روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2766|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاتا-ئانام، مەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-15 15:06:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                                                 ئاتا-ئانام ۋە مەن4 I* j% v9 e  w& B5 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئىنسان ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئاتىنىڭ قەدىرلىك ئاتا-ئانىسىز پەرزەنتنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى." z1 Q$ ^# Z7 S! `, n* ]9 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بالىلار تۇغۇلىشىدىن باشلاپ ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدە، ئاتىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ئاساسىدا بېقىنىپ ياشاشنى مەلۇم مەزگىلگىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ ھەربىر ئىش ھەركەتلىرىدىن سۈيۈنىدۇ، مەيلى قىش مەيلى ياز، ئۇيقىسىز تۈنلەردە بولسۇن قانچىلىك رىيازەت چىكىشىدىن ۋايسىماي، بالىنىڭ ساغلام تىتىك چوڭ بولىشى، ياراملىق ئادەم بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بارلىغىنى پەرزەنتىگە  بېغىشلايدۇ. بۇ ھەرقانداق ئاتا-ئانىدا بولىدىغان ئارزۇ.- T' R! P# d, O; v% M4 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئاتا-ئانىمىز بىزنى ئادەم قىلىش يولىدا كۆپ جاپا تارتتى، بۇلارنىڭ تارتقان جاپاسى ھەرگىز بىزنى دەسمايە قىلىپ مەلۇم مەنپەئەتكە ياكى مەبلەغ توپلاشنى كۆزلىگەن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىمىزدا باشقىلارغا يۆلەنچۈك بولمىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىگىدەك، كىيىنكى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالمىسۇن، ياخشى كۈن كۆرۈپ پەزىلەتلىك ئادەم بولسۇن دەپ تاپقىنىنى بىز ئۈچۈن سەرىپ قىلدى، بىزنىڭ كىيىنكى كەلگۈسىمىزنىڭ پارلاق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدى.
( t! W4 u# i8 Q+ S  ئاتا-ئانىلار نىمە ئۈچۈن شۇنچىلىك بەدەل تۆلەيدۇ؟ ئۇ بالا تەربىيلەش يولىدا ئۆزىدىن كەچتى؟ بارلىغىنى ‹‹بالامنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن›› دەپ سەرىپ قىلدى؟- Z$ J9 G" _) P8 G7 k" B! |: Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  قايسى بىر چاغلاردا ئاتا-ئانىمىز بىزنى كۆتۈرۋېلىپ، ئۇماق قىلىقلىرىمىزدىن سۈيۈنگەن ھالدا باشقىلارغا ھەربىر قىلىقلىرىمىزنى ھاياجان بىلەن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتكەن، تويماي قارىغان، مېھرى بىلەن سۆيگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆيۈشلىرى، كۆيۈشلىرى بىزنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىمىزدە ھەردەم ئەسلەش ۋە ھاياجانغا سالماقتا.
, [+ z' |5 @1 o+ P+ Oبىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىن قېچۋىشى
+ v  J- l4 ^7 o) Hمەن بىر ئوقۇغۇچى، قانچىنجى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىقى نامەلۇم...../ G: m; o7 p& ]$ H4 Y) ]% yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاھ ئۇرىۋاتىمەن
4 a2 ?/ ^* Z& B7 x& b8 Lمەن يەنە بىر مۇھىت بىلەن ئۇچىراشتىم، يېڭى مۇھىت مىنىڭ بۇرۇنقى مەكتىپىمنى ئەسلەشكە، سېلىشتۇرۇشقا ئۈندىمەكتە، يېڭى ھايات، يېڭى تۇيغۇ، يېڭى ھىسلار بىلەن بەنىت بولدۇم، خىياللىرىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مەسئۇل ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئوبرازىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى، ھەي دېدىم، ئۆزەمچە بىر ئىشلارغا نارازى بولغاندەك. شۇ خىياللىرىمدا يەنە بىر خىيالنىڭ قاينىمىغا چۆكمەكتە، ئەمما دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرىقى مەندىكى شۇ شىرىن خىياللارنى بۇزدى، دائىم ئارام ۋاقتى توشۇش جېڭى چېلىلسىلا، يۈگۈرۈش ئادىتىم بويىچە سىنىپقا قاراپ يۈگرىدىم، ھاسىراپ ھۈمۈدىگىنىمچە سىنىپقا كىردىمدە پارتامدىن ئۇرۇن ئالدىم، ئارقامدىن ئۇلاپلا ئوقۇتقۇچۇممۇ كىردى، مەن دەرىسلىك كىتابىمنى ئاشقان قىياپەتتە ئوقۇتقۇچۇمغا قاراپ قويدۇم، كاللامغا دەرىس كىرىۋاتامدۇ ياكى قۇرۇق پاراڭمۇ ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايلا يەنە بايامقى خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردۇم، قاياقلارغىدۇر ئەگىگەن خىيالىم ھازىرقى مەكتىپىم بىلەن بۇرۇنقى مەكتىپىمنى سېلىشتۇرۇشقا چىللىغاندەك، مەندە بۇرۇنقى بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرۇش تۇيغۇسى تۇغۇلۇپ خىيالغا پاتتىم، شۇ تەرىقىدە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ يېنىمغا كەلگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن، پارتىدىشىم مىنى ئاگاھلاندۇرمىغان بولسا تۇيۇماي دوسكىغا قاراپ تۇرىۋەرگەن بولاتتىم، ئوقۇتقۇچۇم  ــئۆزلىرى جاۋاپ بېرىپ باقسىلا ... ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان يەرنى جەنۇپ دىسەك، جەنۇپ بىلەن شىمالنى قانداق نەرسە ئايرىپ تۇرىۋاتىدۇ؟ ئورنۇمدىن تورۇشمۇ خىيالىمغا كەلمىگەن چېغى، شىمالدىكى جۇمۇلاڭما چوققىس دىگەن گەپ قۇلۇقۇمغا كىرىگەچكە ، مەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردىم، جاۋابىمنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچى ماڭا ئېچىنىشلىق قارىغان ھالدا بېشىنى يىنىك سىلكىگىنىچە ــ كۆز دوسكىدا بولغان بىلەن خىيال قايسىبىر يەردىكىن! ھازىرقى باللا..... گىپىنىڭ ئاخىرسىنى دىمەيلا، دەرىس سۆزلەشكە كىرىشىپ كەتتى، مەن تاتلىق بىر ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك، سەگەكلىشىپ كەتتىم بولغاي دەرھال ئىسىمگە مۇئەللىمنىڭ سورىغان سۇئالى كەلدى، بەرگەن جاۋابىمنى ئويلاپ ئىككى ياققا قارىدىم، باشقا ساۋاقداشلىرىم دەرىس ئاڭلاۋاتىدۇ ئەمما مەن قار باسقان ئۇيقىدىن ئويغانغان ئادەمدەك بەرگەن جاۋابىمدىن بەك خىجىل بولدۇم، بەرگەن جاۋابىمنى ئويلاپ ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالمىدىم، قولۇمنى كۆتۈرەي دىيىشىمگە مۇئەللىم ماڭا قاراپ يەنە سۇئال سورىدى، شىنجاڭ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ قايسى تەرىپىگە توغرا كىلىدۇ؟ قولۇمنى دەرھال تارتتىم، تېخىمۇ خىجىل بولدۇم، بۇرىندىن تارتىپ ئەپلەشمەي كىلىۋاتقان ئوقۇشۇم مۇشۇ سائەت دەرىستىن كىيىن تېخىمۇ ئەپلەشمىگەندەك تۇيۇلدى، ئەمدى خىيالىم شۇ جاۋابىمدىلا قالدى، ئۆزەمچە توۋا توۋا دەپ يېنىش يېنىشلاپ توۋا دىدىم، مەن ئەپلەشتۈرەي دىسەممۇ ئەپلەشمەيۋاتقان ئوقۇشۇم بەرگەن جاۋابىمدىنلا چىقىپ تۇرغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن، شۇ خىيالدا دەرىس ۋاقتىنىڭمۇ توشقىنىنى بىلمەي قاپتىمەن، ساۋاغداشلىرىم ماڭا ــ سەن نىمىلەنى دەۋاتىسەن؟ بۇنچىلا بوپ كەتكۈچە ئاستا ئۆيۈڭدىكى قوي كالىلىرىڭنى باقساڭ بولماسمىدى؟ ئۆزۈڭنى قىيناپ نىمىش قىلىدىغانسەن.... دەۋاتاتتى، مەن باللانىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ماڭا قارىتىپ دىگەن سۆزلىرىگە رەدىيە بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنە خىيالغا پاتتىم. شۇ ھامانلا سىنىپتىن چىقتىم، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن، ئامانلىق قوغدىغۇچى ئاكاشنىڭ ــ ھوي نەگە ماڭدۇق! دىگەن گىپىدىن بېشىمنى كۆتۈردۈم، ئۇ ئاكاش يەنە ــ يانىلە ھە ئۆزىنى-ئۆزى قويىۋەتكەنلەرگە  دەرۋازا ئىچىش بۇيرۇقى كەلمىدى تېخى.... دىگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم، ئۇ ئاكاشنىڭ چىرايىغا بىر قۇر قارىغىنىمنى بىلىمەن ئۇ يەنە ــ ھە چۈشەنمىدۇقما.... دەپ تۇرىشى، خىيالىمغا ‹‹ئۆزىنى-ئۆزى قويىۋەتكەنلەرگە دەرۋازا ئېچىش بۇيرۇقى تاپشۇرۋالمىدىم›› دىگەن سۆزى كەلدى، مەن  بۇ خىيالنى قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي، خيالىمدا شۇ گەپ بولسىمۇ، مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقىسىغا كەلدىم، ئىككى ياققا قارىۋەتكەندىن كىيىن تامدىن ئارتىلىپلا مەكتەپتىن چىقتىم، ھازىر خياللىرىم مەكتەپتىن چىقىپ نەگە بېرىش بىلەن بەنىت، قاتتىق ئۇھ تارتىپ، ئاھ ئۇرىۋاتىمەن. م
& K3 k6 Y4 p: P8 V
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-16 02:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە. بىراق، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ‹‹ مەكتەپتىن قېچىش›› سەۋەبى ئېنىق بولماي قاپتۇ. نېمە سەۋەبتىن مۇئەللىمنىڭ سۇئالىغا تاقا-تۇقا جاۋاپ بېرىدۇ؟ ئۇ بۇ ئىشقا نېمانچىلا ھەسرەت چېكىدۇ؟ بۇنداق بالىلاردىن ئۈمىد كۈتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنى ئەقىلسىز، دكت دەپ تىللىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى مەكتەپنى سېلىشتۇرۇشى خاتا. مەيلى قايسى مەكتەپ بولسۇن، مەكتەپ ياخشى ئەمەس، بىلىم ياخشى. بىلىم ئىگەللەش ئارزۇسى بولسا، تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقكىدا تۇرۇپمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.بۇندىن كېيىن تېما يوللىغان ۋاختىدا، بۇ خىلدىكى بالىلار بىلەن كۆپراق سىردىشىپ، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازما ياكى بايان ماقالىسىگە ياكى نەسىرگىمۇ ئوخشىماي قاپتۇ. يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ياخشى تېمىلارنى رويابقا چىقىرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن...
ۋاقتى: 2015-12-16 10:25:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-30 17:41:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇنى ھىس قىلدىم، پىسخىكا ھالىتى شۇنچىلىك مۇھىم، ئادەمنى مەلۇم بىر ئىشنى ئويلااندۇردىغان ھالەتكە يەتكەندە يەنى ئىدىيسىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، شۇڭا ھەرقانداق بىر كىشى مەلۇم بىر چۈشەنچىگە كەلگەندە ئىككىنجى شەخىس مىڭ توغرا مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيسىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى مىسال كەلتۈرۈش ئەمەس كۆز ئالدىدا ئەمەلى تەجىربىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ قايىل بولماي ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىشى مۇمكىن مەسىلەن دەل مۇشۇ ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش.4 F  _1 H7 N8 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن مەكتەپتىن قاچتى، بۇ نىمە ئۈچۈن؟
! z. E$ k4 G& E  N- y  بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىر مۇھىتتىن يەنە بىر مۇھىتقا يۈزلىنىشى، كۆز ئالدىدىكى پۈتكۈل يېڭىلىقلارغا سېلىشتۇرۇش پوزىتسىيسىدە بولۇش، مىنىڭچە بىردەملىك ھىسىيات. مەلۇم بىر ئادەم يېڭىلىققا يۈزلەنگەندە سېلىشتۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇش نورمال ئەھۋال، دەپ ئويلايمەن، ئەمما سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ياقمىغان تەرەپلەر بولسا، دەل شۇ ئەھۋالدا ئىككىنجى بىر شەخىس پەيدا بولسا ئۇ كىشى باشقا بىر تىمىدا سۆزلەپ ئۇ كىشىگە قاتتىق تەگسە، ئۇ كىشى نۆۋەتتە ئويلىغانلىرىدىن بىردەملا چەتنەپ ئىككىنجى ب ىر سۆزنى قوبۇل قىلىپ بولغۇچە تەنقىتكە ئۇچىرا ۋەرسە مىنىڭچە ئۇنىڭ باشقا قاراشقا كىلىشى مىنىڭچە نورمال ئەھۋال.- K1 Y, x6 n- F0 n3 B% G' Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  مىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىغا ئاچچىغىم كەلدى، يۈز بەرگەن ئىشلارنى سالماقلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلالماي مەكتەپتىن قېچىش نىيتىگە كىلىدۇ ۋە قاچىدۇ؟ مەنچە ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش قىزغىنلىقى بۇرۇندۇن تارتىپلا سۇس، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇشۇ خىل يولنى بىخارامان تاللىشىنىڭ سەۋەبى  ئۇنىڭ تۈپ يىلتىزى نەدە دىگەن مەسىلىدە توختۇلۇشقا توغرا كىلىدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 06:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش