پولات نىياز
بالا كېلەر بېشىڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا،
شەيتان سىيەر ئېشىڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا،
سەۋدا چۈشەر قېشىڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا،
چوماق تېگەر پۇتۇڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا،
يانتاق ئۈنەر يولۇڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا.
ھەر ئىشىڭدا توغرا يول تۇتۇپ ماڭغىن ئادىللىق،
مىزان بولسۇن ئۆمۈرلۈك چىن ھەقىقىي راستچىللىق،
ئەيش-ئشىرەت كوچىسىدا قىلما ھەرگىز غاپىللىق،
ۋىجدانىڭنى بۇلغايدۇ نومۇسسىزلىق ساختىلىق،
قۇرغۇي قونماس قولۇڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا.
بۈرگىدەك بىر يوق ئىشنى كۆپتۈرمىگىن تۆگىدەك،
يېرىم يولدا باسىدۇ سېنى غەپلەت ئۈگۈدەك،
نادامەتتە قالىسەن جەبرى تارتىپ ئۆلگۈدەك،
سانچىلىدۇ نەشتەرمۇ ھەتتا جاندىن ئۆتكۈدەك،
ماز ئالىسەن پۇلۇڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا.
ئىچىڭ بىلەن تېشىڭ بىر بولسۇن سۈزۈك ئەينەكتەك،
بولالايسەن چىن ئاشىق كاككۇك بىلەن زەينەپتەك،
مۇھەببىتىڭ پاك ئۆتەر شۇ چاغ گويا سەدەپتەك،
ئېچىلىدۇ چىن سۆيگۈ چىمەنلەردە ئاتەشتەك،
ھەسرەت كىرەر ئوتۇڭغا نىيەت دۇرۇس بولمىسا.
( ئاپتور چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن)