روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 14220|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇغۇچىلارنى تىل–ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلارنى تىل–ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن...! W- E' t: H8 |" e9 G8 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011– يىل6– ئاينىڭ7– كۈنى11:16شىنجاڭ گېزىتى
/ c& c  [8 ^7 [, b6 ?+ n8 i/ Oئابدۇللا روزى* ?# Q  [/ N( x! |/ z# H1 B8 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تىل ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاقە قورالى بولغاچقا، تىل – ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆتۈشتە نوقۇل كىتابتىكى مەزمۇنغىلا ئېسىلىۋالماي، دەرسكە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلارنىمۇ دەرسكە قىستۇرۇپ سۆزلىسە، شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچقىلى بولىدۇ، ئىجادچانلىق ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا يېتىلگەچكە، بالىلىق دەۋرىدە ئادەمنىڭ زېھنى ئوچۇق، شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلارنى تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم:
5 x" ^+ q. C% b  W) H' N
  |/ R$ |+ N1 C( q% ?' z    بىرىنچى، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى نوقۇل ھالدا كىتابتىكى تېكىستنى ئوقۇشقىلا مەجبۇرلىماي، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ يېزىقچىلىق، ئەدەبىيات – سەنئەت، رەسىساملىق كۇرۇژۇكلىرىغا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى، قىزىقىشىنى بايقاپ، قىزىقىش بويىچە يېتەكلەپ، تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقىدىغانلارنى يېزىقچىلىق، نۇتۇق سۆزلەش، كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىشى لازىم.
+ x. [8 z6 F2 C8 e    ئىككىنچى، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە ئائىت ياكى باشقا مەزمۇندىكى سورىغان سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن قانائەتلەنگىدەك جاۋاب بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش ياكى شەخس توغرىسىدا تەسىرات ماقالىسى، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم.
. B* P0 e+ I+ ^2 W( `! F    ئۈچىنچى، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە، ئىناق كەيپىيات يارىتىپ بېرىش لازىم. ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشكە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىشى، بەزى تېمىلار ئۈستىدە كوللېكتىپ مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئويغىتىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇشى لازىم.& I( _% U3 _/ z% x* v1 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    تۆتىنچى، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئاكتىپ پىكىر قىلىشقا يېتەكلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى شەيئىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشكە، ئۆزلىرىدە ھاياتقا، تەبىئەت دۇنياسىغا قارىتا مۇئەييەن تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەركىن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلاپ، توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى لازىم.# H, R* I4 h. ~4 N1 a; I2 ^3 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بەشىنچى، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىغا سوئال قالدۇرۇشى، ئۆزلىرى مۇھاكىمە مۇزاكىرىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نادىر ئەسەرلەرنىڭ مۇھاكىمىلىرىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلىرىغا قارىتا ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئەدەبىياتنىڭ رولى ۋە قىممىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.3 p# J( n0 _; ]* q2 Q2 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ( ئاپتور: باي ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن); q& e& ?6 Q5 ]2 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
+ q2 h5 P, O& {) z8 s7 F2 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 04:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش