روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلارغا يوقلىما

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك روھلان تور بېكىتىنىڭ جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرى ياخشىمۇسىلەر!
روھلان تور بېكىتى ئۈچچۈن، جۈملىدىن ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە مىللى مائارىپ ئۈچۈن خىزمەتتىن سىرت  خالىسسانە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتىسىلەر ، سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .
يېقىندا روھلان تور بېكىتىنىڭ 2 يىللىق خاتىرە كۈنى پائالىيتىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدۇق، بۇ جگرياندا باشقۇرغۇچىلار ناھايىتى كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت چىقاردىڭلار، بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ خۇشال بولدۇم .
ئەمدى مەن سىلەرگە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئىشنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
يېقىندىن بۇيان تور بېكىتىمىزدىكى تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ.
بۇ يەردىكى سۈپەت دېگىنىم:
1. تېما يوللانغان سەھىپىنىڭ قايسى سەھىپە بولۇشىغا دىققەت قىلمايلا تېمىنى تەستىقلىۋېتىش(بۇ ئەھۋال ئالدىراشچىلىقتىن بەزىدە مەندىمۇ سادىر بولىۋاتىدۇ، ئەمما بايقىغانلىرىمنى دەرھال يۆتكىۋەتتىم)
2. تېمىنىڭ ماۋزۇسى چۈشىنىكسىز، تېما مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتسىز، ئىملاسى خاتا ، قالايمىقان ھەرپ بەلگە ئارىلىشىپ قالغان،... ئەھۋاللاردىمۇ شۇ پېتى تەستىقلىنىپ كېتىش ، تەستىقلانغاندىن كېيىنمۇ تەھرىرلەنمەسلىك ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ .(تېما مەزمۇنىدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىشكە ۋاقىت چىقىرالمىساقمۇ ماۋزۇدىكى خاتالىقنى تۈزەتمىسەك بولمايدۇ چۈنكى باش بەتتە دائىملىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمى دەل ماۋزۇ)
3. تەكرار تېما، تەكرار ئىنكاسلار بىر تەرەپ قىلىنماسلىق ياكى تەستىقلىنىپ كېتىش، ئىنكاس مەزمۇنىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ (بېكەتتە مەزمۇن كۆچۈرۈپ چاپلانسا مەزمۇن ئاخىرىغا «ئەسلى مەنبە: http://bilim.rohlan.biz ، تېما ئادرىسى: http://bilim.rohlan.biz/thread-3610-1-1.html » دەپ قوشۇلىدىغان ئىقتىدار بار) تەستىقلىنىپ كېتىش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ.(ئىكككى قۇر ئىنكاس يېزىشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويغانلارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقلاشنىڭ ھاجىتى يوق)

ھازىرچە كۆپ كۆرىلىۋاتقان يۇقارقىدەك 3 خىل مەسىلە بار، باشقۇرغۇچىلار باشقۇرۇش جەھەتتە بىلەلمەسلىك، چۈشىنەلمەسلىك ئەھۋالى بولسا سورىساڭلار بولىۋېرىدۇ .
تور بېكىتىمىزنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشەنچ دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى تۈزىتىش ئىنتايىن مۇھىم .

