ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
شامال ئەسلى بوۋامكەن
كەچكۈزنىڭ شوخ شامىلى،
ئۇرۇقلارنى ئۇچۇرۇپ،
ئانا تۇپراق باغرىغا،
قويار ئىكەن كۆچۈرۈپ.
نەۋ باھاردا بىخلىنىپ،
بولار مايسا، گۈل-چېچەك.
بىلسەم ئەسلى شامالمۇ،
دېھقان ئىكەن بوۋامدەك!
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئاسلانچاقنىڭ دوستلۇقى
يەۋاتسام تاماق،
كەلدى ئاسلانچاق.
بۆلدۈم قاچامدىن،
ئۇنىڭغا ئازراق.
ئاپام ئاچچىقتا،
كەتتى بەك كايىپ.
بولدى بىر دەمدە،
ئاسلانچاق غايىپ.
تېرىكىپ بىردىن،
ياتتىم دومسىيىپ.
بەزلىدى ھەممە،
تۇردۇم ھومىيىپ...
ئۆتمەستىن ئۇزاق،
كەلدى ئاسلانچاق.
ئېغىزىدا بىر،
چاشقاننى قاساپ...
قويدى ئالدىمغا،
چاشقاننى تاشلاپ.
كۈلدى ھەممەيلەن،
كۈلدۈم پاراقلاپ...
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
خورازچاق
خورازچىقىم،خورازچاق،
سەن بەك ئۇرۇشقاق.
تالىشىسەن دان بەرسەم،
بولۇپ سوقۇشقاق.
چوقىلايسەن ئۆزگىنى،
گاھ سېلىپ تىرناق.
قانىتىڭنى ھۈرپەيتىپ،
ئۇرۇپ شاپىلاق.
بىزار قىلىپ ھەممىنى،
ئۆتمىسەڭ ئىناق.
كىم دوست بولار سەن بىلەن،
ئېيتقىنا تېزراق؟!
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
قوزىچاق
قوزىچىقىم،قوزىچاق،
تۇرغىنا جىمراق.
ئىشلىۋېلاي تاپشۇرۇق،
تۈگىسۇن تېزراق.
مەن تەكرارلاي دەرسنى،
سەن تۇرغىن ساقلاپ.
بىكار بولۇپ ئوينايلى،
سەكرىشىپ،تاقلاپ!
ئاندىن بېرەي يۇمران چۆپ،
ساڭا بىر قۇچاق.
دوستۇڭ بىلەن سوقۇشماي،
يەۋالغىن پاتراق.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
پەش
ئىشلەۋېتىپ تاپشۇرۇق،
مۈشۈكۈمنى دېدىم: ‹‹-پەش!››
قاراپ باقسام دەپتەردىن،
مۆكۈۋاپتۇ بىر تال پەش.
دېدى دادام: - رەنجىپ ئۇ،
كېتىپ قاپتۇ قېقىپ پەش.
زېھىن قويۇپ ئىزدىسەڭ،
كېلەر قايتىپ كۈلۈپ بەش!
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
مۇقام قىزىمەن
ئەجداتلارنىڭ ۋارىسى،
شانلىق ئىزىمەن.
زېھنى ئۆتكۈر،ئەقىللىق،
مۇقام قىزىمەن.
مۇقام ئېيتسام زوقلىنىپ،
ھەممە ئاڭلايدۇ.
‹‹بوپسەن كىچىك نەفىسە!›› دەپ،
مېنى داڭلايدۇ.
ياڭرىتىمەن بىر ئۆمۈر،
سۆيۈپ مۇقامنى.
چالاي مومام نەفىسە،
تۇتقان ساتارنى.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
قاغا
قاغا،قاغا،ئاچ قاغا!
بىز كەلدۇق تېز قاچ،قاغا!
تۇخۇمىنى قۇشلارنىڭ،
قويۇپ قويغىن غاچ،قاغا!
تۇرساڭ يەنە بېزىرىپ،
بىز ئاتىمىز تاش،قاغا!
تاراملىتىپ كۆزۈڭدىن،
ئالىمىزغۇ ياش، قاغا!
ئاشخانىنىڭ ئالدىغا،
چېچىپ قويدۇق ماش، قاغا!
تېرىپ يېگىن سەن شۇنى،
بولار بىر ۋاق ئاش، قاغا!
بوزەك ئەتمە قۇشلارنى،
بولسۇن ئۇلار شاد،قاغا!
قىلساڭ ئەگەر ئوغرىلىق،
بوپ قالىسەن پاش، قاغا!
بوش قويمايمىز بىز ئۇ چاغ،
دەپ قالىسەن دات،قاغا!
قوغلا ئوغرى چاشقاننى،
قارايماستا قاش،قاغا!
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئىت بىلەن ئېشەك
(مەسەل)
بەكمۇ يېقىن دوست ئىكەن،
ئىت بىلەن ئېشەك.
ياشايدىكەن بىر ھويلىدا،
بولۇپ قوشكېزەك.
قايتقىنىدا خوجايىن،
ئۆيىگە ھەر كەچ.
ئىت باراكەن ئالدىغا،
ئويناقشىپ،سەكرەپ.
خۇشاللىقتا خوجايىن،
ئۇنى سۆيەركەن.
ئەركىلىتىپ، قۇچاقلاپ،
ئېسىل كۈتەركەن.
بۇ ئەھۋالدىن ئېشەكنىڭ،
قورسىقى كۆپۈپ.
بىر پىلاننى كۆڭلىگە،
قويۇپتۇ پۈكۈپ.
بىر كۈنى كەچ خوجايىن،
كېلىپتۇ يەنە.
ئىت يۈگۈرۈپ، ئويناقشىپ،
قىپتۇ تەنتەنە.
ئېشەك ئەسلى تۇرغانكەن،
مۆكۈپ دالدىغا.
ھاڭرىغانچە ئويناقلاپ،
كەپتۇ ئالدىغا.
قورقۇپ كېتىپ خوجايىن،
بوپتۇ دەرغەزەپ.
دۇمبالاپتۇ ئېشەكنى،
تېپىپ ۋە دەسسەپ.
سەۋەبى بىلەلمەي،
ئېشەك بەك رەنجىپ.
شۇندىن بىرى ئىتنى ئۇ،
بىلەركەن رەقىپ...
***
ئاڭلا بالام ھېكمەت بۇ،
شۈنچە تېرەن، زىل:
قىلىۋەرمە بىلگەننى،
ياراشقاننى قىل!
(تامام)
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئۇزۇن قۇلاق بۆجىنىم
ئۇزۇن قۇلاق بۆجىنىم،
كەتتىڭ نەگە يامانلاپ؟!
يۈرگەنسەنمۇ دالىدا،
ماڭا قېيداپ،غۇم ساقلاپ؟!
ئەنسىرەيمەن بۈگۈن كەچ،
ياغارمىكىن دەپ يامغۇر.
ئاچقانمىدۇ قورسىقىڭ،
ئىزدەپ سەۋزە، كۆك چامغۇر؟!
ئوت سەپ بەرسەم يېمەستىن،
مۇڭلىنىپتۇ ئاناڭمۇ.
قارىمايدۇ چاقرسام،
خاپا بولۇپ داداڭمۇ.
قارا ئاسلان خۇيلىنىپ،
چىقىۋالدى مورىغا.
ئالا بويناق تېرىكىپ،
كىرىۋالدى ئورىغا.
كەلگىن بىللە ئوينايلى،
بولۇپ ئىجىل ۋە ئېناق.
بەسلىشەيلى يۈگۈرۈپ،
بارالايدۇ كىم يىراق؟!
ئەمدى سېنى ھەرگىزمۇ،
سۇغا چىلاپ يۇمايمەن.
ئويناشتىم دەپ قاقشىتىپ،
قۇلىقىڭنى سوزمايمەن!
(تامام)
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئوخشىدىن چىنتۆمۈرگە
ياساپ كارتون قەغەزدىن،
كىيدىم ساۋۇت،دۇبۇلغا.
ئاستىم يىكەن قومۇشتىن،
مىسران قىلىچ ۋە ئوقيا!
كەپتىرىمنى مۈرەمگە،
ئەپلىككىنە قوندۇردۇم.
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ،
ھۇررا توۋلاپ چاپتۇردۇم.
ئالا بويناق ئەگەشتى،
ئوخشىدىم چىنتۆمۈرگە.
يەتتە باشلىق يالماۋۇز،
قاچتىكىنە نەلەرگە!؟
(تامام)
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
يايما ئاچىمەن
ھەر يەكشەنبە بازاردا،
يايما ئاچىمەن.
تىزىپ پايپاق، قولياغلىق،
توۋلاپ ساتىمەن:
-پايپاق، پايپاق، گۈلپايپاق!
گۈللىرى ئاپئاق!
كىيسەڭ كۈلەر پۇتلىرىڭ،
يولۇڭ بولار ئاق!
-قولياغلىق ئال! قولياغلىق!
باھاسى چاغلىق!
ئېلىپ ئۇنى ئىشلەتسەڭ،
يار بولار ساقلىق!
بىكارچىلىق ھورۇنلۇقتىن،
يىراق قاچىمەن.
پۇل دېمەيمەن دادامغا،
ئۆزۈم تاپىمەن!
(تامام)
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
بولدۇم مۇزېي باشلىقى
شەنبە سەھەر ئۆيۈمدە،
جاكارلىدىم بىر ئېلان:
-مۇزىيخانا قۇراي دەپ،
ھۇجرامنى قىلدىم پىلان!
چاۋاك چېلىپ ھەممەيلەن،
قۇچاقلىدى تالىشىپ.
دېدى:-باشلا ئىشىڭنى،
بىز بېرەيلى قارىشىپ.
تەكچە ياساپ چىرايلىق،
تىزدىم كىتاب رەتمۇ-رەت.
تامغا رەتلىك چاپلىدىم،
ئاسما رەسىم،ھۆسىنخەت.
يىغدىم ھەر خىل ئەۋرىشكە،
ھويلامدىكى گۈللۈكتىن.
ياسىۋالدىم پاراخوت،
كاردىن چىققان كۈنلۈكتىن.
ياساپ چىقتىم قول سېلىپ،
پويىز، تانكا، راكىتا.
تىك ئۇچار،توپ،،ياغاچ كەش،
بوۋام بەردى زوقلىنىپ،
دوپپا،يەكتەك، قۇ،تۇماق.
مومام بەردى ھاۋانچا،
يىلىم چۆچەك، يارغۇنچاق.
ئېلىپ كەلدى بازاردىن،
دادام دۇتار، داپ، راۋاپ.
تىكتى ئانام ئەتلەستىن،
پەردە،ياپقۇچ شۈنچە باپ.
ھەدەم ئاستى تورۇسقا،
رەڭلىك شار،گۈل-مۇنچاقنى.
سىڭلىم كېلىپ تايتاڭلاپ،
سۇندى لاتا قونچاقنى...
ئېلىپ كىردى قوشنىلار،
تۈكۈچ،نوگاي، رېپىدە.
سۇپرا،تۇزلۇق قاپىقى،
ھېجىر ئاياق،مۇچ،زېرە.
بەك ياراشتى ئىشىككە،
‹‹مۇزىيخانا›› دېگەن خەت.
دېدىم:-لېنتا كېسەيلى،
ئانا، بۈگۈن پولۇ ئەت!
دەس كۆتۈردى مېنى،پاھ!
بوۋام تۇتۇپ ياشلىقى.
جاكارلىدى:- مۇبارەك،
ئەلتۇغ مۇزىي باشلىقى!
(تامام)
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
بادام دوپپا
بادام دوپپا ئۇز دوپپا،
رەڭدار نەقىش كۆز دوپپا.
مۇجەسسەمدۇر ئاجايىپ،
گۈزەل ھېكمەت-سۆز دوپپا.
كىيسەم بەكمۇ يارىشار،
ھەممە زوقتا قاىشار.
‹‹مەنمۇ كىيىپ باقاي›› دەپ،
گاھ دوستلىرىم تالىشار.
كىيگەن بوۋام ماتەمدە،
ھېيىت-بايرامدا، ئايەمدە.
دادام مەشرەپ ئوينىغان،
بەزمىدە بوپ سازەندە.
مومام چۆچەك ئىچىدە،
تىككەن ئۇزاق كېچىدە.
ھەر نەقىشكە كۆز قويغان،
يالقۇنلىغان مېھرىدە.
دېگەن ئانام:‹‹ جان ئوغلۇم،
يۈرەك پارەم، كۆز نۇرۇم.
بىلگىن چوقۇم دوپپىنى،
ۋىجدان،نومۇس،غۇرۇرۇم!
كىيدۇق ئۇنى ئەسىرلەپ،
ئاسرا چوقۇم ئەزىزلەپ.
ۋارىسى بوپ ئەجداتنىڭ،
كىيىۋالغىن قەدىرلەپ!››
سۆيۈنۈپ ئىچ-ئىچىمدىن،
چۈشۈرمەيمەن بېشىمدىن.
دەيمەن: دوپپا - ئۆز دوپپام،
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن!
(تامام)
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
يۇلتۇزلارنى ئۈزىمەن
دېدىم بىر كۈن دوستلارغا:
-يۇلتۇزلارنى ئۈزىمەن!
دېدى ئۇلار:-ئاسمانغا،
قانداقلارچە چىقىسەن؟
دېدىم:-دوستلار، بۈگۈن كەچ،
كۆل بويىغا كېلىمەن.
جىمىرلىغان يۇلتۇزنى،
چېلىكىمگە ئۇسىمەن!
(تامام)
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
مۇخبىر بولدۇم شەرەپلىك
دادام بەرگەن ئاپپاراتتا،
سۈرەت تارتىپ ھارمايمەن.
يېزىپ خەۋەر-ماقالە،
گېزىتلەرگە يوللايمەن.
قەلىمىمدە چاقنايدۇ،
يېڭى خەۋەر-يېڭى ئىش.
قىپ تۇرىمەن زىيارەت،
دېمەي ئاپتاپ،سوغۇق قىش...
چىقسا خەۋەر-ماقالەم،
گېزىتلەرگە بېىسلىپ،
تەبرىكلىشەر دوستلىرىم،
قۇچاقلىشىپ، ئېسىلىپ...
ئۆگىنىمەن دەرسىمنى،
زېھىن قويۇپ، تىرىشىپ.
ھەر ئىمتىھان، سىناقتا،
يۈز نومۇرغا ئېرىشىپ.
ساقلانغاچقا يالغاندىن،
كۆپتۈرۈشتىن، ساختىدىن.
ئورۇن ئالدىم ‹‹مۇخبىر›› دەپ،
مەخسۇس شەرەپ تاختىدىن.
(تامام)