روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: تۈز
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گرامماتىكا بىلىملىرىدىن سىنتاكىس ۋە تىنىچ بەلگىلىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-9-7 22:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك «تۈز» ئۇستاز، ياشىنىپ قالغان تۇرۇپمۇ سىزنىڭ شۇنچىلىك زور زېھىن ۋە ۋاقىت ئاجرىتىپ، بۇ تېمىنى يوللىغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن قاتتىق تەسىرلەندىم ۋە سۆيۈندۈم، ئانا تىل- يېزىقىمىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈدىغان سىزدەك بىر ئۇستازنىڭ بولغانلىقىدىن ھەم كەڭ ئەۋلادلارغا بۇ ھەقتە كۆرسەتمە بەرگەنلىكىڭىزدىن تېخىمۇ بەك قايىل بولدۇم، رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز ئۇستاز
; E6 h2 s% q6 A; Dسىزنىڭ تېمىنىڭ باش قىسىمىدىلا نۆۋەتتىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنىڭ ئەسلىدىكى بىز ئۆگەنگەن «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى بىلەن «ئەدەبىيات» دەرسىنىڭ بىرلەشتۈرۋېتىلىش ئىكەنلىكىدەك قارىشىڭىزغا تامامەن قوشۇلىمەن (ئەلۋەتتە، مۇنبەردىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن).
9 B/ N  B/ q8 p  Hئەمدى، ھۆرمەتلىك «ئەركزات» ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىغا نىسبەتەن مەنمۇ ھۆرمەتلىك «نۇرلان» ئۇستازنىڭ قايتۇرما ئىنكاسىغا تامامەن قوشۇلىمەن. چۈنكى، بىز بىرەر يېرىم خەتنىڭ خاتا يېزىلىشىغا ئاساسەن، بۇ ئۇستازنىڭ ياخشى كۆڭلىگە بۇنداق سوغۇق سۇ سەپسەك بولمايدۇ. بەلكىم، بۇ تېمىدىكى خەتلەرنى تېما ئىگىسى ئۇستازىمىز «تۈز» ئەپەندىم ئۆزى يازغاندۇ ياكى بولمىسا باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ يازدۇرغاندۇ، بۇنىسى نامەلۇم، مۇھىمى تېما يوللاشتىكى ئاساسىي مۇددىئانىڭ شۇنچىلىك ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەسلىكىدە.
; r/ }% [: X# C  _6 Y! Yمەنمۇ ئەسلىدە بىر تىل- ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان ھەم شۇ سەۋەبلىك شۇ كەسىپتە قىسقا مۇددەت ئوقۇپ، كېيىن مەلۇم مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، گەرچە ھازىر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەممىنى تاشلاپ، كىچىككىنە يەككە تىجارەت بىلەن كۈنۈمنى ئېلىۋاتقان بولساممۇ، ئەمما ئۆزۈم سۆيگەن ئەشۇ ئانا تىلىمغا بولغان مېھرى- مۇھەببىتىم بىر مىنۇتمۇ سۇسلاپ قالغىنى يوق. ھېلىھەم ئۆزۈم قىلىۋاتقان ئىشلىرىم دائىرىسىدە مۇشۇ ئىملا مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمەن ھەم ئۆز تەسىر دائىرەمدىكىلەرگە بۇ ھەقتە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمەن......% @" X3 q$ L1 s+ q% p" y8 T4 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتىمنىڭ تولىمۇ قىسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئىنكاسنى مۇشۇ يەردە توختىتىشقا مەجبۇرمەن.
2 [, j% B# e5 H& h! W7 B4 ?ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم ھۆرمەتلىك «تۈز» ئۇستازنىڭ بۇ تېمىسى ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك، ياخشى تېما. ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلار، ئەڭ مۇھىمى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى تىل-يېزىق خىزمىتىنى قىلىدىغانلار چوقۇم بۇ ئىشقا دىققەت قىلساق بولىدۇ.
3 N2 l8 @- ^$ {1 G9 N4 l# Mھۆرمەتلىك «تۈز» ئۇستازنىڭ ئالتۇن تېنىگە سالامەتلىك- ئامانلىق، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا چەكسىز ئاساسىيشلىق، تۇرمۇشىغا بەخت ۋە خوشاللىق تېلەيمەن!
- r8 {" V+ y9 p+ F
ۋاقتى: 2015-10-4 01:41:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش