ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرى چوقۇم تېپىپ بېقىڭ
تېپىشماق دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىن مەلۇم بولىدىكى ، ئۇ "تېپىش" ،" ئويلاش" ، " ئىزلەش "
دېمەكتۇر . تېپىشماقلار شەكىل جەھەتتىن ئىنتايىن قىسقا ۋە يىغىنچاق تۈزۈلگەن بولۇپ ، ماقال - تەمسىللەرنىڭ قۇرۇلىشىغا ئوخشاپ كىتىدۇ .، لېكىن مەنا تەرەپتىن تامامەن ئوخشىمايدۇ .
(1) تېپىشماق
بىر رەنا ، ئون ئىككى دانا ، ئوتتۇز ئانا ، بىر يۈزى ئاق ، بىر يۈزى قارا . --- ئۇ نېمە ؟ تېپىپ باقامسىز ؟
(2) بىر مەھسۇلات بار ئىكەن ، ئۇنىڭ ئەسلى قار ئىكەن ، ئۇ بولمىسا جانلىقلار ھالاك ئىكەن - خار ئىكەن ، تىزگىنلەنسە ئۇنىڭدا ،نازۇ - نىمەت بار ئىكەن . ---- بۇ نېمىدۇ ؟
(3) پاكار - پاكار بويى بار ، يەتتە قەۋەت تونى بار . ----بۇ چو؟
(4) ئاغزىدا يۈزلەپ چىشى ،بىرنى ئىككى قىلماق ئىشى . ---بۇنىچۇ ؟
(5) ساندۇقىمدا جىق ئوق ، ئەتىسى قوپسام بىرىمۇ يوق .---- ماۋۇچۇ ؟
تورداشلىرىم چوقۇم ئەقىللىق ، بىردەمدىلا تېپىۋالىسىلە -ھە شۇنداقمۇ- يا ؟
( 1) نى تاپسىڭىز (5)نىمۇ ئىتىكلا تاپىسىز .