ئەركەك ئەمەس
پولات نىياز
ئەل ئۈچۈن ئەل ئىشقىدا كۆيمىگەن ئەركەك ئەمەس،
ئۆز ۋەتەن خەلقىنى دىلدىن سۆيمىگەن ئەركەك ئەمەس.
تۈندە مەشئەل كۆتۈرۈپ تېنىگەنگە يول ئېچىپ،
ھەق ئۈچۈن ئادىل بولۇپ يەڭ تۈرمىگەن ئەركەك ئەمەس.
قىش-زېمىستان جۇت بىلەن ئېلىشىپ كۈرەش قىلىپ،
چوققۇدىن قار گۈلىنى ئۈزمىگەن ئەركەك ئەمەس.
كەلسە يېتىم مۇساپىر دەرت تۆكۈپ پىغان بىلەن،
دەردىگە دەرمان بولۇشنى بىلمىگەن ئەركەك ئەمەس.
قونسا ئامەت قۇشلىرى گىدىيىپ مەن-مەنلىشىپ،
ئۆزىنى ئۆزگىنىمۇ سەزمىگەن ئەركەك ئەمەس.
ئەر دىگەن، ئەركەك دېگەن يولۋاس يۈرەك بولماق زۆرۈر،
ئەل ئۈچۈن ھەتتا جېنىدىن كەچمىگەن ئەركەك ئەمەس.
( ئاپتور چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن )