈرۈشكە ۋىجدانىم يول قويمىدى!
  شۇنداق بىركۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن توردا بېيجىڭ مىدىتسىنا ئونۋىرسىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئاق كۆڭۈل بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.... كۆڭلۈم يېرىم بولغاچقىمۇ ھەممە دەردىم ئۇنىڭغا تۆكتۈم....ئۇمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بەردى...شۇنداق قىلىپ بىز دوست بولۇپ قالدۇق!ئۇ ماڭا <ئاكاش>نىڭ سايىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىمغا ياردەم بەردى....شۇ جەرياندا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم....ئادەم دىگەن شۇ ! ئەڭ ئاجىز ۋاقتىدا ياردەم بەرگەن ئادەمنى تېزلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ....
   مەن قورقاتتىم ، ئۇنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرمەي ئالىقانداق سىڭىل ئورنىدا كۆرۈشىدىن قورقاتتم....تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۇ ماڭا ئارلىشىش تەلىپىنى قويدى،خوشاللىقىمدا بىركېچە ئۇخلىماي چىقتىم....شۇنداق قىلىپ بىز ئارلاشتۇق ! ھازىرمۇ ئارلىشىۋاتىمىز...ئۇ كۈندە ماڭا تېلفۇن قىلىدۇ،دەرىسىمنى ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا قايتا-قايتا تەربىيە قىلىدۇ !كۆڭلۈم يېرىم بولسا تەسەللى بېرىدۇ!نامازنى تاشلىماسلىقنى قۇلقۇمغا پۈكۈپ تۇرىدۇ !لېكىن ئۇ تا ھازىرغىچە مېنى ياخشى كۆرۈمەن دەپ باقمىدى،ۋەبىرەر كەلگۈسىمىز توغۇرلۇق ۋەدىمۇ بېرىپ باقمىدى....لېكىن ئۇ ماڭا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ....ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان بىر ئېغىز گىپى:ئاللا بەختىمىز نى بەرسۇن !
    مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈمەن ھەم مېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلايمەن .... ئۇ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان ئاللانىڭ مۆمىن بەندىسى... ئۇ ئاغزىغا ئاللانى ئېلىپ گەپ قىلغاندىكىن مەن نىمىمۇ دىيەلەيتىم.....لېكىن يەنە بىر تۇرۇپ تەشۋىشلىنىپ قالىمەن،بىر ئېغىز ياخشى كۆرىمەن دىيەلمىگەن ئادەمدىن ئۈمۈت كۈتۈپ نىمىمۇ قىلاي دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.....مەن بىلمىدىم....ئۇ راست مېنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ ؟
      لېكىن مەن شۇنى كىسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈمەن ....

   ئېيتىڭلارچۇ تورداشلارQQدا تونۇشقانلار دىمۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولامدۇ ؟
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
151
تۆھپە
64
UID
348
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 12:13:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا كىسىپ بىر نىمە دىمەك قىيىن...  مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق..

Rank: 8Rank: 8

تىللا
356
تۆھپە
165
UID
50

تەڭرىتاغ گۈزىلىمېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 15:37:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەلۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىيلىكىگە باغلىق.
قەلبلەر مۇھەببەتكە  تولسۇن!

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
4
UID
788
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 19:41:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  ئۇنىڭ  بىلەن  كۆرۇشتىڭزمۇ   يۇز تۇرانە  كۆرۇشمىگەن  بولسىڭز  ئۇنداقتا   بۇ   چچ   دوستڭىز   خالاس ..ئەمما  بەكمۇ  ئۇمۇدسىسزلىنىپ  كەتمەڭ

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
9
UID
1866
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت دىگەن شۇنداق بولىدۇ !

Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
1
UID
512
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەقىدەنىڭ پىكرىنى قوللايمەن .....مەنمۇ يولدۇشۇم بىلەن تاساددىبىي توردا تۇنۇشۇپ قىلىپ توي  قىلفان ،ھازىرمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتۈۋاتىمىز مانا .....ھەممە نىىيەتكە باغلىق .....بەختىڭىز ئۈچۈن تىرىششىڭىز ئەرزىيدۇ....

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-19 02:36, Processed in 0.056670 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش