روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 14412|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى
) b  h: }5 B. z, C9 U9 j
ئۆزىمىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنەيلى
1 v* q' h* r$ X% Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەممە ئاتا – ئانا پەرزەنتىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشلاپ مۇھىتنى ئاسراشنى ئۆگىتىپ مەدەنىي ئوبراز تىكلەپ بېرىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىشى كېرەك: بىرى، ئۆزىنى باشقۇرۇشتا باشلامچى بولۇشى، مەدەنىيەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، يولدىن ئۆتكەندە رېشاتكىدىن ئاتلىماسلىقى، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەسلىكى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا ئۆچرەتتە تۇرۇشى، قوپال سۆزلەرنى قىلماسلىقى، ئاچچىقلانماسلىقى، قالايمىقان تۈكۈرمەسلىكى، ھەممە تەرەپتە بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. يەنە بىرى، بالىلارنى ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.
& W6 h4 Y. h' I, I" r5 R$ F      گېرمانىيەنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدىكى چىملىقتا رەڭگارەڭ توپلار تولۇپ ياتىدىكەن. چىملىقنىڭ بىر تەرىپىگە ‹‹چىملىققا دەسسىمەڭ›› دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ توپ ئوينىغانلارنىڭ توپى ئېھتىياتسىزلىقتىن چىملىققا كىرىپ كەتسە ئۇلار توپنى ئېلىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرىدىكەن، ھېچكىم چىملىققا دەسسىمەيدىكەن. ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە تۇرغان رەڭگارەڭ توپلار ناھايىتى چىرايلىق مەنزىرە ھاسىل قىلىدىكەن. ( {5 ?) E& t! b% Z6 P% u8 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      بۇنىڭدىن مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلانسا غايەت زور كۈچ بولىدىغانلىقىنى، بۇ كۈچنىڭ ئىنسانلار ۋە مۇھىتنى ناھايىتى گۈزەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
4 G# t; |, P6 q3 n0 t
1 }/ ?8 G* @! y# A& C9 K. V2 `
مۇھىتىمىز گۈزەل بولسۇن
9 e. Y! |- {* T0 ^$ D- }9 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ساۋاقداشلار، يەردە بىرەر پارچە قەغەز پارچىسىنى كۆرسەڭلار ئېلىۋىتەمسىلەر؟ بىر قېتىم ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتىنى ئېلىپ سەپەرگە چېقىپتۇ. يولدا ئۇلارغا بىر كونا تاقا ئۇچراپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتىغا ئۇنى ئېلىۋىلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ شاگىرتى يەرگە ئېڭىشىپ تاقىنى ئېلىشقا ھۇرۇنلۇق قىپتۇ – دە، ئاڭلىمىغانغا سېلىپ مېڭىۋىرىپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر ئۆزى تاقىنى ئېلىپ تۆمۈرچىگە سېتىپتۇ ۋە ئون نەچچە تال گىلاس سېتىۋاپتۇ. شەھەردىن چىققاندىن كېيىن ئۇلار توختىماي مېڭىپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتىنىڭ بەك ئۇسساپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يېڭىگە يۇشۇرۇلغان گىلاستىن بىر تالنى يەرگە تاشلاپتۇ شاگىرتى دەرھال گىلاسنى ئېلىپ ئاغزىغا ساپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر ماڭغاچ گىلاسنى تاشلاپتۇ. شاگىرتىمۇ ئېرىنمەي ھەربىر تال گىلاسنى يېيىش ئۈچۈن بىر قېتىم ئېڭىشىپتۇ. ئەيسا پەيغەمبەر كۈلۈپ كېتىپ: ‹‹بايا بىرلا قېتىم ئېڭىشكەن بولساڭ ھازىرقىدەك جاپا تارتمىغان بولاتتىڭ، باشتا كىچىك ئىشنى قىلمىساڭ ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك ئىشلار ئاۋارە قىلىدۇ›› دەپتۇ. 0 j. W& H5 b7 _. M! Q! q- cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      بىر تال قەغەز پارچىسىنى تېرىۋېتىش كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ يۈكسەك ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتنىڭ ئىپادىسى. سىز ئېڭىشىپ ئەخلەتنى تېرىۋاتقىنىڭزدا ئېيتقۇسىز خوشاللىققا چۆمىسىز، ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ماختاش ھەم تەرىپلەش سۆزلىرى تېخىمۇ كۆپ ساۋاقداشلارنى سىزدەك قىلىشقا ئلھاملاندۇرىدۇ. پەقەت ھەممەيلەن ئېڭىشىپ ئەخلەت تېرىشنى خالىساقلا مەكتەپتە مۇھىت گۈزەللىكىلا ئەمەس قەلب گۈزەللىكى جىلۋە قىلىدۇ.
$ O0 j; g. D6 [! r  \
, L8 Z+ u. Z' G/ ~4 @0 w( I1 z3 d
سوراش

. B; U5 D3 m: e: q/ s  كۇڭزى 10 – 15 يېشىدا ئۆگىنىش ئىرادىسىنى تىكلەپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش يولىغا ماڭغان. ئۇ جاپالىق ئۆگىنىپلا قالماستىن يەنە كەمتەرلىك بىلەن سوراپ نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالغان. ئۇ داڭلىق ئەدىبلەردىن، ئاددىي دېھقانلاردىن سوراپ ئۆگەنگەن؛ بىلىم سەۋىيىسى ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن سوراپ ئۆگەنگەن. ئۇ ‹‹خىجىل بولماي سورىغاندا ئۈچ كىشى ئىچىدە ئۇستاز بولغىدەك بىرى تېپىلىدۇ›› دەپ قارىغان., S. L) c. K; o7 G/ kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
       كۇڭزى بىر قېتىم لۇگودىكى خان ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ بىلمەيدىغانلىرىنى يېنىدىكى ئادەمدىن سوراپ بىلىۋالغان؛ تىزىپ قۇيۇلغان قەدىمىي چالغۇلارنى قانداق چېلىشنى سوراپ ئۆگىنىۋالغان. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ئۇ چۈشەنمىگەن جايلىرىنى باشقىلاردىن توختىماي سورىغان. ئۇنىڭ بۇ ئىشى بەزىلەرگە ياقمىغان، ئۇلار: ‹‹بۇ بالا تازىمۇ ئەدەپسىزكەن، خان ئىبادەتخانىسىدىمۇ ھەممە نەرسىنى سورىغان بارمۇ!›› دېگەندە كۇڭزى: ‹‹بىلمىگەننى سوراش كېرەك، بۇنىڭ ئۆزى ئەدەپ›› دېگەن.
, y7 T" |' I6 C; K      بىز كۇڭ فۇزىنىڭ ‹‹كۆپ سوراشتەك›› پەزىلىتىنى ئۆگىنىشىمىز، ‹‹ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىش، سوراشقا ماھىر بولۇش، تىرىشىپ ئۆگىنىش››تىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.! E  ~: W4 F. Q, [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

2 w; w6 Q$ W* U6 q3 |9 S3 o
سەۋرچان بولۇش

5 i5 A0 {5 d! L3 ?0 \كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تۈرلۈك زىددىيەتتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. سىز ناھەقچىلىككە ئۇچرىغاندا دەرھال ئېتىراز بىلدۈرەمسىز ياكى يول قويامسىز؟8 D8 X; J1 ~9 e; X( m$ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     مۇنداق بىر ھېكايە بار: ياڭ جۇنىڭ قوشنىسىنىڭ مېكيىنى يېتىپ كېتىپ ئۇنى ياڭ جۇدىن كۆرۈپتۇ. ياڭ جۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ بۇنى ئاڭلىسا چوقۇم ئاچچىقلايدۇ دەپ ئويلاپتۇ، لېكىن ياڭ جۇنىڭ ئاچچىقى كەلمەپتۇ. ئۇ ‹‹جاھاندا ياڭ فامىلىلىكتىن مەنلا بارمىدىم؟ تىللىسا تىللاۋەرسۇن›› دەپتۇ. بىر قوشنىسى دائىم يامغۇر ياغقاندا ھويلىسىغا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۇلىرىنى ياڭ جۇنىڭ ھويلىسىغا قۇيۇۋېتىدىكەن. ياڭ جۇنىڭ ھويلىسى پاسكىنا سۇغا توشۇپ پۇراپ كېتىدىكەن. ئائىلىسىدىكىلەر ياڭ جۇغا بۇ ئىشنى ئېيتقاندا ئۇ ‹‹ھاۋا ئۇچۇق بولىدىغان كۈنلەر ئۇزۇن، يامغۇر ياغىدىغان كۈنلەر قىسقا بولىدۇ›› دەپ ئۇلارغا تەسەللىي بېرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن قوشنا – قولۇملار ئۇنىڭ سەۋرچانلىقىدىن تەسىرلىنىپتۇ. بىر يىلى قوشنىلار ياڭ جۇنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ، كېچە – كۈندۈز ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۇنى بالا – قازادىن ساقلاپ قاپتۇ.
/ \- K; `/ H* M* @$ A7 q- ]     كەڭ قورساقلىق گۈزەل ئەخلاق، بىز ئالدىراقسانلىق، ئۆزىمىزنى تۇتالماسلىقتىن ساقلىنىپ سەۋرچان، كەڭ قورساق بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر سىزمۇ ياڭ جۇدەك كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ ئۆزىڭىزنى كونترول قىلالىسىڭىز سەۋرچانلىقنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتەلەيسىز، كەڭ قورساقلىقنى يېتىلدۈرۈپ، ساغلام، ئىناق ياشاش مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى ئجتىمائىي كەيپىيات يارىتالايسىز." B" E8 j5 u3 g& hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
; F6 K+ ^6 C9 m1 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گۇمانلىنىش روھى
8 H5 G4 e$ @9 }7 I& Q+ `2 u& Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئىلىم – پەن دېگەن نېمە؟ ئىلىم – پەن مەلۇم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەش جەريانىدۇر. 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋرۇپادا چېچەك تارقىلىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ھايات قالغان كىشىلەرنىڭمۇ يۈزى چوقۇر بولۇپ قالغان. بىراق، ئەنگىلىيەلىك يېزا دوختۇرى ئېدۋارد جېننىر كالا فېرمىسىدىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ چېچەك بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ كالا فېرمىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ سېغىن كالىلاردا كالا چېچىكى بارلىقىنى، فېرمىدىكى ئاياللارنىڭ كالا چېچىكى بىلەن يوقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ‹‹كالا چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا چېچەك يۇقمامدىغاندۇ، ئەگەر ئادەملەرگە كالا چېچىكى ۋاكسىنىسى ئۇرساق چېچەك چىقماسمۇ؟›› دەپ ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسمىي سىناقنى باشلىغان. چېچەك يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك تارقالغاندا ئېدۋارد جېننىر كالا چېچىكى ۋاكسىنىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۇرغان 2000دىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسىگە چېچەك يۇقمىغان. ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان. 3 a0 u% B  l; v# \9 ?; a# Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      ئېدۋارد ھېكايىسىدىن بىز ئالىملارنىڭ ئىنچىكە تەپەككۇر يولى ۋە گۇمانلىنىش روھىنى كۆرۈۋالالايمىز.    1 X8 c* h" F% ], jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     ساۋاقداشلار، ئەگەر سىلەرنىڭمۇ ئىلىم – پەن خادىمى بولغۇڭلار بولسا ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭلاردا يېتىلىۋاتقان گۇمانلىنىش روھىڭلارنى بوغۇپ قويماڭلار.0 P( @4 g4 x, s& S) sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

5 X' B7 P! h! h/ o. T0 x( K9 f
ئانا مېھرى

( I: D" I3 T' j& Y' M' ` ئانا ۋە ئانا مېھرى ھەققىدە گەپ بولسا ۋۇجۇدىمىزغا ئىللىق سېزىم تارايدۇ.
0 h* Q# @' B- |' l      سىچۇن ۋېنچۇەندە يەر تەۋرەشتە يۈز بەرگەن ھېلىقى تەسىرلىك ۋەقە ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بولسا كېرەك. 2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىكتە بىر ياش ئايالنىڭ تىزلانغان، ئىككى قولى بىلەن يەرگە تايانغان ھالەتتە تىنىقى توختاپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار يەنە بىر خارابىلىككە ماڭماقچى بولغاندا ئەترەت باشلىقىنىڭ كۆڭلىگە بىر ئىش كەلگەندەك تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ ھېلىقى ئايالنىڭ قوينىدا بىر بوۋاقنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ تېخى ھاياتلىقىنى بايقىدى. ئۇلار بۇ بوۋاقنى ناھايىتى تەستە قۇتقۇزۇۋالدى. ئۈچ – تۆت ئايلىق بولغان بۇ كىچىك جاننى ئانىسى بەدىنى بىلەن قوغداپ قالغانىدى. دوختۇر تەكشۈرۈش جەريانىدا بالىنىڭ قوينىدا بىر يانفوننىڭ بارلىقىنى بايقىدى. يانفون ئېكرانىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر بار ئىدى: ‹‹ئوماق قوزام، ئەگەر ھايات قالساڭ ئاپاڭنىڭ سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت!››. ئاپەت رەھىمسىز بولسىمۇ مېھىر – مۇھەببەتنى سۇسلىتالمايدۇ. ئاپەت ئالدىدا بۇ ئانا بارلىق ئۈمىدىنى بالسىغا باغلاپ، ئۆز بەدىنى ئارقىلىق ئۇنى ئاپەتتىن ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۇچۇر 2008 – يىلىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئۇچۇر بولۇپ قالدى.
" r2 X; n% I* Z% s# s8 j' Q# b" Y  [       ‹‹8 – مارت›› ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلدى. ساۋاقداشلار، ئاپاڭلارغا ئۇچۇر يوللاش، قىزىق بىر پىيالە چاي تۇتۇش، بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىڭلارنى بىلدۈردىڭلارمۇ؟ ئانا مېھرى، ئانا – بالا مېھرى مەڭگۈ دەريا بولۇپ ئاقسۇن!
, ~' m- V) }2 M4 N" @: ?8 ^' |9 {, Q1 T5 J6 a3 A2 W+ m, }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ
. k/ L5 {( [" m8 c  W4 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگ ۋالتېر مىچېل بىر توپ بالىلار ئۈستىدە مۇنداق قىزىقارلىق تەجىرىبە ئىشلىگەن: ئۇ ھەربىر بالىغا بىردىن كەمپۈت تارقىتىپ بەرگەن. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى، قايتىپ كەلگۈچە كەمپۈتنى يېمەي تۇرغان بالىلارغا ئىككى تالدىن كەمپۈت مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتكەن. بىر نەچچە بالا كەمپىتنى دەرھال يەۋەتكەن. پىسخولوگ بۇ بالىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى تاقەتسىز بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلالىغانلار سەۋر – تاقەتلىك بالىلار بولغان.
- c; l$ R9 _5 T' f# b' J       تۇرمۇشتا بۇنداق ‹‹كەمپۈت››لەر ھەممە جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئالىي كىيىملەر، ھەشەمەتلىك داچىلار، توردىكى ئۇيۇنلار، باي چولپانلار، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرى، ھەتتا زەھەر، قىمار دېگەندەك ‹‹كەمپۈت››لەر ھەمىشە مەيلىمىزنى تارتىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق رەڭگارەڭ دۇنيادا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇلارغا بويسۇنىمىزمۇ ياكى رەت قىلىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە كېيىنكىسىنى يەنى قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بولغاندىلا ‹‹كەمپۈت›› ئالدىدا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالغىلى، ھالقىلىق پەيتتە ۋاز كەچكىلى بولىدۇ.
# b+ x7 @4 Q/ X, z% h      ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ئىرادە، جاپا تارتىش ئۈچۈن قەيسەرلىك كېرەك. ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندا، جاپا تارتقاندا تېخىمۇ تاتلىق ‹‹كەمپۈت››كە ئېرىشكىلى بولىدۇ.; ~' r8 `0 h2 I7 Q4 }; w* Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە:  ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى3 p* K" f% P9 R' U. V; Q' J& Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

# j) K6 i% ]  L  K ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +14 ئىناۋەت +10 تەڭگە +7 بايلىق +7 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
سەلىمە + 4 + 3 + 1 + 1 + 1 تېخىمۇ تىرىشىڭ
sadikman + 5 + 5 + 6 + 5 يارايسىز
kurban007 + 5 + 2 + 1

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-3-25 19:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشۇرۇپ كۆردۇم ، ياخشى ماتىرىيالكەن ، رەھمەت سىزگە !
ۋاقتى: 2011-3-25 20:29:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەمات سىزگە! ياخشى ماتىريالكەن،مۇشۇنداق ماتىريال بولسا يوللاپ تۇرۇڭ!
ۋاقتى: 2011-3-26 19:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايراق نۇتقى ئوقۇش نۆۋىتى سىنىپىمغا كەلگەن ئىدى، پايدىلىنىش ئۈچۈن چۈشىرىۋالدىم، رەھمەت سىزگە!!!!!!! بەك ياخشى تېمىلاردىن پۈتۈپتۇ.
ۋاقتى: 2011-3-30 08:41:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاق تەربىيەنى ئۆتكۈزۈشتە مۇشۇ ماتريالمۇ لازم ئىكەن ،سىزگە كۆپ رەخمەت جۇمۇ
ۋاقتى: 2011-3-30 08:48:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن چۈشۈرۈش ئادرىسى يوققۇ ،قانداق چۈشەدىڭلار؟{:5_167:}
ۋاقتى: 2012-3-19 00:08:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھەممىمىز ئورتاق ئىزدىنىپ ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئىلغار ئۇچۇرلارنى  تارقىتايلى، ئورتاق پايدىلنايلى!!!
( v' D/ c6 O; G& yرەخمەت .قەلىمىڭىزگە دەرىت بەرمىسۇن!
8 J' [, g1 ?+ s8 pھەقىقەتەن ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز، سىزگەيەنە بىر قېتىم رەخمەت دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ، رەخمەت!!!
ۋاقتى: 2012-6-6 12:17:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىمدا پايدىلىنىشقا بۇلىدىغان ياخشى ماتىريالكەن.رەخمەت!!!!!.......
ۋاقتى: 2012-6-6 16:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتېرىيل ئىكەن. ئامما چۈۈرۈش ئادرىسى يوق. بولسا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ۋاقتى: 2013-9-13 11:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 06:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش