2- نۆۋەتلىك «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش»يېڭى ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش ئېلانى «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىندىن بۇيان زور كۈچ سەرپ قىلىپ تىكلىگەن شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدە مەلۇم تەسىر قوزغىغان مەدەنىيەت ماركىسى بولۇپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلغان ۋە ھەر مىللەت خەلقى ئالقىشلىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ناخشا- مۇزىكىلارنى مەيدانغا چىقاردى. پارتىيە 17- نۆۋەتلىك 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللارشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش شۇنداقلا پارتىيە18- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى خۇشال-خورام كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ۋە تەڭرىتاغ تورى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 2- نۆۋەتلىك « يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» شىنجاڭ ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، نۆۋەتتە مەملىكەت مىقياسىدىن كەڭ كۆلەمدە ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلىماقچىمىز، كونكېرت ئىشلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، توپلاش ۋاقتى 2012- يىلى 6 – ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 2012- يىلى 9-ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە( پوچتا تامغىسى ئاساس قىلىنىدۇ). ئىككىنچى، توپلاش ئوبيېكتى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى(چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىكى كەسپىي ياكى ئىشتىن سىرتقي مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرى. ئۈچىنچى، ئىشلىتىلىدىغان تىل تۈرى خەنزۇچە ۋە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئەسەرلەر قاتناشسا بولىدۇ. تۆتىنچى، ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە توپلاش تەلەپلىرى 1. شىنجاڭنىڭ تەبئىي مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مەدھىيەلەش، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش، «ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، ئەمگەكچان بولۇش ۋە ئۆز-ئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىلىپ ئالغا ئىنتىلىش»تەك شىنجاڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت باش تېمىنى ئاساس قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر. 2. پائالىيەتكە قاتناشتۇرىدىغان ئەسەرلەر 2009-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن يېڭى ئىجاد قىلىنغان ناخشا-مۇزىكىلار بولۇشى شەرت. ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئېنىق، مەزمۇنى ساغلام، ئاممىغا يېقىن بولۇشى، شەكلى ھەر خىل، تارقىلىشچانلىقى يۇقىرى، ئاھاڭى گۈزەل بولۇشى كېرەك، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى لازىم. 3. ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قايتا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 4.تۇنجى نۆۋەتلىك «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 5. ئۆسمۈر- بالىلارغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئەسەرنىڭ پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. 6.ئەسەرنىڭ قويۇلىدىغان يەككە ناخشا تەييار بويۇمى(ناخشىنىڭ تەييار بويۇمى ۋە تەڭكەش بويۇمى ئىككىلىسىدىن ئىككى نۇسخا يوللىنىلىدۇ)، مۇزىكا نوتىسىنىڭ باسما ماتېرىيالىدىن 11 نۇسخا(بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 نۇسخىسىنىڭ ئۈستىگە تېكست ۋە مۇزىكا ئاپتورىنىڭ ئىسمى يېزىلماسلىقى كېرەك) قوشۇپ يوللىنىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ناخشىلارنىڭ تېكست ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى قوشۇپ يوللىنىلىدۇ. 7. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار چوقۇم ئەسەرنىڭ تېكىست ياكى مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى بولۇشى شەرت، «2- نۆۋەتلىك ‹يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش›يېڭى ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى توغرىسىدىكى بايانات ۋە ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنامە»گە ئىمزا قويۇپ ئۇنى ئەسەر بىلەن بىللە يوللىغاندىلا باھالاشقا قاتنىشالايدۇ. توپلاش ئېلانى ۋە قوشۇمچە ھۆججەتنى شىنجاڭ مەدەنىيىتى تورى)www.xjwh.gov.cn(ياكى شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى تورى)www.xjma.org.cn(دىن چۈشۈرۈڭ. 8.پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر يېڭى ئىجادىي ناخشا بولۇشى، باشقىلارنىڭكىدىن كۆچۈرۈلگەن، ئوغۇرلانغان بولماسلىقى، باشقىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمىگەن بولۇشى كېرەك. ئاپتورلۇق ھوقۇقى تۈپەيلى تالاش-تارتىش تۇغۇلسا، پائالىيەتكە قاتناشقۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. 9. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 10. قاتناشقۇچىلار پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا كېلىپ چىققان تۈرلۈك چىقىمنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. 11. مەزكۇر ناخشا توپلاش پائالىيىەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى ئىشلىتىش، ناخشىنى ئورۇنلاشقا ئويۇشتۇرۇش ۋە ئۈن، سىنغا ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، پائالىيەت نامىدا ئىشلەنگەن ئۈن-سىن بويۇملىرىنى رادىئو، تېلۋېزىيىدە تارقىتىش شۇنداقلا مەزكۇر پائالىيەتكە ئالاقىدار نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىش ھوقۇقلىرىغا ئىگە. 12. ناخشا توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن ئۆز ئەسىرىنى ئىشلىتىش ئارقىسىدا پەيدا بولغان باشقا مەنپەئەتلەردىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. بەشىنچى، يوللاش ئۇسۇلى ئادرېس: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق جەنۇبىي يولى 716- نومۇر، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى (كونۋېرت ئۈستىگە «باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر»دەپ يېزىپ قويۇڭ) ئالاقىلاشقۇچى: يۈەن شۈەي(خەنزۇچە ئەسەرنىڭ) بەختجان(ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئەسەرنىڭ) ئالاقىلىشىش تېلفۇنى: 4598220 -0991 پوچتا نومۇرى: 830000 QQ نومۇرى: 401015926 ؛ ئېلخەت: qq.com@401015926 ئالتىنچى، توپلاش پائالىيىتى تەشكىلاتى تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى شىنجاڭ گېزىتى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىشتانسىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى تەڭرىتاغ تورى ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مۇلازىمەت مەركىزى يەتتىنچى، باشقا ئىشلار ناخشا توپلاش خىزمىتى ئاياقلاشقاندىن كىيىن، پائالىيەتنى تەشكىللۈچى ئورۇنلار مۇتەخەسسلەرنى تەشكىللەپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ، باھالاشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر ئاخپارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئۈچۈن ماددىي مۇكاپات، گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل شەكىلدە تەشۋىقات ۋە كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ. مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا كۆرۈلگەن ھەر قانداق باشقىچە پىكىرگە قارىتا، «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» يېڭى ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى ئاخىرقىي ئىزاھلاش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتكە ئائىت ھەر قانداق ئاياقلاشمىغان ئىشلارغا نىسبەتەن تەشكىلىي ھەيئىتى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بەلگىلىمە بېكىتىدۇ ۋە ئىزاھات بېرىدۇ. قوشۇمچە: 2-نۆۋەتلىك «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» يېڭى ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى توغرىسىدىكى بايانات ۋە ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنامە
2-نۆۋەتلىك «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» يېڭى ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى تەشكىلىي ھەيئىتى 2012-يىلى6-ئاينىڭ 3-كۈنى
قوشۇمچە:2-نۆۋەتلىك «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» يېڭى ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى توغرىسىدىكى بايانات ۋە ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنامە
تېكستىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى: كىملىك نومۇرى: ئالاقىلىشىش ئادرېسى: پوچتا نومۇرى: ئالاقىلىشىش تېلفونى
مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى: كىملىك نومۇرى: ئالاقىلىشىش ئادرېسى: پوچتا نومۇرى: ئالاقىلىشىش تېلفونى:
ناخشا ئورۇنلىغۇچىنىڭ ئىسىم –فامىلىسى: كىملىك نومۇرى: ئالاقىلىشىش ئادرېسى: پوچتا نومۇرى: ئالاقىلىشىش تېلفونى: ئورۇن نامى: قانۇنىي ئىگە ۋەكىلى: ئالاقىلىشىش ئادرېسى: پوچتا نومۇرى: ئالاقىلىشىش تېلفونى:
1. (تېكستىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تولدۇرۇڭ) بايانات: مەن (ناخشا نامىنى تولدۇرۇڭ، تۆۋەندە «مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر» دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ تېكستىگە قارىتا مۇستەقىل، تولۇق ئىگە بولۇش شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، مەزكۇر ناخشىنىڭ تېكست ئاپتورى ئۆزۈم(ناۋادا تېكستىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ئەمەس بولسىڭىز، تېكست ئاپتورىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بۇ يەرگە تولدۇرۇڭ )؛ 2. (مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تولدۇرۇڭ) بايانات: مەن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرنىڭ مۇزىكىسىغا قارىتا مۇستەققىل، تولۇق ئىگە بولۇش شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، مەزكۇر ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ئۆزۈم (ناۋادا مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ئەمەس بولسىڭىز، مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بۇ يەرگە تولدۇرۇڭ ؛ 3. (ناخشا ئورۇنلىغۇچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى تولدۇرۇڭ) بايانات: مەن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى بولىمەن، مەن يۇقارقى تېكست ۋە مۇزىكا ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن مەزكۇر ناخشىنى ئورۇنلىدىم. 4. (ئورۇن نامىنى تولدۇرۇڭ) بايانات: بۇ ئەسەرنىڭ مەزكۇر ئورۇن نامىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلدى.