ئۇنىڭدىن باشقا بېكەتكە مىللەت، دىن، سىياسەت، قانۇن-نىزامغا شەك كەلتۈرىدىغان، رەھبەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىسىز خەۋەر،... قاتارلىق مەزمنلارنىڭ يولىنىپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلانساق .
بۈگۈن مېنى ناھىيلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە چاقىرتىپتۇ، ئۇلارمۇ تىزىملاش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ، تور بىكەتلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ بوشاپ قالغىنى يوق، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن، شۇڭا 2 ياشقا كىرگەن بۇ روھلان تور بېكىتىنى ھەمىمىز بىرلىكتە ئاسرايلى.
======================================================================================================
قۇشۇمچە ئېلان:
تور بېكىتىمىزگە قۇيۇلغان  google نىڭ ۋە 890 نىڭ ئېلانلىرىنى كۈندە بېكەتكە كىرگەندە بىر قېتىم چېكىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭلار، بولسا بېكەتتە پات پات ئىنكاس ۋە تېماڭلاردا بۇ ئىشنى ئەزالارغا ئەسكەرتىپ قويساڭلار  دېگەن ئۈمىتتىمەن . كۈندە پەقەت بىرلا قېتىم، كۆپ چېكىلسە زىيانلىق.
ئېلاننى چەككەندە ئېچىلغان ئادرىسنى ئالدىراپلا ئېتىۋەتمەي بەت تولۇق ئېچىلپ بولغۇچە ساققلاپ ئاندىن ئېتىۋەتسەڭلارمۇ ياكى بىرەر مىنۇتچە شۇ بەتتىكى مەزمنلارنى ئوقۇپ زىياررەت قىلساڭلارمۇ بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندا ئېلاننىڭ چېكىلىشى ئۈنۈملۈك ھېسابلىنىدۇ .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-10-1 00:32:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر باشقۇرغۇچىنىڭ چوقۇم ئىنكاس قالدۇرۇپ يوقلامدىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىمەن .
ۋاقتى: 2010-10-1 00:36:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقاردىكىدەك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ، سان بىلەن سۈپەتنى تەڭ تۇتۇش كېرەك !!!
ۋاقتى: 2010-10-1 00:45:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سان قوغلاشماي سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن سىياسى مەسىلىلەرگە چېتىشلىق تېما،ئىنكاسلارنىڭ مۇنبەر يۈزىگە چىقىپ قېلىشىنىڭ قەتئى ئالدىنى ئالايلى. بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق.
ۋاقتى: 2010-10-1 01:11:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   火炬 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-1 23:09  

ئاتامانىمىز ناھايىتى ئورۇنلۇق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ دوستلار،يېقىندىن بۇيان  مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم:
1.نومۇس قىلماي(بەلكىم يېڭى بولغاچقا بىلمەسلىكتىندۇ)باشقىلارنىڭ تېمىسىنى يوللاپ بولغان ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپلا تېما مەزمۇنىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ قويۇپلا شۇ پېتى ئۆزىنىڭ قىلىپ يوللايدىغان ئەزالارمۇ پەيدا بولۇپ قالدى.ئەسكەرتىش بەرسەكمۇ ئىنكاسمۇ يوق،چۈشەندۈرۈشمۇ يوق ،شۇ پېتى يوقاپلا كەتتى.مىسال ماۋۇ ئىككى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار:
http://bilim.rohlan.biz/thread-3634-1-1.html
ماۋۇ مېنىڭ يوللىغىنىم:
http://bilim.rohlan.biz/forum-viewthread-tid-3341-from-home.html
2.بەزى يېڭى ۋە كونا ئەزالار جۇغلانمىسىنى كۆپەيتىش ۋە  مۇنبەر تەڭگىسى تېپىشنى مەقسەت قىلىپ تاپقانلا نەرسىسىنى يوللاپ،تېمىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى بىلەن ھېسابلاشماستىن يوللاۋىرىدىغان،باشقا مۇنبەرلەردىن ئۆز پېتى ئازراقمۇ ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرمەستىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ مەنبەنىمۇ ئەسكەرتمەي باشقا قېرىنداش تور بىكەتلەر بىلەن زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولۇۋاتىدۇ.بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىساق بولمايدۇ.تور بىكىتىمىزنى تېما ۋە ئىنكاس سانىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس،يوللانغان تېما ئىنكاسلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىكلىكى بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.بۇنداق بولمىغاندا تور بىكەت بوشلۇقى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ قىسقىغىنە بىرەر يىلغا قالماي توشىدۇ(بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا بولۇشى مۇمكىن)بۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈپ تېما ئىنكاس تازىلايدىغان،يېڭىدىن يوللانغان بەزى قىممىتى بار تېمىلارمۇ تەستىقلانماي قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى،ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى پاخال تېمىلار ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ يېڭىدىن باشقا ئادرىس ياكى بوشلۇققا كۆچۈپ ئۇشبۇ بوشلۇقتىكى ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز ئېسىل تېمىلار شۇ پېتى ئۇخلاپ قېلىشى مۈمكىن....
3.ئىملا خاتالىقى...بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەم قايناپلا قالىمەن! تېما ئىنكاسلارنى ئارىلاپ كۆرۈش جەريانىدا ھىس قىلغىنىم قەدەمدە بىر ئىملا خاتالىقى....بۇ يېڭى ئەزالار ئىچىدىلا ئەمەس خېلى كونا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېما ئىنكاسلىرى ئارىسىدىمۇ خېلى كۆپ ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلە.ھەممىمىز ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۈگەنگەن،ساۋادىمىز بولغاندىن كېيىن تېما ئىنكاس يوللىغاندا سەل ئالدىرىمايراق خەتلەرنى توغرا ئۇرۇپ پاكىزە تېما ئىنكاس يوللاشقا تىرىشىپ ئەزالارغا ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۈلگە بولساق دەيمەن(پەش چىكىتلىرىنى ئۆز جايىغا قويالمىغان تەقدىردىمۇ).تېما ئىنكاس يوللاش جەريانىدا بەزى خەتلەر خاتا ئۇرۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن،بىراق يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن تەھرىرلەپ تۈزىتىپ قويساقمۇ بولىدىغۇ....مەنغۇ ئادەتتە ئىملا خاتالىقى بىر قەدەر كۆپ ساقلانغان تېما ئىنكاسلارنى ئۇدۇل بارار جايىغا يولغا سېلىپ قويىمەن.
4.تېمىنى ماس سەھىپىگە يوللىماسلىق.تېمىلار ماس سەھىپىگە يوللانمىسا كۈنلەر ئۆتۈپ،ئايلار ئۆتۈپ تېمىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ لازىملىق تېمىنى ماس سەھىپدىن تاپقىلى بولمايدىغان،بىر كۈنلەرگە كەلگەندە باشقا بىر سەھىپىدىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇچراپ قېلىپ ۋاختىدا ئەسقاتمىغان تېمىنى ئىچىدە تىللاپ تور بىكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇقەررەر.شۇڭا بۇنىڭغا ھەممىمىز ئالاھىدە دىققەت قىلساق دەيمەن.
قىسقىسى مەن ۋە جۈملىدىن بارلىق باشقۇرغۇچىلار ئاتامانىمىز ئادىل ئەپەندىمنىڭ يىتەكلىشىدە يېقىن تۇرۇپ تور بىكىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق!

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
ن  ۋاقتى: 2010-10-1 01:35

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +14 ئىناۋەت +8 تەڭگە +1 بايلىق +3 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 14 + 8 + 1 + 3 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2010-10-1 10:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پىكىر بوپتۇ.
ئاز بولسا،ساز بولسا،ئىملا توغرا بولسا،ھەرقايسى جەھەتلەردىن پاكىز،ساغلام تەرەققىي قىلساق.
ۋاقتى: 2010-10-1 11:38:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامامەن ئورۇنلۇق تېما،ھازىر ھەقىيقەتەن ئاتامان دېگەندەك مەسىللەر سادىر بولۇپ كېلۋاتىدۇ،جۈملىدىن مەندىمۇ شۇنداق،بۇندىن كېيىن ئامال بار ئەستايدىل بولۇشقا تىرىشىپ ھەقىيقى روھلان ئوبرازنى يارتىشقا تىرشىمىز.
تېما سۈپىتىگە ھەقىيقى كاپالەتلىك قىلىپ روھلاننىڭ تەرەقىياتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يوقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييارمىز!!!!!
ۋاقتى: 2010-10-1 11:45:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرچە با دەپ تۇراي . لىكىن ئالدىراش بولغاچقا پىكرىمنى كېيىنگە قالدۇراي .
ۋاقتى: 2010-10-1 12:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر تىمىنى شۇنداق قىلىپ قۇيۇپتىمەن لىكىن تۈزىتىمەن دەپ ۋاقىت چىقىرالمىدىم .
ۋاقتى: 2010-10-1 19:24:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دىققەت قىلاي، يېقىندىن بۇيان بەكلا ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ  تىما يوللاشقا پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ. ھەممىمىز ئورتاق تىرىشساق روھلاننىڭ كەلگۈسى پارلاق.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 04:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش