تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 51361|ئىنكاس: 158

گازخانىدىكى ئەخلاقسىز قىزلار

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 13:10:36
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم؟ سىلەرنىڭ يېڭى - يىلىڭلارنى قۇتۇقلايمەن؟ يېڭى يىلغا كىرىش ئالدىدا مەن بۇ بىر يىلدا ماڭا تەسىر قىلغان بىر قىسىم ئىشلارنى يېزىپ ئۆتمەكچىمەن، بۇرۇن بۇ توغرسىدا يېزىلدىمۇ -يېزىلمىدىمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.
     مەن ئۆزۈم بۇ شەھەردىكى مەلۇم بىر گاز قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەيمەن، بىزنىڭ بۇ ئىدارىنىڭ بۇ شەھەردە گاز قاچىلاش پونكىتىدىن 12 سى بار، دېمەك مەن ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ بىر يىلدا بۇ 12 پونكىتتىن شەھەر ئىچى - سىرتىدا بولۇپ 6 سىدا ئايلىنىپ تۇرۇپ ئىشلىدىم.
     ھەممىگە ئايان ئادەتتە گاز پونكىتى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا 24 سائەت كېچە - كۈندۈز توختىماي ئېچىلىدۇ. شۇڭا بىز گاز قاچىلغۇچىلار كېچە - كۈندۈز ئىشلەيمىز. شۇڭا گاز قاچىلاش پونكىتىغا ھەرخىل مىللەت ۋە جىنىس بولۇپ كۈنىگە نۇرغۇن شوپۇرلار ۋە ئۇلار بىلەن كەلگەن ئاشۇ كىشىلەر دىققىتىمىزنى ئۆزىگە تارتماي تۇرالمايدۇ. شەھەر ئىچى - سىرتىدا بولۇپ جەمئىي 6 گاز قاچىلاش پونكىتتا ئايلىنىپ تۇرۇپ ئىشلىگەن بولساممۇ ئوخشاشلا بىر خىل ئەھۋال مېنىڭ دېققىتىمنى ئۆزىگە بەك تارتتى، يەنى ئۇ بولسا، ئاشۇ بىزنىڭ بىر قىسىم خانىم - قىزلىرىمىز گاز قاچىلاش پونكىتىغا كۈندۈزدە ئەمەس ياكى ئۇيغۇر شوپۇرلىرىمىزنىڭ ماشىنىسىدىن ئەمەس ۋە ياكى تاكسىدىنمۇ ئەمەس بەلكى تەڭ كېچىدە ئاشۇ ھەرخىل ئېسىل ماشىنىلىرى بار، پۇلى بار يەنى ئاللىقانداقتۇر ھوقۇق ۋە باشقا نەرسىلىرى بار خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئاشۇ ئېسىل ماشىنىسىدا ھەرخىل قىياپەتتە مەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مېنىڭ دىققىتىمنى ئۆزىگە بەك تارتتى. بىزنىڭ باش -قۇلاقلىرىمىزغىچە چىڭ ئوراپ كەيگەن خىزمەت كىيمىمىزگە قاراپمۇ ياكى بۇ ئورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ئىشلەيدىغانلىقىمۇ ۋە ياكى بىز ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار بىلەن ئالمىشىپ ئىشلىگەچكىمۇ ئۇلار دەسلەپتە ئۇيغۇرلانى پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ، ياكى مەست بولغانلىقىمۇ ياكى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋالامدۇ ئۇنى ئۇقمىدىم، ئەمما كېسىپ ئېيتىمەنكى خىجىللىق تۈپەيلى بۇنداق قىلىدۇ دېمەيمەن، ئۇلار مەن بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالغاندا ماڭا  خۇددىي ئۆزىنى بىر مىللەتتەك مېنى بىر باشقا مىللەتتەك قىياپەت ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم ئوقۇرمەنلەر ئويلادىغاندۇ، باشقا مىللەتتىكىلەر ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ياكى دوستىدۇ دەپ؟ مانا بۇ  باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ ئاشۇ ئېسىل ماشىنىسىدىن ھەرخىل قىياپەتتە، ھەر خىل كىيىنگەن، ھەر خىل ياشتىكى، مەست ھالەتلىرى تېخى بەزى قىزلىرىمىزنىڭ يېشىنى 20 ياشقىمۇ توشماي تۇرۇپ تەڭ كېچىدە ئۇلارنىڭ ماشىنىسىدا نېمە ئىش بار؟ مەن ئۇلارنى كۆرگەندە ئاۋۋال يۈرۈكۈم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىمىز ئىكەنلىكىنى تونۇۋالىدۇ، بەزى خانىم - قىزلىرىمىز ماشىنىدىن چۈشمەي تۇرۇۋالىدۇ، مەن بۇنداق ۋاقىتتا باش كىيمىمنى ئېلىۋىتىپ ئۇيغۇرچە < ماشىندىن چۈشۈڭ دەيمەن > بۇ خانىم -قىزلىرىمىز ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئارىلاش چالا - بۇلا  بىر نېمىلەرنى غودۇڭشىپ، غىلجىڭشىپ، نايناقشىپ گاز قاچىلاش ئورنىدىن مىڭبىر تەستە ئايرىلىپ يېنىدىكىلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ دېگەندەك كۈيلىگەن ھايۋانلاردەك سەت قىلىقلارنى قىلىدۇ، بۇلار گاز قاچىلاش مەيدانى سىرتىدا بولغاچقا يەنى كېلىپ بۇ مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم ۋە خىزمەت ۋاقتىم بولغاچقا ئارتۇق گەپ قىلالمايمەن، مەن بۇ ھايۋانلارغا نەپرەت ياغدۇرىمەن ھەتتا ئۇلارنىڭ چىرايىغىمۇ قارىغۇم كەلمەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا گاز قاچىلاۋاتقان باشقا ھەر مىللەت شوپۇرلىرى ئۇلارغا نەپرەت كۆزى بىلەن ماڭا سوئال نەزىرىدە قارايدۇ، ئاخىرىدا ھېلىقى قىزلار غىلجىڭشىڭپ، نايناقشىپ ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالىدۇ. تېخى بەزى نومۇسسىزلارمۇ بار  ئەتىراپىدىكى ئادەمنى كۆزگە ئىلماي ماشىنىدىن چۇشۇپلا گاز قاچىلاش مەيدانىدا شۇ ماشىنىنىڭ يېنىدىلا بەدقىلىق قىلىقلارنى قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مەن قاتتىق ئاچچىقىم بىلەن خەنزۇچە <چىقىپ كەت > دەپ ۋاقىراپ ھېلىقى نايناقلارنى گاز قاچىلاش مەيدانىدىن چىقىرىۋىتىمەن. چۈنكى مەن خىزمەت ۋاقتىمدا ماشىنىدىن ئادەمنى چۈشۈرىۋېتىش، شوپۇردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنى گاز قاچىلاش مەيدانىدىن چىقىرىۋېتىش ھوقۇقۇم بار دېسەممۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش بەدقىلىقلارنى چىقىرۋېتەتتىم، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار ماڭا ھومۇيۇپ ماڭا ئاچچىق بىلەن قاراپ قويۇشتىن باشقىنى قىلالمايدۇ، ئەگەر ئېغىز ئاچسىلا ماشىنىسىغا گاز قاچىلىماي چىقىرۋېتەلەيتتىم، شۇڭا ئۇلار بۇنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلالمايتتى، بۇنداق ۋاقىتتا گاز قاچىلاۋاتقان باشقا ھەرمىللەت شوپۇرلىرى ئۇلارغا نەپرەت كۆزى بىلەن ماڭا مەنىلىك، رازىمەنلىك كۆزى بىلەن قاراپ قوياتتى.
    ئوقۇرمەنلەر دەپ بېقىڭلار، مانا بۇلارنى قانداقمۇ دوستى ۋە كەسىپدىشى دېگۈلۈك؟ قانداقمۇ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى دەيمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىچۇ؟ ئۇنىڭ ئاخىرىچۇ؟ مانا بۇ پۈتۈن بىر جەمئىيەتنىڭ ئازراق بىر بۆلىكىدە بولغان ئىشلار.
     ئەنە ئاشۇ بىر قىسىم خانىم - قىزلىرىمىز باشقا خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئەلۋەتتە، مۇشۇلارنىڭ كاساپىتىدىن باشقىلار بىزنىڭ ئىپپەتلىك ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىمىزنىمۇ كۆرگەنلا يېرىدە كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۇل بولسىلا ھەممىسى ئاشۇنداق دەپ قارايدۇ، بىز بۇنىڭغا ھەگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك، ئەگەر قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرساق بىزنىڭ قىز پەرزەنتلىرىمىز، ئاچا -سىڭىللىرىمىز بار ئەمەسمۇ مۇشۇلار ئۇچۇن بولسىمۇ بۇنداق ئىشلارغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. گەرچە ئاشۇ نائەھلىلەر تورلارغا چىقىپ بۇنى ئۆزى ئوقۇمىسىمۇ، كۆرمىسىمۇ ئەمما باشقا بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمگە ئاشۇنداق كىچىككىنە ئاممىۋى سورۇندىمۇ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن ھەم ئۆتۇۋاتقان مۇنداق ئىشلارنىڭ ئوچۇق - ئاشكارە بولۇپ كەتكىننى ئاچچىق يەتكۈزگۈم كەلدى. يەنە تەكىلەيدىغىنىم ئۆزىمىزنى قوغداي!

11

تېما

13

ئەگەشكۈچى

2621

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
596
مۇنبەر پۇلى
1603
ئىشەنىچ
596
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 16:52:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خۇتۇن قىزلىرىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەي بۇنداق ئىشلارنى بىزمۇ كېچىدە مەدەنىيەت بازارلىرىنى تەكشۈرگەندە ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز قانداق قىلاتتۇق لەنەت ئۇچۇپلا ئىشىمىزغا ماڭىمىز .

باھا سۆز

korlayexamaktap يائاللاھ! ئاتا - ئانىسى يوقمىدۇ؟ باللىرىنىڭ نەدە تۇرىدىغان ،نەگە بارىدىغانلىغىنىمۇ بىلمەمدىغاندۇ؟ تو.....  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:07

11

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5817

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2178
مۇنبەر پۇلى
3084
ئىشەنىچ
2178
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 17:07:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىللىتىمىزنىڭ نامىنى بولغايدىغان مۇشۇنداق نۇمۇسسىز قىزلارنى باشقۇرىدىغان ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ ؟!
ئېست ، سېنىڭ ئۇيغۇر پۇشتى بولۇپ قالغىنىڭ !!!

باھا سۆز

korlayexamaktap ئاشۇ ئاز ساندىكى مەينەتلەرنىڭ كاساپىتىدىن بىزنىڭ يۈزىمىز قالمىدى.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:09
سەيياھ [بۇنداق قىزلا جاخانخا يۇك ئىسىت ئۇيخۇر بولخۇنى !!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 03:14
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 17:11:06
ۋاي توۋۋا نىمە ئىش بۇ؟

باھا سۆز

korlayexamaktap ۋاي توۋاھ !يەنە ئېچىپ قالدىمغۇ؟ نىمانچە نۇمۇسسىز قىزلاردۇ؟ بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۈكۈپ،ئاتا_ ئانىسى يوقمىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 12:38

21

تېما

37

ئەگەشكۈچى

7600

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
بۇغداي
تۆھپە
3038
مۇنبەر پۇلى
3394
ئىشەنىچ
3038
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 17:25:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەكلەر ئەركەكتەك ياشىساق، قىز-ئاياللار ئەرلەرنى كۆرسە ،ئەرلەردىن ھىيىقسا، ئاتا- ئانىسى  پەرزەنتىگە مەسئۇلىيەتچان بولسا ،ئائىلىمىزدىكى قىز- ئاياللىرىمىزنى، ھەم ئەرلەر بولغان ئۆزىمىزنى، بىرەر قۇر‹‹ ئىسلاھ›› قىلالىساق جەميەتتىكى بۇنداق،  ئەخلاقتىن يات قىلىقلار  سەل ئازلىغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن.

باھا سۆز

ئالامەت: 5.0 ئىسىل: 3.0
korlayexamaktap ئىسىل: 1
5 نۇمۇر بەردىم  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:10
AkHbAr ئىسىل: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 22:13
مەربىيە ئالامەت: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 23:32
پەزىلەتلىرىڭنىڭ قىممىتىگە تەمەننا قىلماي، ئۇنىڭ قىسمەتلىرىگە پەخەس بول.

95

تېما

34

ئەگەشكۈچى

8698

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3198
مۇنبەر پۇلى
3984
ئىشەنىچ
3198
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 19:54:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قىز بالا  دىگەن  نۇمۇسچان، يۇزى تۆۋەن،  ھايالىق، تارتىنچاق، ئەدەپ -ئەخلاقلىق بولىدىغان.  ھازىر دىمىسىمۇ بەزى قىزلار دا ئىنساپ، ھايا سۇسلاپ كەتتى. ئاتا-ئانىسىنىڭ گىپىنى قىرىغا ئالمايدۇ. بەزى بىشەم قىزلار ئەرلىرىنى  قورقۇتۇدىغان بولىۋالدى.  

