- تىزىملاتقان
- 2014-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-12
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 399
- نادىر
- 0
- يازما
- 57
 
- تۆھپە
- 99
- مۇنبەر پۇلى
- 255
- ئىشەنىچ
- 99
| ناۋانىڭ 32-سانىدىكى قۇدرەتخان ئانىغا رەخمەت ناۋادىكى قۇدرەتخان ئانىغا رەخمەت ئېيتىشقا ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە. ئەشۇ موماينىڭ شۇنچىلىك جۈرئىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماقتا يوق، ئۇنى-بۇنى دېيىش توغرا ئەمەس. كەڭ قوساق بۇلۇپ مومايدىن مىننەتدار بولساق بۇلىدۇ تېخى، مەن شۇ ساننى كۆرۈۋېتىپ بۇ ئانىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم ھەم سۈيۈندۈم، ئاپام ھايات ۋاقتىدا ئاغىنىلىگە بىرنەچچە پەدە دۇتار چېلىپ بەرسە ئۇلار خۇش بوپ كېتەتتى. بۇ چوڭ ئىش بولمىسىمۇ ئۇلار ئاپامدىن رازى بۇلاتتى. مەن بۇ ساننى كۆرۈپ ئاپامنى كۆرگەندەك بولمىساممۇ بىراق ئۇ موماينىڭ بالىلىرىغا ئاتىغان مۇھەببىتىدىن شۇنداق قايىل بولدۇم. مەن ھازىرغىچە بىرەر قېتىم ئوتتۇرغا چىقىپ تانسا ياكى ئۇسۇل ئويناپ ناخغا ئېيتىپ باققىنىم يوق، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ تۇيىدىمۇ شۇنداق، مەن كونىلىقنى ياقلايدىغان خۇراپى ئايالمۇ ئەمەس. بىراق مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق. موماينىڭ 9 بالىنى يالغۇز چوڭ قىلمىقى ئاسانمۇ، بالىلىرىنى قوللاپ سەھنىگە چىققىنى سەت ئىش ئەمەسقۇ. موماينىڭ سەھنىگە چىقالىشى بالىلىرىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەرقانداق ئادەم مىننەتدار بولۇشنى بىلگەندە كەڭ قوساق بولغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئىشلارنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ.
|
|