مەن ئويغاق
ئىش ئۈستىلى سۆزلەيدۇ
دېرىزىلەرگە
دېرىزىلەر چاقار ئىشىكنى.
ئىشىك ھەيۋىسىنى كۆرسەتمەك بولۇپ
ئەندىشىگە سالار ئەينەكنى...
بىراق مەن جىمجىت ....
سۈكۈتتە ياشىدىم ئۇزاق، بەك ئۇزاق.
قىش، ياز، باھار، كۈزدە ھەم شۇنداق،
كېچە كۈندۈز ۋە ياكى سەھەر
سېغىنغاندا يەنىلا شۇنداق.
سۈكۈت ئىچرە ھەممە، ھەممىگە
چىداپ كەلدىم خېلىدىن بىۋاق.
ئەڭ سەمىمىي تىلىكىم بىلەن
قانغا تولغان يۈرىكىم بىلەن
ھېچكىمگە چاقماي، بىر ئېغىز تىنماي
بەخىت تىلەپ سۈكۈت ئىچىدە
ئۆزىتىپ قويدۇم ئۇنى مەڭگۈگە!
ئۇزاتتىم شۇنداق
يەتتە يىل ئۆي تۇتقان
بىر بالا تۇققان
ئانىسى تۇل، بەختى ھەم چۇل-چۇل
مەندىن ئوت سوراپ كەلگەن شۇ قزىنىڭ
ئىچ-تېشىنى ئوت بىلەن لىقلاپ.
ئىش ئۈستىلى سۆزلەيدۇ دېرىزىلەرگە:
ھايات گۇيا پۈتمەس بىر كىتاپ.
مەن سۆزلەيمەن كەچمىشلىرىمگە:
تۇرمۇش-نى ئەركەكنى قىلىدۇ بىتاب.
شۇنچە ئۇزۇن سۈكۈتتىن كېيىن
قايىتتىم ئۆزۈمگە.
ئىشىك يېپىلغىلى نەۋاخ،
مەن تېخى ئويغاق
چولغان پارلاپ تۇرغان سەھەردە
شۇ قىز ئوت ئېلىپ كەتكەن يوللارغا
بار مېھرىم بىلەن
تىكىلدىم ئۇزۇندىن ئۇزۇن-بەك ئۇزاق !
ئېشىك قاچان چېكىلەر
تاك... تاك ... تاك
مەن ئويغاق!