باھا سۆز

korlayexamaktap دىمىسىڭىزمۇ راسىت، بىزغۇ كەچ بولسا ئەسەر يازىمىز ،تورغا چىقىمىز دەپ ھىچنىمىنى كۆرمەيدىكەنمىز.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:11
كۆرەشچان بۇرۇنقى قىزلار خورازنى كۆرسىمۇ ئەگىپ ئۆتەتتى،ھازىرقى قىزلار يولۋاسنى كۆرسىمۇ قاش ئاتىدىغان بوپ كەتتى!  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 20:37

115

تېما

19

ئەگەشكۈچى

4624

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1480
مۇنبەر پۇلى
2212
ئىشەنىچ
1480
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 21:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قىز بالا  دىگەن  نۇمۇسچان، يۇزى تۆۋەن،  ھايالىق، تارتىنچاق، ئەدەپ -ئەخلاقلىق بولىدىغان.
    مىللىتىمىزنىڭ نامىنى بولغايدىغان مۇشۇنداق نۇمۇسسىز قىزلارنى باشقۇرىدىغان ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ ؟!

باھا سۆز

korlayexamaktap شۇنى دەيمەن، باشقۇرىدىغان ئاتا- ئانىسى يوقمىدۇ؟ئاشۇ چىرايلىق قىزلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى چۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:13

8

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3365

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1029
مۇنبەر پۇلى
2151
ئىشەنىچ
1029
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 21:33:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرەققىيات بىزگە كوپ نەرسىلەرنى ئاتا قىلماقتا-
                                                                   پاكارلىشىپ بارغان بوي-بەست.
                                                                   ئاجىزلىشىۋاتقان ئىممۇنت كۈچى.
                                                                   سۇسلاۋاتقان ئىتىقاد.
                                                                   يىراقلىشىۋاتقان كىشىلىك ئەخلاق.
                                                           

باھا سۆز

ئالامەت: 5.0
korlayexamaktap قانداق نەرسە جىڭدۇ؟ ئادەمغۇ نەچچە يىللار بولدى جالىشىپ كەتكىلى.بىر قىسىم ئادەملەر جا شۇڭا ھەممە نەرسە .....  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:20
korlayexamaktap سۈت ئالساق ئاق قوينىڭ سۈتى دەپ ، شەك قۇيىۋاتسا، تۇخۇم ئالسا جا چىقىۋاتسا، چۆجە ئالساق سا چىقىۋاتسا قاند...  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:18
korlayexamaktap ياغ ئالساق يۇندا يېغى دەۋاتسا،گۆش ئالساق يغنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ گۆشكە ئايلاندۇرىدىكەن دەۋاتسا،سۈت ئال..  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:17
korlayexamaktap كاپىتان : ھەقىقەتەن توغرا ئېيتتىڭىز، يىمەكلىكنىم قورقۇپ يەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق .نىمىلا يىسەك بىرگەپ چىق....  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:15
ھون ياشاپ كىتىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 15:35
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 23:38:05
ئەمدى بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار. بىز بىر ئەركىشى جەمىيىتىمىزدىكى ئاشۇنداق ئىشلانى سۆزلەيمىز نىمە ئۈچۈن شۇ قىزلا شۇ يوللاردا مېڭىپ قالغانلىقىنى شۇلادىن سوراپ باقمايمىز .ئاشۇ ئىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا مانا بىز ئەركىشىلە سەۋەپچى .ئوبدان ئولىنىپ باقايلى .

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0
korlayexamaktap راست دەيسىز، كۆرگەنلا يەردە تەربىيە بىرىپ ئاڭلىمىسا تىللىۋەتسەكمۇ، ئەرلەر توسسىمۇ بولىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:22
kurdax سەۋەپ بىزدە بولسا، نىكاھ قىلىپ ئالداق بولىدۇ، ھۆكۈمەت يول قويمىسا يا؟ يول كۆرسەتمەملا ئەمىسە!!  يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 00:15
مەڭلىسا بەك توغرا گەپ بوپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 12:53
AkHbAr ئىسىل: 5
ھەق گەپ قىپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 22:14

44

تېما

15

ئەگەشكۈچى

1538

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئىنكاس شاھى
تۆھپە
113
مۇنبەر پۇلى
660
ئىشەنىچ
113
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 00:23:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلىرىمىزنى كىچىكىدىن ياخشى تەربىيلەيلى ، ئالدى بىللەن ئۆزىمىزنى تەربىلەيلى !!

باھا سۆز

سەيياھ قىز - ئاياللىرىمىزنڭى كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن خۇدايىم.شۇ قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئاكا-ئىنىلىرى يوقمىدۇ،ئۇ...  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:21
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-4 10:09, Processed in 0.111274 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش