بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكەن، تۈڭلۈكى شۇتورىسىدىكەن. كىشى ئايۋىنى ھويلىسىدا، ئۇچىقى ھەم مورىسىدىكەن،
ئاشلىقى تۇرار ئورىسىدىكەن، كەتمىنى ۋاي دولىسىدىكەن. دەپ باشلايتتى چۆچەكنى سىرلىق، مەن مومامنىڭ قۇچىقىدىكەن.
تاغ باغرىدا غېرىپ كەپىدە، بېلىقچى بوۋاي ياشايدىكەن، كۈندە تاشلاپ تورنى دېڭىزغا. بىر جۈپ بېلىق تۇتالايدىكەن.
مومىيى بىلەن بىر بېلىقنى ، ھەر كۈنى پىشۇرۇپ يەيدىكەن. بىرىنى ئەچىقىپ بازاردا، سېتىپ كۈنىنى قامدايدىكەن.
كۈنلىرى شۇنداق ئۈتىدىكەن ، بوۋاي مومايمۇ قېرىيدىكەن. بېلىقچىلىقتىن ئۆزگە ھۈنەر، يا كەسىپمۇ ئۈگەنمەپتىكەن.
بىر كۈنلىكى بوۋاي دېڭىزدا، تورنى تاشلاپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئىلىنماپتۇ بىر تالمۇ بېلىق، بېلىق تۈگۈل ھەتتا گىياھمۇ؟
بوۋاي غەمگە پېتىپتۇ شۇ ئان، ئاچ قالارمۇ مومىيىم ئەمدى؟ بېلىجانلار نەگە كەتكەندۇ؟ ئاھ ئىلاھىم ياردىمىڭ قېنى؟
تۇساتتىنلا ئىلىنىپتۇ شۇ دەم، تورغا چۇشكەن ئالتۇن بېلىقكەن، تۇساتتىنلا زۇۋان سۈرۈپتۇ. بوۋا ماڭا رەھىم قىلساڭكەن؟
ئىچى ئاغرىپ بۇۋاينىڭ شۇندا، قۇيۇپ بىرىپتۇ ئۇنى سۇغا ، ئەتىسىمۇ يەنە شۇ بېلىق، چۈشۈپ قاپتۇتورغا قىززىقلا.
بۇ قېتىممۇ نالە قىلىپتۇ ئۇ، قۇيىۋەتكىن دەپتۇ بوۋايغا. ئۇنۇتمايمەن ياخشىلىقىڭنى، ۋەدە قىلىپ قايتىپ دېڭىزغا.
ئەسلى ۋەسلى ئۇ دېڭىزدىكى، بېلىقلارنىڭ شاھىنشاھىكەن. سەيلە قىلىپ دېڭىز يۈزىدە، ئەھۋال ئۇقۇش ئادىتى ئىكەن.
ھەر كۈن بېلىق تۇتالماي بوۋاي، موماي بىلەن ئاچ قالىدىكەن. نالە قىلىپ دېڭىزغا قاراپ، كىلىپ بىر كۇنى يىغلايدىكەن.
شۇندا پەيدا بۇلۇپتۇ تۇمان، پەيدا بوپتۇ شاھ كۆز ئالدىغا. ئەي بوۋا ئېيتقىن نىمە كېرەك؟ يەتكۈزەي سېنى مۇرادىڭغا.
نېمە بولسا مەيلىدى ماڭا، بەك ئاجىزلاپ كەتتى شۇ موماي، دەپ يىغلاپتۇ بېلىقچى بوۋاي، قورسىقىمىز ئاچ قالدىغۇ ۋاي!
بېلىق شاھ دەپتۇ شۇ ھامان، -بىرەي ساڭا بىر سېھرى ساندۇق. ئۇندا باردۇر بىر سۇ پەرىسى ، پاراسەتلىك بەكمۇ ئەقىللىق.
شۇنچىلىك بەك گۈزەل نازىن ئۇ، تەڭدىشى يوق ھۆسۇن جامالدا. ئەمما بەرگىن سەن شۇنداق ۋەدە، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ھەر ئىشتا.
بوۋاي قاراپ ساندۇقنى ئېچىپ، ئاييۇھانناس ھەيران قېلىپتۇ. كۆز ئالدىدا تۇرارمىش پەرى، كۈنمۇ شۇئان قىزدىن چېنىپتۇ.
پەرى دەپتۇ بوۋايغا كۈلۈپ، مەن قۇلۇڭمەن سىنىڭ ئەي ئاتا . ئېتقىن ھاجەت شۇندا تەيياردۇر، كېرەك نىمە ؟ھازىرلاي ساڭا.
-ئاھ! گۈزەل سۇپەرىسى گۈلۈم، دەپتۇ بوۋاي شۇندا غەيرەتتە. گەر بولساممەن قىران ياش يىگىت، ئالار ئىدىم سېنى ئەمرىمگە.
ئەمدى ئۇشبۇ يوللاردا ئېيتقىن، قانداق غەمسىز مېڭىپ قايتىمىز. مومىيىم بار ئۆيدە ھەم يەنە، بىراۋكۆز سالسا قانداق قىلىمىز. پەرى ئويلاپ شۇندا بىر ئامال، قايتۇراي دەپتۇ ياشلىقىڭغا . ئەمما شەرتىم لېكىن مەن قۇلۇڭ، مەڭگۇ سادىق بولغىن مومايغا. گەر كۆرسىمۇ يوللاردا بىراۋ، كۆز قىرىنى سالمايدۇ بىزگە. يامان نىيەت قىلمايدۇ يەنە، شۇندا غەمسىز قايتىمىز ئۆيگە.
بوۋاي ۋەدە بىرىپتۇ تامام، پەرى شۇئان ئەپسۇن ئۇقۇپتۇ. بەدەنلىرى تارىشىپ ھەجەپ، بوۋاي غەلىتە ھىسلارغا كەپتۇ.
ھەيران بۇلۇپ كۆز ئېچىپ قاراپ، سۇ پەرىنى كۈرۈپ مەس بوپتۇ. ئىشىق ئۇتى تاراپ يۇرەككە، پەرى قىزغا ئاشىقلا بوپتۇ.
لېكىن ۋەدە ئىسىگە كېچىپ، شۇڭا جىملا ئكيگە قايتىپتۇ. بايان قىلىپ مومايغا تىنماي، بولغان ئىشنى ئېيتىپ بىرىپتۇ.
كەپە ئكرنى بىنا بۇلۇپتۇ، بەرپا بوپتۇ گۈزەل بىر ساراي. نام شۆھرىتى بارچە جاھانغا، پۇر كىتىپتۇ بېلىقچى بوۋاي. كۈنلەر ئايلار ئۈتۈپتۇشۇندا، مۇمايدىن ئۇ ئاخىر چېنىپتۇ. پەرى قىزغا بولغان ئىشقىدا، ۋەدىسىنى تامام ئۇنتۇپتۇ. پەرى ئەمدى تەككىن ماڭا سەن، دەپلا گەپنى قەتئى باشلاپتۇ. سۇ پەرىسى غەزەپ نەپرەتتە، قايناپ قايناپ سۆزلەپ كىتىپتۇ.
-ئەي بېلىقچى ئەسلى ۋەسلىڭ كىم؟ بېلىق شاھى سېنى ئەزىزلەپ. ياخشىلىققا ياخشىلىق بولسۇن، قىلغان ئىدى سېنى قەدىرلەپ.
بەردى ئالتۇن كۈمۈش ھەم يەنە، مۆنى قىلدى ساڭا ھەدىيە. تەلەپ قىلدى ھەم شۇنى سەندىن، پەرى سۆزىنى ئاڭلا ھەر مەرتە.
گەر تەكرارلىساڭ يەنە ئىككىنجى؟ شۈكۈر قىلماي ئۆتكەن كۈنۈڭگە. چىقسا ۋەدە ئىسىڭدىن ئەگەر، قايتىپ قالىسەن ئەسلىڭگە يەنە.
بۇسۆز بىلەن بېلىقچى بوۋاي، پەسكويغىلا ئاخىر چۇشۇپتۇ. ئەمما كۈيۈك ئوتلىرى يەنە، بىردەم ئۈچۈپ بىردەم يېنىپتۇ.
كۈنلەر ئۈتۈپ مومىيى ئاخىر، ۋاپات بۇلۇپ سەپەر قىلىپتۇ. يالغان يىغلاپ پەرى ئالدىدا، بىچارىدەكلا كۆرىنىۋاپتۇ.
قىرقى تۇشا -توشماي موماينىڭ، پەرىگە يەنە تەلەپ قۇيۇپتۇ. نە ئامال لەۋزىگە كىلەلمەي ، پەرىمۇ تويغا قۇشۇلۇپتۇ .
تويدىن كىيىن بۇ بىر جۈپ، ھەجەپ ئىجىل -ئىناق ئۇتۇپتۇ. بايلىقى تاشقان بوۋاينىڭ يەنە، ئاخىر ئىچىگە شەيتان كىرىپتۇ. ھەممە شاھنىڭ باركەنغۇ ھەجەپ، نەچچە گۈزەل تۇقال خۇتۇنى. بايلىق چەكسىز،ھەممە نەرسەم تەل، مەن شۇ شاھلاردىن نە ھەم قالغۇسى؟
بوۋاي شۇنى ئويلاپ يىتىپتۇ، ھەرەمخانىنى كاتتا سېلىپتۇ. ئېلان بىرىپ پۇتۇن جاھانغا، نازىنىننى رەسمى تاللاپتۇ.
پەرى جىملا سۈكۈتتە تۇرۇپ، بۇ ئىنسانغا كۈلۈپ قۇيۇپتۇ. ئادىمىزات بەك نادان ئىكەن، بۇلارغا يەنە يولمۇ قۇيۇپتۇ.
پۈتۈن ئەلدىن يۇتتىن ماكاندىن، تاللاپتۇ ئۇ قىرىق جاناننى . ئۆز ئەمرىگە ئېلىپتۇ يەنە، تامام ئۇنتۇپ ئەسلى ۋەسلىنى.
شۇنىڭ بىلەن پەيزى سۈرۈپتۇ،. كۈندە مەھەل كەيىپ - ساپانى. پەرى قىزنى شۇنداق خورلاپتۇ، يۇقال دەپتۇ يەنە ھەم ئۇنى.
پەرى شۇندا دەرغەزەپ بۇلۇپ، ئەپسۇن ئۇقۇپ يەنە قايتىدىن. كەلتۇرۇپتۇ ئەسىلگە ئاخىر. ئايرىپتۇ بار ھەممە ۋەسلىدىن.
بوۋاي قاتتىق ھەسرەتتە قاپتۇ، پۇشايمانغا ھەجەپ چۈكۈپتۇ. شۈكۈر قىلماي كۈنىگە ئاخىر، ئاقىۋەت بۇ ھالغا چۈشۈپتۇ.
ئاڭلاڭ قىزىم ئەلمىساقلاردىن، ئاچكۆزلۈك بۇ بەك يامان ئىللەت. شۈكۈر قىلىش ئاللانىڭ يۇلى، قەدرىگە يىتىش ئىسىل خىسلەت.
ئاڭلاپ مومام ئېيتقان چۆچەكنى، ھەجەپ گۈزەل ھىسقا تۇلاتتىم. ئىيتقۇم كىلىپ سىلەرگە شۇڭا، بۇ چۆچەكنى مۇنبەرگە سۇندۇم. 
|