روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2778|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خىيالچان قار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قاردىكى ئۈمىد

ياققىنى قار ئەمەس بەلكى مۇھەببەت،
سەن بىلەن ياندىشىپ ماڭغان دەقىقە.
شۇتاپتا ئىللىپلا كەتمەمدۇ جاھان،
بەرسەڭكى سۆيگۈڭدىن تېمىم سەدىقە.

قار بولۇپ ياغماقتا ئۈمىدلەر شۇ تاپ،
سۆيگەندە قارگۈلى چۈشۈپ مەڭزىمگە.
بار چۇقۇم ئالدىمدا گۈزەل بىر مەنزىل،
ئاھ، ئۆتمۈش سىلجىتما مېنى كەينىمگە.

ياققىنا، ياققىنا ئەي سۈيۈملۈك قار،
يەتكۈزۈپ ئاشىقنى مەشۇق ۋەسلىگە.
رەڭگىڭدىن دىللارغا تامغاندا باھار،
شېرىن چۈش كۆرىمەن سۆيگۈ پەسلىدە.

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەت ، ئۈزڭىز يازدىڭىز ما ؟ بەك ياخشى يېزلىپتۇ
ۋاقتى: 2015-11-7 23:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستتىنلا يېقىشلىق چىقىپتۇ!
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-11-8 10:33:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!
ۋاقتى: 2015-11-8 13:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشتا  باشلانغان   شىئېركەن  دە  .....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-9 00:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، قار ياغقان شۇ كۈنى يېزىلدى
ۋاقتى: 2015-11-9 08:03:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت لېرىكىسىدا قوش پاختەك سوقۇپسىز ئەمەسمۇ ... ھىسسىيات خېلى ياخشى چىقىپتۇ ... بارىكاللا ...
ۋاقتى: 2015-11-9 13:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ!
ۋاقتى: 2015-11-9 13:36:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،بارىكاللا...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-27 10:03

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش