روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 642|ئىنكاس: 16
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلىغاندا ئەستايىدىل بولساڭلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار، سىلەر كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىلەر، بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
قىلغان ئەمگىكىڭلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ھالاۋىتىنى كۆرىسىلەر، ئۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى، بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى بەلكىم ھازىرمۇ كۆرۈپ يېتەلەيسىلەر، بىز بېكىتىمزدىكى تۆھپىكار باشقۇرۇغچىلار ۋە ئەزالار ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر 3 شىركەت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋېىتى ئۇرناتتۇق، بۇندىن كېيىن داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، تارتقان جاپايىڭلارنىڭ مېۋىسى ئۈچۈن سىلەرنىمۇ قۇرۇق قول قالدۇرمايمىز .

نۆۋەتتە مۇنبەرگە تېما ۋە ئىنكاسلار بىر قەدەر كۆپ يوللىنىۋاتىدۇ، ئەمما يوللانغان تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدىكى سۈپەتسىز، مۇنبەر مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سەزگۈر سۆزلەر بار بولغان تېما ئىنكاسلارمۇ توسالغۇسىز تەستىقلىنىپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، يەنە تەستىقلانغان تېمىلارنىڭ يوللانغان سەھىپىسى كۆپىنچە توغرا ئەمەس، تېمىسى ياردەم،... دېگەندەكلىرىمۇ خېلى بار، مەن مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاشۇنداق تېما ئىنكاسلارنى تازىلاش، سەھىپىسى خاتالىرىنى يۆتكەش، ماۋزۇسى ئۆچەملىك بولمىغانلىرىنى تەھرىرلەش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمەن .

سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم:
1.ئازراقلا سەزگۈر گەپ سۆز بار بولغان تېما ئىنكاسلارنى قەتئىي رەت قىلىڭلار ، تەستىقسىز چىقىپ كەتكەنلىرى بولسا دەرھال تازىلىۋېتىڭلار ، بىر قىسىم ئەگىتىپ ئېيتىلغان گەپ-سۆزلەرمۇ بار، بۇلارنى  چۈشىنەلمەيدىغان باشقۇرغۇچىلارمۇ يوق، شۇڭا بۇنداق تېما، ئىنكاسلارنىمۇ قەتئىي چەكلىمىسەك بولمايدۇ .مۇنبىرىمىزنىڭ بوشلۇقى شىنجاڭدا، بۇنى سىلەرگە بىر قانچە قېتىم دېدىم، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەكلا قاتتىق .
2. تېما تەستىقلاشتىن بۇرۇن تېما يوللانغان سەھىپىگە قاراپ تەستىقلاڭلار، ئەگەر سەھىپە توغرا تاللانمىغان بولسا تەستىقلىۋېتىپلا http://www.rohlan.biz/forum.php دىن يېڭى تېمىلار قاتارىدىكى ھازىر ئۆزەڭلار تەستىقلىغان تېمىغا كىرىپ دەرھال ماس سەھىپىگە يۆتكىۋېتىڭلار، ئەگەر تەستىقلاشقا ۋاقىت چىقىپ، يۆتكەشكە ۋاقىت چىقمىغۇدەك بولسا تەستىقلىمايلا قۇيۇپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ، ۋاقتى يېتىدىغانلار تەستىقلاپ يۆتكەپ قويسۇن، ئىمكان بار ئىشنى پۇختا قىلايلى، بىرىمىزنىڭ چالىسىنى يەنە بىرىمىز قىلىپ يۈرمەيلى .
3. تېمىنڭ ماۋزۇسى مەزمۇن بىلەن بىردەك بولمىغان، چۈشىنىكسىز، تېمىلارنى ئەھۋالغا قاراپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، دەرھال ماۋزۇنى مەزمۇنغا ماس قىلىپ تەھرىرلەپ قۇيۇڭلار (چۈنكى ھەممەزىيارەتچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش ئەمەس) ، بۇنىڭدىمۇ تەستىقلاشقا ۋاقىت چىقىپ، تەھرىرلەشكە ۋاقىت چىقمىسا ئەڭ ياخشىسى تەستىىقلىمايلا قۇيۇپ قويساڭلار بولىدۇ .
4. ئىنكاس يازغاندىن كېيىن مەزمۇنى كۆرۈنىدىغان تېما يوللاش قەتئىي چەكلىنىدۇ، باشقۇرغۇچىلار يوللاشقىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر ئەزالار شۇنداق يوللىغان بولسا ئۇنى تەھرىرلىۋېتىش لازىم، بۇنىڭ مۇنبەرگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ، ئەخلەت ئەزالار كۆپىيىدۇ، ئەخلەت ئۇچۇرلار كۆپىيىدۇ، ساندان سىغىمى ئېشىپ كېتىدۇ .

ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم ئۆتۈنەي، مەسئۇلىيەتچانراق بولساڭلار، ئۆزۈڭلار تەستىقلىغان تېمىنىڭ ماۋزۇسى، سەھىپىسى، مەزمۇنى،... دېگەنلەرنىمۇ ئوقۇپ باقساڭلار .
سىلەرنىڭمۇ روھلاننىڭ پايدىسىنى كۆرىدىغان ۋاقتىڭلار كېلىپ قالدى .

ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 ئىناۋەت +6 بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
tarhan009 + 2 + 6 + 1 ناھايىتى ياخشى تەكلىپ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-3-5 10:11:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر، مەن قوللايمەن ھەم بۇندىن كىيىن يۇقارقى نوختىلارغا دىققەت قىلىمەن. مەن خەۋەردار بولدۇم
ۋاقتى: 2011-3-5 14:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇنلۇق پىكىر، مەن بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ئاتاماننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىشقا تىرىشىمەن.
ۋاقتى: 2011-3-5 17:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئورۇنلۇق بولۇپتۇ ، مەنمۇ ۋاقتم چىقسا قىلىپ كېلىۋاتىمەن مۇشۇ يېقىندىن بۇيان...
روھلان تور بېكىتىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ۋە ياخشى باشقۇرۇپ تۆھپە قوشىۋاتقان باشقۇرغۇچى ئەزالارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت . ۋە بىزنىڭ قوللىغۇچىلىرىمىزغىمۇ رەھمەت . ئاللا ھەممىڭلارنىڭ دىلىغا پاكلىق ئىشلىرىڭلارغا ئوڭۇشلۇق ئاتا قىلغاي !
ۋاقتى: 2011-3-5 18:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توربىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  بۇ خىل نوقتىلارغا چۇقۇم دىققەت قىلىمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-8 21:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېكىتىمىزگە يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان باشقۇرغۇچى «7مېھمان» ئىزچىل تۈردە تېمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن كارى بولماي پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ بار-يوقلۇقى، تېمىسىنىڭ ماس سەھىپىگە يوللانغان ياكى يوللامىغالىقى بىلەن كارى بولماي تەستىقلاپلا قۇيۇپ، تەھرىرلەشكە ئھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى .
ۋاقتى: 2011-3-17 19:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ھەممىمىز دىققەت قىلايلى دوستلار، شەخسەم مەنمۇ يۇقارقى نۇقتىلارغا تېخىمۇ ئەستاھىدىل بولىمەن.
ۋاقتى: 2011-3-18 01:53:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادىلجانىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن ، مەنمۇ بۇنڭىدىن كىيىن دېققەت قىلىمەن .
ۋاقتى: 2011-3-18 20:34:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق . مۇنبەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ مول ،ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقان چوقۇم تىرىشىمەن .
مېنىڭچە ئەڭ مۇھىمى مۇنبەر مەزمۇنىنىڭ ساغلاملىقى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwan0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-18 20:35  

ۋاقتى: 2011-3-18 20:39:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەزىبىر پايدىلىنىش قىممىتى يوق ، تەكرار تېمىلارنى تەستىقلىماسلىقنى ئويلاشقان بولساممۇ ، لېكىن باشقىلارنىڭ تېما يازسام تەستىقلانمىدى دىمىسۇن دىگەننىلا ئويلاتىمەن . بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي . بىرسىمىز تەستىقلىمىغان تېمىلارنى باشقىلار تەستىقلاپ قويماس .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 13:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش