روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1970|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۇناھمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 04:06  

                     
                 گۇناھمۇ                                                         ساڭا شۇنچە كۆيسەم گۇناھمۇ،
يار سۈزۈمنى ئېيتسام گۇناھمۇ،
مۇھاببەتلىك ئىككى ئالەمدە،
كۆڭۈل بېرىپ سۆيسەم گۇناھمۇ،

قاچۇرمىغىن مەندىن ئۈزۈڭنى،
ئالايتمىغىن خۇمار كۆزۈڭنى،
ئېيتىۋالاي يۈرەك سۈزۈمنى،
ئېلىۋالاي نازۇك كۆڭلۈڭنى،

بۇ دۇنيادا ئاشىقسىز مەشۇق بۇلارمۇ،
ئېرىشمىگەن سۆيگۈگە بەخىت قۇنارمۇ،
ئازاپلارغا قالدۇرساڭ ئازار بولماسمۇ،
مەڭگۈلۈككە بىر ئۆمۈر ئۆتسەم گۇناھمۇ

       ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان قايىم
         2016.يىل2.ئاينىڭ8.كۈنى
كېيىنكى: ئاتا
ئالدىنقى: جان ئانا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئۇستازلا باھا بېرىڭلا
ۋاقتى: 2016-2-8 14:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇ لېرىكىنى مەلۇم تۇيغۇنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈپ چىقتىڭىز ... شۇل جاپالىرىڭىز ۋە زېھنىڭىزگە تەشەككۈر ... مۇمكىن قەدەر سىز شېئېرىيەت قائىدىللىرىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ ... ھېسسىيات ياخشى ئەمما شېئىرىي پۇراق گەپكە ئايلىنىپ كېتىپ يېقىملىق تۇيغۇ ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن ... سىز يازغان لېرىكىڭىزنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا سىزگە ئەڭ ياقىدىغان نادىر ناخشىلاردىكى بېرىدىغان يۈرەكنى تېترەتكۈدەك سىزىم بولسۇن ... سىزنى تەسىرلەندۈرەلمىسە باشقىلارغا تېتىمايدۇ ... يەنىمۇ تېرشىڭ ...
رەھمەت ئەسكەرتكىنىڭىزگە
ۋاقتى: 2016-2-8 23:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەلكىن ئەپەندىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن ،  شېئېرلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ بولسا مۇنتىزىم بولغان تۇراق ،رېتىم ،قاپىيە ئاساسىدا مەلۇم مەزمۇننى گۈزەل تىللار بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇۇرۇشتىن ئىبارەت . يەنىمۇ تىرىشىڭ ئاندىن شئېرى تىلنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىسىز. يەنە كېلىپ بۇ شېئېرىڭىزدا ھېسيات ئىپادىلەنگەن بىلەن تۇراق رېتىم دېگەندەك چۈشمەي قاپتۇ ،  قارىغاندا قولىڭىزغا قەلەم ئالغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئوخشايدۇ .  ئەلۋەتتە دەسلەپتە مۇشۇنداق بولۇشى مۇقەررەر ، داۋاملىق تىرىشسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ياخشى شېئېرلارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيسىز.   سىزگە ئامەت !! قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !!!.
مەن شىئېر يېزىشقا كىرىشكىلى ئون نەچچەكۈن  بولغان بىر يېزىپ باقاي دەپ شۇ
ۋاقتى: 2016-2-9 16:13:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azat007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-9 16:17  

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 05:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش