- تىزىملاتقان
- 2013-7-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-11
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 679
- نادىر
- 1
- يازما
- 82

- تۆھپە
- 119
- مۇنبەر پۇلى
- 420
- ئىشەنىچ
- 119
| مەن ، ھايات كەچمىشلىرى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك بىرەر تېما ئۇچراپ قالارمىكىن دىگەن ئۈمىت بىلەن تور ئارىلاۋېتىپ ، مىسرانىم تورىدا يەنە ئىنكاس قوزغاۋاتقان<< ناۋا >> توغرىسىدىكى ئىنكاسلارغا قاراپ بېقىشقا توغرا كەلدى ، استىنى ئېيتقاندا ناۋاغا ھاقارەتلىك ئىنكاسلارنى يېزىپ ، بىر بىرىگە ھۈرپىيىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا قاراپ بەكمۇ ئۈمىتسىزلەندىم ، ئىچىم ئاچچىق بولدى ، ئىنكاستىكى ئىلمىيلىككە يات بولغان چۆكۈرۈش ، غاجىلاش ، يول قويماسلىق ، سەنئەتكە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش، رىياسەتچىلەرگە مۇشت ئېتىش قاتارلىق پۈتۈنلەي سەلبى تۇس ئالغان چۆكۈرۈشلەردىن بىزنىڭ ساپا جەھەتتە قانچىلىك دەرىجىدە ئارقىدا قالغانلىقىمىزنى بىر بىرلەپ كۆرسۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى . 32-سان ناۋاغا نىسبەتەنمۇ يەنىلا نەملەشكەن ۋايساشلار ئەۋىج ئالغىلى تۇرۇپتۇ ، ئىنكاسنى تولۇق ئوقۇپ چىقاي دىدىميۇ قارىسام يەنىلا يېڭىلىق تۈسى يوق غەزەپلەر ، غاجاشلار ئەۋىج ئالغىلى تۇرۇپتۇ ، مەلۇم يەرگە كەلگەندە يېشى 78گە كىرگەن قۇدرەتخان ئانىنىڭ پاچىقىدىن چىشلىمەكچى بولۇپ بىرى چىقىپتۇ ھەم چىشلەپتۇ ، بۇ ئانىغا قىزىل كۆينەك كىيىۋاپتۇ ، ئۇسۇلى بىر قىسما ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ ئۆيىدە ئولتۇرسا بولمامدۇ دىگەندەك بىر تالاي ئىللەتلەرنى يۈكلەپ قويۇپتۇ ، ئېسىت دىدىم شۇ بايقۇشنىڭ ئەقلىگە ، 8ئوغۇل بىر قىزنى قاتارغا قوشۇپ يەنە گۈسمۈستەك سەھنىگە چىقىپ شۇ سەھنىدىن ئوت چىقىرىۋېتىلىگەن بىر ئانىنىڭ قەيسەر روھىدىن ئۈگىنىشتە يوق ئۇ تەۋەرۇك مومايغا ئۇنى بۇنى دەپ كەتكۈدەك سىز بىز نىمە ئىدۇق ؟!ھازىرقى ئانىلارغا قاراپ بېقىپ سۆزلىسەك نىمە بولىدۇ بىر ياكى ئىككى بالىنىڭ ھۆددىسىدىن ئېرى تۇرۇپ چىقالمايدۇ ، قاقشايدۇ ، زارلايدۇ ، ئۆلىۋالغۇسى كېلىدۇ ، ئۇنىڭغا قارىغاندا ئويلىڭا ئاچارچىلىق ، مۇھتاجلىق ئېغىر ئەمگەك شارائىتىدا ياشىغان ئەنە شۇ ئانىمىز بۇ 9بالىنى قانداق بېقىپ قاتارغا قوشقاندۇ ؟ دىگەن سۇئال خىيالىڭىزغا كەلمىدىمۇ ؟ يەنە شۇنداق جاپالىق دەۋىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ سەھنىگە چىقالىغان بۇ موماينىڭ ۋىجدانىدىن بالىلىرىغا بولغان مېھرىدىن كۆزىڭىزگە يىغا كەلمىدىمۇ ؟ بىز ئىنكاس يازمايلى ئەمەس يازايلى شۇ يازغان مەزگىلدە ئۆزىمىز قانداق قىلغان بولاتتىم دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يازغىنىمىز تۈزۈك ، بۇ يەردە قۇدرەتخان ئانىنىڭ سەھنىگە چىققانلىقى ، ناخشا ئېيىتقانلىقى ، ئۇسۇل ئوينىغانلىقىنى چىشلەپ تارتىش ئەمەس ئاشۇ ئانىدىكى جاسارەتنى ، روھنى ، ئۈمىتۋارلىقىنى ، مېھرىۋانلىقنى ئۆزىمىزگە دەڭسەپ باقساق بولىدۇ ، مىشچانلىشىپ كەتكەن سىز بىلەن بىز كاللىمىزنى تاشقا ئۇرساقمۇ ئۇ ئانىغا يېتەلمەيمىز پەقەت بىز سۆكۈشكە كەلگەندە جاھاننى نەچچە قاتلايمىز ، ئەگەر چەندە بۇ پۇرسەتكە سىز بىلەن بىز ئېرىشىپ قالساق تۆت ئېغىز گەپنى، بىر پەدە ئۇسۇلنى قاملاشتۇرۇپ قىلىش تۈگۈل تىزىمىزدا جان قالمايدۇ ، بۇ غاجاش تىپىدىكى ئادەملەرنىڭ ئورتاق خاسلىقى . بىزدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولغۇنى ياخشى ، ھەر قېتىم يېڭى ناۋا بېرىدىغان چاغدا ئۆيۈمگە بىر نەچچە دېھقان قوشنام سىزنىڭ تېلىۋىزورىڭىز ياخشى چىقىدىكەن دەپ ئۆيگە كىرىدۇ ، مەن بۇ ئىشتىن بەك سۆيىنىمەن ئۇلار بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكەچ قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشىمىز ، ناۋانىڭ شۇ سانىدىن ھوزۇرلىنىمىز ، ئۇلارنىڭ ناۋادىن مىننەتدار بولۇپ ھەممىنى تولۇق كۆرۈپ ئۆيدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ماڭا قايتا -قايتا رەھمەت ئېيتىپ كېتىدۇ ، ئەسلى ئۇلار ناۋاغا رەھمەت ئېيتسا بولاتتى ، كۆزۈمگە يىغا ئولىشىپ يىغلاپ سېلىشقا تاس قالىمەن ، مانا سىز چالما دەپ تاشلىۋەتكەننى باشقىلار ئالما دەپ قەدىرلەيدۇ ، شۇڭا سۆكۈشكە توغرا كېلىدىغان ئىشلار بولسا دەڭسەپ بېقىشنى ئۈگىنىشىمىز لازىم ، موماينى تىللاشبىلەن ئۇنىڭ روھىنى كۆرمەسلىك نادانلىق ، ناۋانى سۆكۈش بىلەن ئۇنىڭ ئەل قەلبىدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىك ئاخماقلىق . رىياسەتچىگە تەكلىپ بەرمەي ھاقارەتلەش چىدىماسلىق ، ھەسەتخورلۇق . باھالىغۇچىلارغا ھۆرۆ-پۆرۆ دىيىش بىلىمسىزلىكتىن باشقا نارسە ئەمەس قىسقىسى كىشىلەردە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولمىسا ،كۆڭلى گەردەك قاراڭغۇلىشىدۇ ، ئەمما ھەممە ئادەم نەپرەتلەنگەن نەرسىدىن مىننەتدار بولۇش بۇ ئىت ۋە توخۇ پۇقىدىنمۇ يىرگىنىشلىك قىلمىش! |
|