تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4250|ئىنكاس: 2

پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەققىدە تەتقىقات[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1403
تۆھپە
722
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 11:10:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      
يىغىن خاتىرىسى


    ئاپتورى: ۋاڭ چياڭ


    تەرجىمە قىلغۇچى: روشەنگۈل قادىر



        مەلۇم يىل، مەلۇم ئاينىڭ، مەلۇم كۈنى پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى ھەققىدىكى تەتقىقات-مۇھاكىمە يىغىنى مەلۇم بىر يېزىدا ئېچىلدى. مەملكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 32 نەپەر كىيىم–كىچەك ساھەسى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر يىغىن سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
    يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك ھالدا مۇتەخەسسىس، زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ جەۋھەرلىرى، شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئۇلارنى باشلامچىلىق بىلەن ‹‹راست سۆزلەپ، يالغان سۆزلىمەيدۇ››، دەپ قارىدى. پادىشاھ كىيىم كىيگەن بولسا، كىيىم كىيگەن بولىدۇ، كىيىم كىيمىگەن بولسا، كىيىم كىيمىگەن بولىدۇ، كىيىم كىيمىگەننى كىيىم كىيدى دېيىشكە، كىيىم كىيگەننى كىيىم كىيمىدى دىيىشكە بولمايدۇ، پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمىنى چىرايلىق بولسا، چىرايلىق، سەت بولسا، سەت بولىدۇ، ھەرگىز چىرايلىقنى سەت، سەتنى چىرايلىق دېيىشكە بولمايدۇ، ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتقان راست سۆزلىرى ئەمەلدارلارنىڭ بولىدۇ، بالىلارنىڭ راست سۆزلىرى بالىلارنىڭ بولىدۇ، ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
    يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ مەسىلە توغرسىدا يالغان سۆزلەشنىڭ خەتىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشتى: بىرىنچىدىن، ئەگەر يالغان سۆزلىگەندە، ئالدامچى داڭلىق كىيىم ئۇستىسىغا، داڭلىق كىيىم ئۇستىسى ئالدامچىغا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ئەگەر يالغان سۆزلىگەندە، دانا ھەم سەمىمىي ئەمەلدارلار ئەخمەققە، ھاماقەت، سەمىمىيەتسىز ئەمەلدارلار دانالارغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.ئۈچىنچىدىن، ئەگەر يالغان سۆزلىگەندە، سەمىمىي بالىلار بىلىمسىز بالىلارغا، بىلىمسىز بالىلار سەمىمىي بالىلارغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تۆتىنچىدىن، ئەگەر يالغان سۆزلىگەندە، پادىشاھنىڭ كىيىم كىيمەي كوچىغا چىقىشىنى ۋە ياكى ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنىڭ كىيىلمەي مەڭگۈ كىيىم ئىشكاپىدا تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەشىنچىدىن، پادىشاھنىڭ ئوبرازى دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، پادىشاھنىڭ ئوبرازى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىسا، دۆلەتنىىڭ ئوبرازىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئالتىنچىدىن، پادىشاھ خەلقنىڭ ئۈلگىسى، پادىشاھ كىيىم كىيمەي كوچىغا چىقسا، خەلقمۇ كىيىم كىيمەي كوچىغا چىقىشى مۇمكىن. پادىشاھ ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيمەي ئىشكاپتا ساقلاۋەرسە، خەلقمۇ بۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى مۇمكىن.
    يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇپ، مۇتەخەسسىس، زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ جەۋھەرلىرى بولۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نامىغا داغ تەگكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، ھەتتا كاللا كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، راست سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك ھەمدە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى قىلماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم:ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ يالغان سۆزلىمەسلىك، باشقىلارنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتتى دېيىشىدىن قورقۇپ يالغان سۆزلىمەسلىك، مەنپەئەتلەنگۈچى گۇرۇھ –تەشكىلاتلارنىڭ كۆرسەتمىسىدە يالغان سۆزلىمەسلىك، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچى گۇرۇھ–تەشكىلاتلارنىڭ كۆرسەتمىسىدە يالغان سۆزلىدى دېيىشىدىن قورقۇپ يالغان سۆزلىمەسلىك، بالىلارنىڭ ئاۋازىنى تۆۋەن دەپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئەستايدىل ئاڭلىماسلىق.
    يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك ‹‹يالغان سۆزلەشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىستىلىنى دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەك، ھەممە ئادەم سەمىمىي جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم، ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئۈچۈن باشلامچى بولۇش كېرەك››، دەپ چاقىرىق قىلدى.
    يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەنە يىغىندا بايان قىلىنغان پىكىرلەرنى رەتلەپ خاتىرىلەپ ‹‹راستچىل بولايلى›› ناملىق كىتابچە چىقىرىشنى قارار قىلدى.
    چۈشەندۈرۈش: بۇ يىغىندا پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمىنىڭ راست-يالغان ياكى چىرايلىقلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە دېيىلمىدى، بۇ ھەرگىز يىغىن خاتىرىلىگۈچىنىڭ بىخەستەلىكى ئەمەس. يەتتە كۈن ئېچىلغان ‹‹پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەققىدىكى تەتقىقات-مۇھاكىمە يىغىنى››دا، ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر ھەقىقەتەنمۇ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارمىدى. يىغىن خاتىرلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ جىددىيلىشىپ قالدىم. كۆپ قېتىم ‹‹ئۇنداقتا پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى راستمۇ؟›› دەپ سورىغان بولساممۇ ھېچكىم ماڭا پىسەنت قىلمىدى، ئۇلار پەقەت دەبدەبىلىك ھالدا راست سۆزلەش ھەققىدىلا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى توغرىسىدا ھېچكىم بىر ئېغىزمۇ راست سۆزلىمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

    مەنبە: جۇڭگو فېليەتۇنلار تورى
    ئاپتور: پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قوراللىق قىسىم ئىشخانىسىدا


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3028
تۆھپە
867
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 14:32:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موھىم نوقتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئەجەللىك يېرىدىن ئەگىپ ئۈتۈپ كىتىش كېرەك . بولمىسا كاللىغا تەڭلەكلىك توقماق تەييار. مانا بۇ ھازىرقى جەمىيەتتىكى جان بېقىش يولى.


Rank: 2

تىللا
106
تۆھپە
1
UID
10639
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://www.qinglvzh.com


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:27, Processed in 0.071291 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991