روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3236|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
يۈرىكىمنى بېرەتتىم شۇ تاپ.
مېھىر بىلەن ئىللىسا بىر پەس،
مۇز قەلبكە چۈشكەندە ئاپتاپ.

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
شېئىر يازسام ئۇنىڭغا ئاتاپ.
غەرق ئەتسەم مىسرالىرىمدا،
مۇھاببەتتىن دولقۇنلار ياساپ.

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
قۇچاق ئاچسام شادلىنىپ قاراپ.
مەستخۇشلۇققا چۆمسەم لەھزە، ئاھ!…
لەۋلىرىدىن ئىچكەندە شاراپ.

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
قولىقىمغا ئاستا پىچىرلاپ.
ئويغانسام بۇ مۇدھىش ئۇيقىدىن،
يۈرمىسەمكەن قايتا تىپىرلاپ.

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
(چەكمىسەمچۇ بۇنچە ئىزتىراپ).
ئۇنتۇپ دۇنيا غەلۋە-زارىنى،
تەنھالىقنى قىلسام مەن خاراپ.

       2015-يىل   22-دېكابىر.     -خىيالپەرەس.


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-9 03:37:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز . قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن ،        مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلۇق شىئىرلىرىڭىزغا تەشنامىز.
ۋاقتى: 2016-1-9 11:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-1-9 12:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارنى خىيال قىلىپ ياخشى يېزىپسىز ،،،،خىيالپەرەس  دوستۇم....تېخىمۇ تىرىشىڭلا،،،،،،،،،،،،،،،،
ۋاقتى: 2016-1-9 15:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
تېرىلەتتى ئۆلگەن روھىممۇ.
قان يۈگۈرۈپ مۇڭلۇق چېھرىمگە،
ئوڭشىلاتتى رەڭگى-تۇرقۇممۇ.

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
ھاياتىمنى قىلاتتىم تەقدىم.
باھاردىكى لالە رەڭ گۈلدەڭ،
ئېچىلاتتى ئۆمۈرلۈك بەختىم.

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
سۆيۈش ئۈچۈن يارالغان دەيتىم.
گۈلخان كەبى ئاتەش سۆيگۈلەر،
ۋۇجۇدۇمغا تارالغان دەيتىم.

ئەگەر بىر قىز سۆيىمەن دېسە،
تاپشۇراتتىم  ئاڭا بارىمنى.
يۈرىكىمگە باساتتىم مەھكەم،
پەرىزاتتەك ئوماق يايرىمنى...
ۋاقتى: 2016-1-9 19:15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-1-11 17:20:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-1-15 14:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىز  شۇنداق دەپمۇ قالار، ئۈمۈتۋار بولۇڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 21:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش