كۆرۈش: 53890|ئىنكاس: 11

خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان مۇتەللىپ قاسىم (قىسقا فىلىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
98
تۆھپە
25
UID
5586
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:22:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تورداشلار بۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ قاسىمنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە دېھقانلار پارنىكىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغدىكى كۆرۈنىشىنىڭ بىر قىسىمى ، مۇتەللىپ مۇدىر دىھقانلار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تېلېفونى ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىۋېلىپ بىلوگى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىدىكەن، يېقىندا تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىغىمۇ قاتنىشىپتۇ. شۇڭا باشقا ناھىيە شەھەرلەردىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭمۇ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىشى قىلىپ دىھقانلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى ، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگ ئېچىپ خەلقنىڭ ھالىغا يېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
875
تۆھپە
470
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 13:03:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومىنىڭ مۇ ئاۋىن شۇجىسى ۋالى بولغان بۇ ئاكىمىزنى بەلكىم توراداشلار ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيدۇ ھەقاچان، كۇچا ناھىيە ئالقاغۇ بازىرى بۇ رەھبەرنىڭ ئالاقە نوقتىسى بۇلۇپ، بۇ ئاكىمىز بازىرىمىزغا كىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەربىر دېھقان تولىمۇ خوشال بۇلۇپ كىتىدۇ، چۈنكى بۇ ئاكىمىز بازىرىمىزغا كەلگەن ھامان بىر ئەمىلى ياخشى ئىشتىن بىر نەچچىنى نەق مەيداندا قىلىۋېتىدۇ ياكى بازار مەسئۇللىرىغا قىسسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىشنى تاپىلاپ ، يەنە قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ تىلفۇن ئارقىلىق تاپشۇرۇلغان ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھەل بولغان ياكى ھەل بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدۇ. رەھبەر دىگەن مۇشۇنداق بۇلۇش كېرەك. ئىش تاپىلاپ ئۇنى سۈرۈشتۈرمىسە .... قانداق بولىدۇ.
بۇ كۈرۈنۈش دەل ئالقاغۇ بازىرىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېلىنغان كۈرۈنۈش بۇلۇپ ئەينى چاغدا كەمىنىمۇ نەق مەيداندا بار ئىدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دۆت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 13:07  



نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 13:24:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يۇللانمىكەن.مېنىڭچە خىزمەت تەكشۈرەش بىلەن مەسىلە ھەل بۇلمايدۇ.تەكشۈرەش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىغاندا تەكشۈرەشنىڭ ئۆنۈمى بىلىدۇ.


سەكرا

Rank: 2

ئىسىمى
نەۋقىران
تىللا
157
تۆھپە
28
UID
4974
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 14:16:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومىنىڭ مۇ ئاۋىن شۇجىسى ۋالى بولغان بۇ ئاكىمىزنىىڭ خزمەت ئىشلەش ئۇسۇلى ۋە ئۇنۇمىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .چۇنكى يۇز تۇرانە تۇرۇپ سۆزلىشىش ئىمكانىيتى بولمىغان ئاقسۇ ۋىلايەتتىكى ھەر قانداق بىر پۇقرا ئېلخەت ياكى مىكرو بىلوگ ئارقىلىق بۇ خەلىقپەرۋەر ۋالىغا خەت يازسا ،ئەھۋال مەلۇم قىلسا ناھايتى تىزلا بىجىرىشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ ، ئاقسۇنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ ۋە ۋالى مۇتەللىپ قاسىمنىڭ مىكرو بىلوگ ئارقىلىق ئىش بىجىرىش سۇرئىتىمۇ ھەم ئۇچۇر تارقىتىش سۇرئىتىمۇ تىز ، ( كەمىنىمۇ ۋالىنىڭ  مىكرو بىلوگ ىئارقىلىق ئىش بىجىرگەنلەرنىڭ بىرسى ) سۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككى يولداشنىڭ مىكرو بىلوگى 2011- يىلىدىكى ‹ جوڭگو پارتىيە ھۆكۇمەت مىكرو بىلوگ نى ئونىۋېرسال باھالاشتا›  ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرىپ ، شۇجىنڭ 21- ئۇرۇندا .ۋالىنىڭ 17- ئۇرۇندا تۇرغان (http://www.aks.gov.cn/?thread-69376-1.html).  مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاقسۇدىكى خەلىقى بىلەن ئىش قۇيۇن تاشقۇيۇن بۇلۋاتقان ھەقىقى ‹ خەلىقپەرۋەر  مىكرو بىلوگ ۋالى ›.  بۇ ۋالىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ نەتىنجە ، خەلىق بىلەن قەلىبداش يۇرۇكىگە  تېخىمۇ ياخشى جاسارەت تىلەيمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 16:52  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1699
تۆھپە
817
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 20:51:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاقسۇدا ۋالى بولغان چاغلاردا مىكرو بىلوگ ئارقىلىق ئەرىز شىكايەت قوبۇل قىلغانلىقىدىن سۆيۇنگەن ئىدىم.


Rank: 2

تىللا
98
تۆھپە
25
UID
5586
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 20:58:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيمەن . كۇچۈمنىڭ يىتىشىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومىنىڭ مۇ ئاۋىن شۇجىسى ۋالى مۇتەللىپ قاسىمنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرىمەن . خوتەن ، قەشقەر ، ۋە باشقا جايلاردىكى تورداشلارنىڭ جاڭ چۈنشەن شۇجىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۇرگەن چاغدىكى كۈرۈنۈشلىرى بولسا يوللاپ قويساڭلار ، كۆرۈپ باقساق ، ھەم رەھبەرلىك ساھاسىدىكى ئاز بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلاغا ئۈلگە تىكلەپ بەرسەك ، تەرەققىياتىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەلۋەتتە پايدىسى بار .


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
8192
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 12:18:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەللىپ قاسىم ۋالى بۇرۇن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدا شۇجى ۋاقتىدىمۇ خىزمەتلەرنى بەكمۇ ئەستايىدىل جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەيتتى .ھەتتاكى ھەر يىلى دىڭىز يۇزىدىن4500مىتىر ئىگىز بولغان  ئوكسىگىن كەمچىل ھاۋاسى  ناچار   قاغىلىىق تاشيول باش ئوچاستىكىسىنىڭ ئاسراش تەۋەلىكى بولغان 1060كىلومىتىر ئاخىرلىشىش نوقتىسى شىزاڭ  ئالى رايۇنىغىمۇ چىقىپ  تەكشۇرۇپ ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ بەك كوڭۇل بۆلەتتى .مەن بۇرەھبەردىن شۇنداق سۆيۇنىمەن .رەھبەر دىگەن شۇنداق بولسا ئىسىتىلىمۇ بەك ياخشى.خەلىقپەرۋەر .پاك .دۇرۇس مۇشۇنداق كىشىلەر خەلىققە باش بولسا نىمىدىگەن  ياخشى.
مەن بىر تاشيولچى بولۇش سۇپىتىم بىلەن شۇنداق باھا بىرمەنكى:


Rank: 4

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
309
تۆھپە
113
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 14:21:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رەھبەر ماڭا شۇنداق ئىللىق كۆرۈنىدۇ.كەلگۈسىدىكى رەئىسىمىز بۇلۇپ قالامدۇ تېخى......


Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
410
تۆھپە
188
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 23:48:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KIZILYOPURMAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-11 23:48  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
121
تۆھپە
64
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 20:55:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەل دىگەن مەڭگۈلۈك نەرسە ئەمەس.بۇنى مۇتەللىپ قاسىم ۋالى ھەقىقى چۈشىنىدىكەن،مەنمۇ بۇ رەھبەرنى ھۆرمەتلەيمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-28 03:22, Processed in 0.079927 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991