كۆرۈش: 13974|ئىنكاس: 20

«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
299
تۆھپە
150
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 11:22:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە


ي.م.ئىلقۇت


ھېلىمۇ ئىسىمدە، 2007-يىلى تور ئارىلاۋېتىپ مۇنداق بىر ماقالە«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نى ئوقۇغان ئىدىم. قايسى توردىن كۆرگەنلىكىم ۋە ئاپتۇر تازا ئىسىمدە قالماپتۇ، قارىغاندا «ئادەمنىڭ ئۆگىنىشى ئۇنتۇش ئۈچۈن» دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئوخشايدۇ، مانا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمگە خېلى تەسىر قىلغان ماقالە «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرىنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نى ئوقۇپ، ئاپتۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، ئۇيغۇرلاردىكى كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىزلىق، كىتابنىڭ قەدىرىگە يەتمەسلىك، نادانلىق ھالىتىدىن ھەقىقەتەنمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم.
كىتاب ئادەم دىلىنى يۇرۇتقۇچى ماياكتۇر! بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كىتاب بىلەن گۈزەلدۇر! كىتاب بىزنى بىپايان بىلىم دېڭىزىغا باشلاپ بارغۇسى!!
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىدە ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى جانلىق پاكىتلار بىلەن شەرھىيلەپ چىققان بۇلۇپ، ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يېغىنچاقلىغان(شەخسىي كۆز قارىشىمنى قۇشۇپ رەتلەپ چىقتىم):
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە. يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق. كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم)مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق(شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق. كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يېتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار(مەسىلەن خەنزۇ تىلى)دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ خالاس («ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى» يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى تەشكىللەنگەن) ۋە باشقىلار.........
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»نىڭ ئاپتۇرىنىڭ «ئۇيغۇرلار كىتاب كۆرمەيدۇ.»دېگەن قاراشقا كېلىشى دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان.
بۈگۈن مېنىڭ «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار» ھەققىدە ئازراق توختالغۇم كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»دا تىلغا ئېلىنغاندەك ئۇنچىۋالا ئۇمىدسىزمۇ ئەمەس. بىزنىڭ ئارىمىزدا كىتابقا ھېرىسمەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۈگۈن مەن ئۇيغۇرلاردىمۇ كىتابخۇمارلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم ھەم تۇلىمۇ شادلاندىم.

بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن ۋاختىم ئاساسەن دېگۈدەك كىتابخانىدا ئۆتتى. مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنخۇا كىتابخانىسىنى ئارىلاپتىمەن، كىتانخانىدا كىتاب كۆرىۋاتقان ۋە كىتاب سېتىۋېلىۋاتقانلارنىڭ سانىغا ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايتتى(ھېچ بولمىغاندا، «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»دىكىدەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىدى.) مەن چۈشتىن كېيىن ئۇدۇن كىتابخانىسىغا بېرىپ كىتابخانىنى ئارىلىدىم. بۇ يەردە كىتابخانىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم ئۇيان-بۇيان قىمىرلاشمۇ قىيىن ئىدى.
مەنمۇ «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.» دېگەن تەمسىل بويىچە ئاشۇ كىتابخۇمارلارنىڭ قېتىلىپ ئۇلاردىن «قېلىشماي» كىتاب كۆرۈپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرلىرىگە قاراپ چىقتىم. مەن بەزى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان كىتابلارنىڭ كىرىش سۆز ۋە چۈشەندۇرۈشلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، بەزى كىتابلارنى شۇ ھامان سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن يانچۇقتا پۇل يوق، پەقەت ئۇ كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قويدۇم خالاس ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە مۇنداق ۋەدە بەردىم: مەن پۇل تاپقان كۈننىڭ ئەتىسى چۇقۇم بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىمەن.
مەن كىتاب كۆرىۋېتىپ مۇنۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ قالدىم: ئىككى نەپەت ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئاكاشلار مىللەتلەر نەشىرىياتى يېقىندا نەشىردىن چىقارغا «تۆت خەلىپە» ناملىق كىتابتىن 11 پارچە سېتىۋالدى. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ خۇرسەن بولدۇم. گەرچە ئۆزۈم بۇ كىتابنى سېتىۋالالمىغان بولساممۇ لېكىن ئىككى ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 11 پارچە كىتاب سېتىۋېلىشى مېنى ھەقىقەتەن شادلاندۇردى.
بۈگۈن مەن «تۆت خەلىپە» ناملىق كىتابنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلىپ يەتتىم. ئۇلار ھەرگىزمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار»غا ئوخشىمايتتى. مەن يېنىمدا پۇلۇمنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقاپ، كىتابخانا ئالدىغا دۆۋىلەپ قۇيۇلغان «كونا» كىتابلاردىن سېتىۋالماقچى بولدۇم(بۇ كىتابلار بىر قەدەر ئەرزان) شۇڭا مەن «يېزىقچىلىق بىلىملىرى»، «مۇھەببەت، مۇھەببەت، مۇھەببەت....»(ئەدەبىي خاتىرە) ۋە ماكسىم گوركىينىڭ ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى نۇسخىسىدىكى «بالىلىق چاغلىرىم» قاتارلىق بىر نەچچە كىتابلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋالدىم ھەم مۇنۇ كۆرۈنۈشكە دىققەت قىلىپ قالدىم: ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ كىشى كېلىپ كىتابخانا خۇجايىنىدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 90-يىللاردىكى بارلىق سانلىرىنى سېتىۋالدى(ئۇدۇن كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى ھەقىقىي كىتابخۇمار چېغى، ئۇ «كونا» كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن ساقلاپ كەلگەن ئادەم ئىكەن.) ۋە كىتابخانا خوجايىنىغا ئۇلارغا ياردەملىشىپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 85-يىلىدىن بۇرۇنقى بارلىق سانلىرىنى ئىلاج بار تېپىپ قۇيۇشىنى، ئۇلارنىڭ كېلەر ھەپتە يەنە كېلىپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى. مانا بۇلار «كىتابخۇمار ئويغۇرلار» ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنى قانداقمۇ «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دېگىلى بولسۇن؟
مەن بۈگۈن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»نى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوشال بولدۇم.........

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى                               خوتەن
---------------------------
مەنبە: ئىلقۇت بلوگى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 11:28  


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
828
تۆھپە
566
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 14:07:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تېما  ،ھەقىقى  ئەھۋال  يېزىلىپتۇ ،دەپ قارايمەن.ھازىر ھەممە جايدا بۇنداق  كىتاپ خومار كىشىكەر  خېلىلا  كوپەيمەكتە .بۇ ھەمىمىزنى خۇشال قىلىدۇ  . مۇشۇ  يېقىندا  دولەت  مەبلەغ  سېلىپ  ۋە كۈچ  تەشكىللەپ  ، ئەمەلىي قوللۇنىشچانلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى  پەن - تېخنىكا  كىتاپلىرىنى  نەشىر قىلدۇرۇپ ،بازاغا سالدى  .بۇ  تېخىمۇ ىوشاللىنارلىق  ئىش  بولغان  ؛ئەمما  مۇناسىۋەتلىك  پەن -تېخنىكا  ساھاسىدىكى  كىشىلەر  ۋە تىرىشچان  دېھقان   ماھىرلارنىڭ  ئىنكاسىدىن قارىغاندا  ،بەزى تېخنىكىلىق مەسىلەرنى  ئەمەلىي  تەجىربىدىن  ئۆتكۈزمەي  ،ھەتتا ئۈزى چۈشەنمەي تۇرۇپ   ئاۋۇ ،ماۋۇ  كىتاپلاردىن  يىغىپ ،ھىسىياتىغا كەچكەنچە  تىنىكا  - تەدبىرى  بەلگىلەپ  ،كىتاپ مەزمۇنىغا  كىرگۈزىۋەتكەن  ئىشلار  باكەن   ،مەن شۇ تېخنىكانى ئەمەليەتتە   قوللۇنۇپ  ،نەچچە تۈمەن  زىيان  تارتىم ،...... بۇلارنى ھىچكىمگە  داۋا قىلغىلى بولمىسا ،.....  دىگەندەك ئىنكاسلارنى  ئاڭلىدىم.ئەگەر مۇشۇنداق  ئەھۋاللار راس ساقلانغان بولسا كىشىللىرىمىزنىڭ كىتاپقا ،ئىلىمپەنگە  بولغان  قىزغىنلىقىنى چېكىندۈرۈشى مۇمكىن  .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
592
تۆھپە
268
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 15:10:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ، مەنمۇ ئايدا بىر ئوغلۇمنى ئېلىپ ، تۇتقان كىتاۋنى ئېلىپ يېنىپ كېلىمەن.


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
610
تۆھپە
166
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 16:04:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ ئوقۇش ھەقىقەتەنمۇئىسىل پەزىلەت....بۇتىمىنى مەن بەك ياقتۇردۇم  رەىمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
610
تۆھپە
166
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 16:35:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ ئوقۇش ھەقىقەتەنمۇ ئىسل پەزىلەت


Rank: 6Rank: 6

تىللا
463
تۆھپە
195
UID
1012
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 18:39:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يىلى كىتاپ جورنالغا مۇشتەەرى بۇلۇپ ، كىتاپ ئوقۇپ بىلىمىمنى ۋە نەزەر دائىرەمنى كىڭەيتىپ كلىۋاتىمەن،ھەتتا ئايلىم ۋەبالىلىرىمغىمۇ مۇشتەرى بۇلۇپ بىرىمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1022
تۆھپە
490
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 18:55:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىتاب كۆرۈشكە ئامراق . ياخشى ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرشىمىز كېرەك


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 2

تىللا
127
تۆھپە
37
UID
4780
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 23:33:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[شۇنداق  كىتاپ بىر مىللەتنى  ئالغا سىلجىتىشتىكى  ئەڭ  ياخشى قورال، تىلنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىباھا گۆھەر.ئامما ئىنكاس يېزىۋاتقان قېرىنداشلار دىققەت قىلمىغان ئوخشايدۇ، بەزى ھەرىپلەر چۈشۈپ قاپتۇ ياكى خاتا بولۇپ قاپتۇ، دىققەت قېلىڭلار ھە، بۇ دىگەن كىتاپ توغرىسىدىكى پاراڭ. ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم كەچۈرگەيسىلەر ھې ھې ھې ھې!!!!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
174
تۆھپە
89
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 23:50:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قەرز بولساممۇ مەيلى ئىككى ئايدا 4 پارچە كىتاپ ئالماي قويمايمەن، بولسا كىتاپ كۆرۈش ئادىتىنى ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىمىزدە يىتىلدۈرگەن بولساق، نېمەدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:06:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللىغىنىڭىزگە رەھمەت ساخلىۋالدىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 15:03, Processed in 0.098882 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991