- تىزىملاتقان
- 2014-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-22
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 18
- نادىر
- 0
- يازما
- 4

- تۆھپە
- 8
- مۇنبەر پۇلى
- 10
- ئىشەنىچ
- 8
| مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي...... مەن بەزى چاغلاردا ئارلاپ تاكسى ھەيدەپ تۇراتىم. بىر قېتىم مەن كېچىسى 8.00 9.00 لار ئەتىراپىدا بىر قىزنى تاكسىغا سېلىۋالدىم ، ئۇ قىز ئۇچىسىغا ياغلىق چىگىپ يۈزىنى ئورىۋالغانكەن ،بىر قاراشتا بۇ قىزنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمدەك بىلىنىدۇ. ئۇ قىز ماڭا بىر كۆڭۇل ئېچىش كۇلۇبى( دىبا) غا ئاپىرىپ قۇيۇڭ دېدى . مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇ قىز دىگەن يەرگە 10 مىنۇتتىلا ئاپىرىپ قويدۇم. لىكىن بۇ قىز ماشىنىدىن چۇشۇشتىن بۇرۇن بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىپ ،ياغلىقىنى سومكىسىغا سېلىپ چۇشۇشكە تەييارلاندى، مەن دەرھاللا بۇقىزدىن : مۇشۇ يەرگە كىرەمسىز دىدىم. (چۈنكى بۇ كۇلۇب شەھىرىمىزدىكى نامى چىققان بۇزۇقلار كۇلۇبى ئىدى). _ھەئە. نىمە ئىش بارتى. دەپ مەندىن ياندۇرۇپ سورىدى.مەن : سىز ئۆزىڭىز چىرايلىق ھەم بەش ۋاغ ناماز ئوقۇيدىغان قىزدەك قىلىسىز ، لىكىن بۇنداق يەر سىزدەك قىزلارغا قەتتى ياراشمايدۇ....... دەپ تۇرۇشۇمغا بۇ قىز ئاغزىنى بۇزۇپ قايناپلا كەتتى. _ نىمە كارىڭ! مېنىڭ نەگە كىرىشىم بىلەن سېنىڭ نىمە كارىڭ!................(ئاغزىدىن قاليمىقان گەپلەر چىققىلى تۇردى. مەنمۇ پەسكە چۈشۈپ بۇ قىز بىلەن ئۇرۇشقۇم كەلدى. بىراق بۇنداق قىزلار بىلەن ئۇرۇشۇشنىڭ پەقەت ئۆزۇمنىڭ يۇزى تۆكۇلدىغانلىقىنى دەرھاللا ئويلاپ يەتتىم .) مەن بۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپ چىقار دەپ ئويلاپ باقماپتىمەن . شۇڭا مەن بۇ قىزغا ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقى ئويلاپ __ بولدى سىزگە گەپ قىلمىدىم دەپلا كېتىپ قالدىم. ئەمما لىكىن بۇ كۇلۇبقا كىرگەن قىزلارنىڭ بۇ يەردىن ساق چىقىپ كېتىشى ئاساسەن يوق دىيەرلىك.( ئەگەر بۇيەرگە ئپپىتى بىلەن ساق كىرگەن بولسا ،شۇ قىز بۇ يەردىن چىققىنىدا ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنىڭ قالمىغنلىقىنى بىلىدۇ). مەن قايتىپ ماڭغاچ ئىچىمدە: ئەسلى بۇ قىزمۇ توزىغان گۈل ئىكەن .دەپ ئويلىدىم. بۇ ئىشتىن 4 كۈن كىيىن يەنە مۇشۇنداق ئىش يەنە يۇز بەردى. كەچلىكى مەن ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن مۇشۇ ئىككى ئىش توغۇرلۇق ئويلىنىپ قالدىم . بىز ياغلىق ئارتقان قىزلاردىن مۇشۇنداق ئىشنى كۆرىۋاتساق ، ياغلىق ئارتماي يۈرىدىغان قىزلارغا نىمە دىسەك بولار. |
|