روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2526|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى:يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم

تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى

ئاسىيانىڭ كىندىكىدە نۇرلۇنۇپ ياتقان،
مۇقام مەشرەپ ناۋاسى ئورنىنى تاپقان،
بادام يۈرتى دىگەن مەشھۇر نامنى تاراتقان،
ئەجىر - مىھنەت ئەمگىگىدە تۆھپە ياراتقان،
بارچە ئەلنى جەلىپ قىلىپ ئۆزىگە قاراتقان،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.

شۈنچە كەڭ ھەم گۈزەل لالىزار قوينۇڭ،
تەرەققىيات مەنزىلىگە قەدەملەر قويدۇڭ،
پۇتۇن ئەلگە تاراپ نامىڭ بولدى يۈزۇڭ چوڭ،
باسقان قەدەم ھەر بىر ئىزىڭ يوللۇق ھەمدە ئوڭ،
ئۆستى يىلدىن- يىلغا سىنىڭ تاۋىڭ ھەم بويۇڭ،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم ،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.

باغ بىلەن پۇركەلگەن قوينۇڭ غىچلا باغ،
چاھارباغ، بىھىشباغ، گۈلباغ، ھەيدەرباغ،
ھەر تەرەپتىن كىلەر مىھمان  بىسىپ ھەم ئاياغ،
يىراق-يىراق جايلاردىن كىلەر ئىشىپ تاغ،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم ،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.


رەستىلەردە سودا- ساراي دۇكانلار رەت-رەت،
بىنالار سىلىندى قەۋەتمۇ-قەۋەت ،
گۈللەندى پەن- مائارىپ ھەمدە مەرىپەت،
تەرەققى قىلىپ كەتتى سەھرا يىزا-چەت،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.



قەدىمدە بار ئىدى تۆتخىل دەرۋازا،
قالىغاچ قەشقەر مەستۇر خانىقا،
قارىسا ھەر تەرەپتە تۈمەنخىل بازا،
سودا-  سىتىق قاينىغان قىزىغان تازا،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.

ئۇچقاندەك  يۈكسەلمەكتە بۇ ئانا ماكان،
خەلقى بەك باتۇر ھەمدە ئەمگەكچان،
ھەر ساھە ھەر كەسىپتە قۇچتى شەرەپشان،
بولغاچقا بارچە كىشى بىر تەن ھەم بىرجان،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.


ئۆتمۇشتىكى ئارزۇلار ئاشقان ئەمەلگە،
تەرەققىيات مۆجىزىلەر بۇنىڭدىن بەلگە،
ئاسايىشلىق يىڭى تاڭلار قۇت ئەتتى ئەلگە،
كۆڭۇلدىكىدەك كۈنلەر بولدى دەل كەلدى دەلگە،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم ،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.


ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردا ئوخىشىغاچ تاماق،
تەنگە قۇۋۋەت ھوزۇر بىرەر يىسەڭ نەچچە  ۋاخ،
باشقا غىزا ئۆتمەس گالدىن بۇ ئەمەس چاقچاق،
بەرسىمۇ گەر بىكارلىققا بىر ئالتۇن تاۋاق،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم ،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.

يوللار بولغاچ تۇپتۇز سىلىق قاتناشلار راۋان،
شۇڭلاشقا بىز سەپەرلەردە ئاشىمىز داۋان،
باردى كەلدى قولاي بولدى تىنىچ ۋە ئامان،
بىزگە قۇچاق ئاچتى  مانا بۇ ئازات زامان ،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم ،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.

   بارچە خەلىق تىنىچ ھەمدە تۇرمۇش باياشات،
خاتىرجەملىك ئىلكىدە ھەم ئۆتمەكتە ھايات،
يۈرتۇم   شان قۇچۇشتا ماڭا پەر- قانات،
شۇڭلاشقا مەن خوشال تىنىچ ھەمدە شات،
يەكىنىم سەن مىنىڭ قىرىق بىر يىشىم ،
سەن بىلەن ئاسمانغا تاقاشتى بىشىم.


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-18 14:38:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-2-18 20:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۆھتىرەم  « شائىرە »تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى: سىزغۇ  بۇ مۇنبەرگە كىرمەيسىز. شۇنداق بولغاچقا،  بۇ ئىنكاسىمنى كۆرەلمەيسىز!!! يوللىغۇچى چىن ۋىجدانى، ئەرلىك غۇرۇرى بىلەن ئېيتىپ باقسۇنكى، بۇ شېئىرنى ئەنە شۇ  تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى يازدىما؟!

  مۇنداق بىر جۈملىنى سوۋغا قىلاي تېما يوللىغۇچى «يىگىت»:

باشقىلارنىڭ جۇۋىسىنى كىيسەك،  بەدىنىمىز ئىللىغان بىلەن ۋىجدانىمىز خورلىنىدۇ!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 21:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ،بۇ شئېرنى تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى يازغان ،مەن يوللاپ قويدۇم ....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 21:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يازسام مىنىڭ ئىسمىم بىلەن چىقار ئىدى....

باھا سۆز

بۇنداق ئويۇن نومۇسسىزلارچە جىق ئوينالدى يىللاردىن بۇيان. مەن بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك سەگىدىتىپ قويۇش بىلەنلا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-18 22:15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 21:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرغا قارتا تەكلىپ ۋە تەنقىدى پىكىر بولسا بىرەرسىلەر.
ۋاقتى: 2016-2-18 22:15:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WOLKANI يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 21:49
مەن يازسام مىنىڭ ئىسمىم بىلەن چىقار ئىدى....


   بۇنداق ئويۇن  نومۇسسىزلارچە جىق ئوينالدى يىللاردىن بۇيان. مەن بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك سەگىدىتىپ قويۇش  بىلەنلا كۇپايىلىنەي. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك!  ئىشقىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشى چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس!
ۋاي ئ‍ەركىزات ئ‍ەپەندىم، ئ‍ەسلى ئ‍اپتور تىمىدىمۇ ئ‍ىپادىلىنىپتۇغۇ؟! ئ‍ەجىبا سىز كۆرمىدىڭىزمۇ ياكى باشقىچە پىكرىڭىز بارمۇ؟ چۈشىنىشلىكرەك گەپ قىلسىڭىز قانداق؟! ياخشى شىئ‍ىركەن،سىز بىزلەرنى تەڭ بەھىرلەنسۇن دەپ يوللاپ قويغاندۇ شۇ؟!

باھا سۆز

سىزچە كۆرمەسلىكىم مۇمكىنمۇ؟! سىزمۇ ئەدەبيات ساھەسىدىكى بۇ ئىشلارنى بارا-بارا چۈشىنىپ قالىسىز. مەتبۇئاتل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-18 23:39
ۋاي ئ‍ەركىزات ئ‍ەپەندى،شىئ‍ىرنىڭ ئ‍ەسلى ئ‍اپتورى تىمىنىڭ ئ‍ۆزىدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىغۇ؟ئ‍ەجىبا سىز كۆرمىدىڭىزمۇ ياكى باشقىچە پىكرىڭىز بارمۇ؟ياخشى شىئ‍ىركەن، سىز بىزنىمۇ تەڭ بەھىرلەنسۇن دەپ يوللىغاندۇ شۇ؟!
ۋاي ئ‍ەركىزات ئ‍ەپەندى،شىئ‍ىرنىڭ ئ‍ەسلى ئ‍اپتورى تىمىنىڭ ئ‍ۆزىدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىغۇ؟ئ‍ەجىبا سىز كۆرمىدىڭىزمۇ ياكى باشقىچە پىكرىڭىز بارمۇ؟ياخشى شىئ‍ىركەن، سىز بىزنىمۇ تەڭ بەھىرلەنسۇن دەپ يوللىغاندۇ شۇ؟!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 06:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش