- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-18
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 125
- نادىر
- 0
- يازما
- 19

- تۆھپە
- 34
- مۇنبەر پۇلى
- 79
- ئىشەنىچ
- 34
| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،مۇنبەردىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىسىنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن.بۇ مۇنبەرنى قىزىتىۋەتكىنىگە قارىغاندا بۇ تېما كىشى قەلبىگە يېقىشلىق بولغان ئوخشايدۇ.ئەمما ھەر خىل مۇنازىرىلەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بار،كىم نىمە دىگەن بولسا ئۆزىگە توغرا بولۇشى مۈمكىن،بۇ يەردە مېنىڭ ئەسكەرتىپ قويماقچى بولغىنىم.بۇ تېمىنى يوللىغۇچى بىر پەرۋىشكار خەلق ئوقۇتقۇچىسى،ئۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئادىل،ھەققانى،ئىمان-ئېتىقادلىق مۇئەللىم.ئۇنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنى پەقەت بىر ئانىنىڭ قەيسەر روھىلا ئەمەس،بەلكىم 9 بالىنى قاتارغا قاتقان بۇ ئانا ئۆزى خالاپ سەھنىگە چىقمىغان بولۇشى مۈمكىن،ئۇمۇ شۇنچە يىللارنى پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈش بىلەن بىرگە تالاي كېچىلەرنى ئاللاھتىن پەرزەنتلىرىگە ئامانلىق تىلەپ جەينامازدا ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۈمكىن،بەلكىم پەرزەنتلىرى ئانىسىغا بولغان پەخىرلىنىش ھىسسىياتىنى،ھۆرمىتىنى،رەھمىتىنى مۇشۇ سەھنە ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان بولۇشى مۈمكىن.بۇ ئانىمۇ باللىرىنىڭ كۆڭلىنى،دەپ چىققاندۇ.ھەر بىر ئانا ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن قەدىرلىك.شۇڭا ئىشلارغا بىر تەرەپلىمە قارىماسلىغىمىز ،ئانىلارنى ھاقارەتلىمەسلىگىمىز،كەتكەنلەرنى چىشلەپ تارماسلىغىمىز كېرەك.كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا باھا بەرمەسلىگىمىز ،ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنى ئوپىراتسىيە قىلپ بېقىپ ئاندىن پىچاقنى باشقىلارغا تەڭلىشىمىز كېرەك.ئەسەر دىگەن ئەسەر،ئادەم دىگەن ئادەم.دۇنيادا نوخسانسىز ئادەم،مۇكەممەل ئىش يوق،بولمىسا بىز بەندە بولماي قالىمىز.مۇنبەردە نۇرغۇن دوستلار بار ھەركىمنىڭ قارىشى باشقا،بايا بىر دوستىمىز دىگەندەك ئۆز قارىشىمىزنى باشقىلارغا تاڭساق بولمايدۇ.گەپلىرىمنىڭ توغرىسىنى قوبۇل قىلپ،خاتاسىنىمۇ توغرا قوبۇل قىلىشىڭلارنى سورايمەن.ئىتتىپاقلىق ھەممىدىن مۇھىم.مۇشۇنداق بەس-مۇنازىرىنى قوزغاشقا سەۋەپ بولغان تېمىڭىزغا رەھمەت،كىشى قىلغىنى نەزەرگە ئېلىنماسلىغىدىن قورقۇش كېرەك،نەزەرگە ئېلىندىمۇ بولدى يەنىلا ياخشى دىگەن گەپ.بەزىدە سەلبى پىرسۇناقلارمۇ كىشىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىدۇ ئەمەسمۇ؟ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرەرەسىلەر. |
|