روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 12184|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيە دەرسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيە دەرسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم/ T' z% n7 M4 c1 }9 n+ y; v& H0 A& bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011– يىل7– ئاينىڭ11– كۈنى شىنجاڭ گېزىتى
+ R" ^+ @! M; a2 v8 U    ئىمام يۈسۈپ! F) Y( e" G4 F2 {" G" @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خىمىيە ئىلمى ماددىلارنىڭ تەركىبى، خۇسۇسىيىتى، تۈزۈلۈشى، ئىشلىتىلىشى ۋە باغلىنىشىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر قەدەر مۇرەككەپ پەنلەرنىڭ بىرى. خىمىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دەرسنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى خىمىيە دەرسىگە قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. مانا بۇ خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.) ]/ K( D! o$ Z! Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇنداقتا خىمىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيە دەرسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ؟
& }8 V# _. i+ {, b   1 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دائىم ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. خىمىيە دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈشى بىر قەدەر قىيىن دەرسلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسكە بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ. قىزىقىش بولمىسا تەبىئىيكى ئۆزلەشتۈرۈش ياخشى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشى كېرەك. يەنى ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتى ياكى خىمىيە تەجرىبە جەريانىدا بولسۇن ئوقۇغۇچىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارنى ئالدىراپ تەنقىد قىلماي، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئىشلەش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش لازىم. مەسىلەن، دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلاردىن ئاددىي مەسىلىلەرنى سوراش، ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئاددىيراق تەجرىبىلەرنى ئىشلىتىش، ئۇلار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، تەجرىبىلەرنى ياخشى ئىشلىگەندە ئۇلارنى ماختاش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش، ئىمكان بولسا ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىمىيە دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش لازىم.! H4 f$ Y% `1 l7 j3 ?2 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    2 . خىمىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇچۇر تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇتقۇچى چوقۇم كىتابىي بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، تۈرلۈك ئۇچۇر ۋە يېڭىلىقلارغا، خىمىيە كەشپىياتلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇنى دەرسلىككە سىڭدۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى – يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەرسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىگە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.; B% `. E, ~% Q8 G9 u9 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    3 . خىمىيە تەجرىبىسى بىلەن دەرس مەزمۇنىنىڭ بىردەك بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. دەرسخانىدا ئىشلىنىدىغان ئۈلگىلىك تەجرىبە دەرس مەزمۇنى بىلەن بىردەك بولسا، دەرسخانا كەيپىياتى جانلىنىدۇ – دە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبە ھادىسىلىرىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى ھەم ئۇلارنى ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، بۇ ئارقىلىق دەرسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.% X- ~3 m9 D, x  y9 [( w$ ~# v' [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    4 . ئوقۇتقۇچى خىمىيە دەرسلىكىدىكى مۇھاكىمە تېمىلىرىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تەجرىبە، مۇھاكىمىگە تەشكىللىشى ۋە تەجرىبە پىلان لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك. چوڭ ياكى قىيىن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق يول كۆرسىتىشى كېرەك.' s; s- E4 c+ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    5 . ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل تەجرىبە ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدا پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆزلىرى قول سېلىپ تەجرىبە ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، بىر قىسىم ئۈلگىلىك تەجرىبىلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلەيدىغان تەجرىبىگە ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكتىكى ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىي مەشغۇلات ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.7 f# o& o3 ?8 u* {; n9 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (ئاپتور: پەيزاۋات ناھىيە يېڭى مەھەللە يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)( g/ }. q$ n/ q5 b: Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

: t* @9 k* `; e, t  a2 h
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش