روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

توردا ئېلان چېكىپ پۇل تېپىش تېمىلىرى تەستىقلانمايدۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان مەن تەربىيلىنىشتە بولۇش سەۋەبىدىن تورغا كۆپ چىقىپ بولالماي، بېكەتنىڭ ئىشلىرى سىلەر باشقۇرۇغچىلارغا يۈكلىنىپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن روھلانغا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .

ئىلگىرى بۇ ھەقتە تېما يوللانمىغان بولسىمۇ ئۇيەر-بۇيەرلەردىن پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئېلان چېكىپ پۇل تېپىش تېمىلىرى تەستىقلانماي كېلىاتقان ئىدى، ئەمما يېقىندىن مەن نۇرغۇن تېمىلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرىۋاتىمەن، يەنىلا تەستىقلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلە ھەققىدە باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مەسىلەن تۆۋەندىكى مەزمۇنغا ئوخشاش مەلۇم ئەزا ئۆزىنىڭ ئەزالىق نامىنىڭ تەشۋىقات ئۇلانمىسى قوشۇلغان، ھېچقانداق بىر دەلىل-ئىسپاتىسز، توردا پۇل تېپىش تېمىلىرى يولىنىپ قالسا تەستىقلىمىساق.
===================================================================
ھازىر توردا پۇل تېپشنى خالايدغان تورداشلار ناھايتى كۆپ.ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئىشنى نەدىن باشلاشنى بلەلمەي گاڭگىراپ قېلشتى.
توردا ئېلان چىكىپ پۇل تېپشنى چىقىش يولى قلشنى ئويلغانلارمۇ ناھايتى كۆپ.ئەمما نۇرغۇن توربىكەت سىزنى بىكارغا ئېلان چەكتۇردۇ.سىز ئاقىۋەتتە ئىقىتىسادى ۋە ۋاقىت جەۋەتتە زىيان تارتىسىز.
ئەلۋەتتە ئۈزڭىز تور بەت قۇرۇپ پۇل تاپسىڭز بولدۇ.ئەمما بۇسىىزدىن زور بىلم تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ.
مەن تورداشلارغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن تۈۋەندىكى تو بەتنى تەۋسىيە قىلماقىچى.
سىز ناۋادا Flash،3d max,LOGO....قاتارلقلارنى بلسىڭز مۇشۇ تور بىكەتتىن ئۈزڭىز گە ماس كلىدىغان خىزمەتنى قىلىپ پۇل تېپىڭ.
ئىشىنمەنكى سىز چۇقۇم ئايدا نەچچە مىڭ يۇەن كىرىم قلالايسىز(ئەلۋەتتە سىز چۇقۇم خەنزوچە بلشىڭىز،كەسپى قابليەتكە ئېگە بۇلشڭىز كېرەك.چۇنكى بۇبىكەتتە نۇرغۇن ئۇستىلار بار،رىقابەت ناھايتى كۇچلۇك)
任务中国
http://www.taskcn.com/?r=2882931" target="_blank
(تور بىكەتكە تزملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئىناۋەتلىك بانكا تور كارتىسى بىلەن تور قاپچۇقى支付宝  ئادرسڭزنى كىرگۈزۈڭ بولمسا پۇل ئالالمايسىز)

===========================================================================================================

بۇ تېمىلارنىڭ ھەممىسى پەقەت شۇ ئەزا ئۆزىنىڭ ھېساباتىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدىلا يوللىنىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىلىرى سېرىق مەزمۇن بار، ئىشەنىسىز، ئالدامچى بېكەتلەردىن ئىبارەت .
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارشى قانداقكىن ؟


ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-3-23 19:30:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما گەپ ماڭا ياغدەك ياقتى جۇما.... بۇرۇندىن باشلاپلا مەن مۇشۇ توردا ئېلان چىكىپ پۇل تېپىش دىگەنگە زادىلا ئىشەنمەيمەن، كۈندە مانچە ۇل تاپىدىغان ئىش بولسا ھەممىلا ئادەم توردا ئېلان چىكىلا پۇل تاپسا بولمامدۇ؟ تەستىقلىماي دىسە نىمىشقا مىنىڭ تىمامنى تەستىقلىمايسەن دەپ سوقۇشقان... مانا ئەمدى ئىنىق كۆرسەتمە بولغاندىكىن يوللاپلا قالسا يوقال دەپلا كۆتىگە تىپەلەيمىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-23 19:50:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش koinlun نىڭ يازمىسى

بۇ تېما پەقەت باشقۇرغۇچىلارلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ يوللاندى، ئۇنداقتا ئەزالارغىمۇ ئاشكارلايمىزمۇ قانداق؟
ۋاقتى: 2011-3-23 20:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزالارغا ۋاقتىنچە ئاشكارىلىمايلى، باشقۇرغۇچىلار بۇ چاقىرىققا قانچىلىك رىئايە قىلالايمىز ئۆزىمىزنى سىناپ باقايلى.
ۋاقتى: 2011-3-23 22:12:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلان چىكىپ پۇل تاپىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ 9 يىلدىن بېرى‹‹ تاس››لا ئېلان چېكىپ پۇل تاپاتتىم.......ئەلبەتتە پىشقەدەملەر تېخىمۇ پۇلدار بولۇپ كەتكەن بولاتتىڭلار.
مېنىڭچە مۇشۇنداق ئەھمىيتى يوق ئىشلاردا قاتتىق قول بولۇش كېرەك.خالىسقنى ساقلاپ قېلىش،ھەم ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش كېرەك.
(ئەپسۇس مەن روھلان ئۈچۈن ھەمدەمدە بولالماي قېلىۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن.بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر مەزگىل ھەر قايسىڭىزلار بىلەن ھەمساۋاق بولالمايدىغان بولدۇم.ئاللاھ بۇيرىسا قولىمدىكى ئىشنى ئومومىيۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن سىلەر بىلەن ئورتاق ئۆگىنىش ئاساسىدا،ئورتاق گۈللىنىشكە ئاتلىنىمەن).
ۋاقتى: 2011-3-24 00:48:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش ADiL نىڭ يازمىسى

ئاشكارىلاي دىسە غەۋغاچىلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئاشكارىلىماي دىسە داۋاملىق يوللايدىغانلار چىقىشى تۇرغانلا گەپ، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ... باشقىلار بىر نەرسە دەپ باقسۇن.
ۋاقتى: 2011-3-24 11:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە باشقىلارغىمۇ ئاشكارىلايلى، ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن. بولمىسا ئەزالارنىڭ تېما يوللىسام نىمىشقا تەستىقلىمايسەن، نىمىشقا ئۆچۈرۋىتىسەن... دىگەندەك ئارتۇق سۇئاللىرىدىن خالىي بۇلالايمىز.
ۋاقتى: 2014-6-19 06:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇندىن خەۋەر تاپتىم

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-5 02:46

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش