كۆرۈش: 9486|ئىنكاس: 4

Uyghurix مەشغۇلات سىستېمىسنى سىناشقا قاتنىشىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
58
تۆھپە
12
UID
5885
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 21:14:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Uyghurix مەشغۇلات سىستېمىسنى سىناشقا قاتنىشىڭ

blank (复件).jpg



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورىنىڭ باشلامچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك مىللەت سۈيەر كىشىلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوبۇنتۇ سىستېىمسىنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئاخىرىدا شۇ ئوبۇنتۇ سىستېىمىسى ئاساسىدا ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئىشلىتىشگە تېخىمۇ ماسلاشقان ،ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى سىستېمىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەم تاشلانغان ئىدى.ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللاپ قۇۋەتلىگەن مىللەت سۈيەر ئەزىمەتلەرگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقى نامىدىن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.مانا بۈگۈنگە كىلىپ بۇ ئىش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى .يەنى بۈگۈن ئوبۇنتۇ سىستېىمى ئاساسىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇر ئىكىس (Uyghurix) نامىدىكى كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېىمسىنىڭ تۇنجى سىناق نۇسخىسى تارقىتىلىدى.

بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخا سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى :

بۇ قېتىم تارقىتىلغىنى سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇ سىستېىمنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسىز .قاچىلاش جەريانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇچە ،قاچىلانغاندىن كيېنكى سىستېىما تىلى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە .سىستېمىنى تور سىز مۇھىتىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.سىستېما قاچىلانغاندىن كېيىن زۈرۈز بولغان قاچىلاشقا تىگىشلىك ياماقىلا سىستېمىغا قىتىۋىتىلىگەن.سىز قوش سىستېما ياكى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش ئارقىلىق ۋە ياكى بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ  خۇددى ئوبۇنتۇ سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندەك قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسز.

بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخىسى سىناق نۇسخا بۇلۇپ كەمچىلىكلەردىن خالى بۇلماسلىقى تەبىئى ،شۇڭا تورداشلارنىڭ سىناش جەرياندىكى   ئۇيغۇرئىكىس كومپىيوتىر مەشغۇلات  سىستېىمىغا بولغان ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرى بولسا ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا  ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيتى تورى ،بىلىك تورى ،قۇتبەگ بىلوگى،ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا ئىنكاس شەكىلىدە بىۋاستە ئىنكاس قىلسىڭز بۇلىدۇ.

ھەرقايسى تور بەت باشلىقلىرى ۋە بىلوگىر دوستلارنىڭ بۇ يېڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇرچە كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمنى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يازمنى تور بەت ۋە بىلوگلىردا ئېلان قىلىشنى ۋە تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇيغۇر ئىكىس نامىدىكى تور بەت ھازىر ياسلىۋاتىدۇ .تور بەت تېخى پۈتمىگەن بولغاچ بىلوگدا بۇ يازمىنى يوللاپ تۇردۇق.ئۇيغۇر ئىكىس كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمىسى ئورگان تەرەپ تور بەت پات ئارىدا كەڭ ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچىلىرى بىلەن يۈز كۈرىشىدۇ.

ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سېستىمسى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:

http://kuai.xunlei.com/d/FUIQSJCFCCSI
but_blurb.png


ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سىستېىمىسى تەشۋىقات رەسىمىلىرى (رەسىملەر پەقەت شەخسى بىلوگىر نىڭ قارشى بۇيىچە ئىشلەندى )

uyghurix.gif






uyghurix42 (1).gif


uyghurix2 (1).gif




ئۇيغۇرچە سىستېما ئىشلىتىشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى سۈيدىغان مىللەت سۈيەر كىشلەرنىڭ بۇ سىستېمىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بىقىشنى تەكىلىپ پىكىرلىرى بولسا ئايماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز.

سەمىمى ئەسكەرتىش:بۇ يازمىنى بارلىق تور بەت ،مۇنبەر ۋە بىلوگلاردا تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازما ئەسلى ئادرېسى :
http://www.qutbeg.com/?p=740

قۇتبەگ بىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1901
تۆھپە
183
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 17:16:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1455
تۆھپە
921
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:06:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
6
UID
12036
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:22:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  باركاللا!!! ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش ئىكەن. مەنمۇ بۇنى http://www.uqur.net قا كۆچۈرۈپ قويدۇم. مېنىڭچە چوقۇم قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. تۆھپىكارلارنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت! بۇ سېستىمىنى تېخىمۇ تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئومۇملاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئىكەن. مەن ھازىرلا چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرەي...


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1502
تۆھپە
1150
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 04:04:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى بەلەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-31 00:52, Processed in 0.080288 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991