ئورۇن تەرەپ، تېكستىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى، مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى، بارلىق ناخشا ئورۇنلىغۇچىلار «2- نۆۋەتلىك «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش»يېڭى ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرنى توپلاش ئېلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئېلان»دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئوقۇدى،بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن يەنىمۇ ئوبدان پايدىلىنىپ مەزكۇر ناخشىنى كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تېكىستىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى، مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ۋە ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى« ئېلان»دىكى بارلىق ماددىلارغا قوشۇلىدۇ، شۇڭلاشقا: (ھوقۇق تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تولدۇرۇڭ. ھوقۇق تاپشۇرۇپ ئالغۇچى چوقۇم تېكستنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى، مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ۋە ناخشا ئورۇنلىغۇچىلار ئارىسىدىن تاللىنىدۇ) نىڭ ئالاقىلاشقۇچى بولۇشىغا ھوقۇق تاپشۇرۇلدى، ئۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرنى بىۋاستە سۇنۇش ئارقىلىق، ۋەكىل سۈپىتىدە «ئېلان»غا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئالاقىلاشقۇچى ھەم بۇ قېتىمقى ناخشا توپلاش ئاپالىيىتىگە ئالاقىدار قانۇنىي ھۆججەتلەرگە ۋەكىل سۈپىتىدە ئىمزا قويۇش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئورۇن، تېكىستنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى، مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ۋە ناخشا ئورۇنلىغۇچىلار ئىچكى تەخسىمات نىسبىتىگە قارىتا كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ھەر قانداق مەنپەئەت تەخسىماتى توقۇنۇشىنىڭ پائالىيەت ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن بىلەن ئالاقىسى يوق. ئالاقىلاشقۇچى ھەم ۋەكىل سۈپىتىدە «ئېلان»دىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى يۈرگۈزۈش ۋە ئۆتەش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئالاقىلاشقۇچىنىڭ بۇ قېتىملىق ناخشا ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىش تۈپەيلى ئېلىپ بارغان قانۇنىي ھەركىتىدىن ھاسىل بولغان قانۇنىي نەتىجىسىگە ھوقۇق ئۆتگۈزگۈچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ. ئورۇن، تېكستنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى، مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ۋە ناخشا ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ مەزكۇر بايانات ۋە ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنامىگە ئىمزا قويغانلىقى ياكى تامغا ئۇرغانلىقىنىڭ راستلىقى، ئىمزالىغۇچى ياكى تامغا ئىگىسىنىڭ ھەقىقىي خاھىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىمىز. ئالاھىدە ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئورۇن تامغىسى:
تېكستنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى( ياكى قانۇنلۇق ھامىيسى) نىڭ ئىمزاسى ياكى تامغىسى: مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى(ياكى قانۇنلۇق ھامىيسى)نىڭ ئىمزاسى ياكى تامغىسى؛ ناخشا ئورۇنلىغۇچى(ياكى قانۇنلۇق ھامىيسى)نىڭ ئىمزاسى ياكى تامغىسى: چېسلا: ئەسكەرتىش: 1.ناخشا توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ تېكست ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى، مۇزىكا ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ۋە ئورۇنلىغۇچىسىلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنامىنى تولدۇرىشى كېرەك. 2. ئورۇن نامىدىن قاتناشقۇچىلار چوقۇم ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنامە تولدۇرۇشى كېرەك. 3.كوللىكتىپ نامىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم ھوقۇق ئۆتكۈزۈشنامە تولدۇرۇشى كېرەك. 4. ناۋادا تېكستىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى، مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئىگىسى ۋە ناخشا ئورۇنلىغۇچىلار باشقا- باشقا كىشى بولسا، بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئىمزا قويۇپ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. مەزكۇر بايانات ۋە ۋەدىنامىنى چوقۇم تەلەپ بويىچە تولدۇرۇش كېرەك،« ئېلان»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، تولدۇرۇلغان، ئىمزا قويۇلغان ئەسلى نۇسخىسىنى ئەسەر بىلەن بىللە «ئېلان»دا بىكىتىلگەن ئادرېسقا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىش لازىم.
|