روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2802|ئىنكاس: 25
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

زىبا :نورۇز بۈگۈن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 10:36  

نورۇز بۈگۈن
ئامانگۇل ئابدۇكېرەم زىبا

QQ图片20150320012503.jpg

نورۇز بۈگۈن ،شاتلىق بۈگۈن ،توي بۈگۈن ،
باھار بىلەن ھەممە يەردە ئەمگەك بۈگۈن .



ھايات قايناق جۇش ئۇرىدۇ لەرزان كۈلۈپ،
ناغرا -سۇناي ،ئۇسۇل  مەشرەپ،بەزمە بۈگۈن .



بوۋاي-موماي تەڭ كۈلىدۇ يېڭى كۈنگە ،
نەۋرە -چەۋرە چىۋىق مىنىپ كۈلەر بۈگۈن .



قىز -يىگىتلەر ھەۋەس بىلەن سۆز تاشلىشىپ ،
پاك مۇھاببەت  ھۇزۇرىنى سۈرەر بۈگۈن .



ئىش قاينايدۇ  ئېتىزلاردا ناخشا بىلەن ،
دىھقان ئاتام باش باھارغا كىرەر بۈگۈن .


QQ图片20150320012452.jpg

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مەكىتتە يېزىلدى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +21 بايلىق +20 تۆھپە +4 يىغىش سەۋەبى
بۇنەبى + 1 ياقتۇردۇم
جام + 20 + 20 + 20 + 20 + 4 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-3-21 12:34:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ھەم بەت يۈزىنى بەك كۆركەم لايھىلەپسىز ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن !

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئەزھەر ئەپەندى .  ۋاقتى: 2015-3-29 11:43
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-3-21 14:40:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا زىبا خانىم. مەرھابا نەۋرۇز مۇبارەك. نەۋرۇز قەلىمىڭىزگە كۈچ بېرىپتۇ. مىڭ ئەپسۇس ئىسىمىمنى نەۋرۇز دەپ قويىۋېلىپ نەۋرۇزدا ھەر قايسىڭىزلارغا سوۋغا ئېلىپ كېلەلمىدىم. بەكمۇ خىجلمەن. سەۋەبى بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق كۈندە ئوغلۇمنىڭ سۈنئەت تويىنى ئۆتكۈزۈپ نەۋرۇزنى كۈتىۋالاي دەپ بىر تەرەپتىن خىزمەت بىر تەرەپتىن چايغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. گەرچە بۇ قېتىم ئالدىڭلاردىكى بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىغان بولساممۇ كىين چۇقۇم باشقا يازمىللىرىم بىلەن تۇللۇقلىۋالىمەن .
يېڭى يىلدا قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەركەت تېلەيمەن زىبا خانىم . سالامەت بولۇڭ

باھا سۆز

ئاغرىپ دوختۇرخانىدا بولۇپ قېلىپ مۇنبەرگىمۇ كىرەلمەي ،قۇتلۇق ئىشلاردىن كىچكىپ خەۋەر تېپىپتىمەن . سىز ھەرگىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-29 11:48
مۇشۇنداق قۇتلۇق ئىشلارغا داخىل بولغىلى روھلان ئەھلىگە ( جۈملىدىن ماڭا) بىرەر تال بارغاق يوقما؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-21 20:59
مۇشۇنداق قۇتلۇق ئىشلارغا داخىل بولغىلى روھلان ئەھلىگە ( جۈملىدىن ماڭا) بىرەر تال بارغاق يوقما؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-21 20:59
ۋاقتى: 2015-3-21 15:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇزلۇق تىلەكلەر ۋە تەبىرىكنامىلەر ئۈزۈلمىسۇن،. ياخشى يىزىپسىز ، قەلەملىرىڭىز تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقسۇن بارىكاللا

باھا سۆز

قەدەملەر مۇبارەك ئۈمۈدى ،سىزنى كۈرۈپ خۇشال بولدۇم .  ۋاقتى: 2015-3-29 11:49
ۋاقتى: 2015-3-21 17:41:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇزلۇك ياخشى تىلەكلەرگە ئاپىرىن !بىزەكلىرىمۇ ئۆزگىچە بىزىلپتۇ ،ھەم رەڭدارلىشىپ جەلىپكارلىقىنى تېخىمۇ  نامايەن قىپتۇ !

باھا سۆز

ئەسسالام ۋولقانى ئەپەندى ، كونا مۇنبەرداشلارنى كۈرۈپ باشقىچە روھلىنىپ قالدىم جۇمۇ . بەرگەن مەدەتلىرڭىزگە كۆ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-29 11:51
ۋاقتى: 2015-3-21 19:51:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق خاسىيەتلىك يىل بېشىدىلا بىر ياخشى غەزەلنى ئۇقۇپ شۇنداق ھاياجانغا چۈمۈلدۈم،زىبا خانىمنىڭ ئويغاق تەسەۋۇرىدىن ،تاتلىق تەپەككۇرىدىن دىللىرىم سۈيۈندى،قەلىمىڭىز مەڭگۇ جۇلالىسۇن.

باھا سۆز

ئاددى يازمامغا بەرگەن يوقۇرى باھالىرڭىزغا كۆپ رەھمەت كۈسەنى ئەپەندى .  ۋاقتى: 2015-3-29 11:52
ۋاقتى: 2015-3-21 20:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 14:40
بارىكاللا زىبا خانىم. مەرھابا نەۋرۇز مۇبارەك. نەۋرۇز ق ...

مۇشۇنداق قۇتلۇق ئىشلارغا داخىل بولغىلى روھلان ئەھلىگە ( جۈملىدىن ماڭا) بىرەر تال بارغاق يوقما؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-28 22:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش